1. ئەگەر سىز يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن قورقۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتۈشنى تاللىماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ تەلىپىگە ياخشى ئويلىنىپ «ماقۇل» دەڭ. ئەگەر سىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن مەزگىل بىرگە تۇرۇشقا كۆزىڭىز يېتىپ، توينى پەقەت رەسمىيەت دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى توختىتىۋېلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا «ماقۇل» دەڭ. ئەگەر ئۇ سىز ئۈچۈن نۇرغۇن مال-دۇنيا سەرپ قىلماقچى بولسا، سىز ئۇنىڭ تەلىپىگە يەنىلا ئالدىراقسانلىق بىلەن جاۋاب بەرمەڭ. 2. باشقىلارنىڭ «ئىككىڭلار بەك ماس كېلىسىلەر» دېگەندەك گەپلىرىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەڭ ياكى مۇھەببەتلەشمەڭ. چۈنكى ئۇلار بۇنداق دېگەندە قارشى تەرەپنىڭ پەقەت سىزگە ماس كېلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتىدۇ. شۇڭلاشقا، سىز ۋاقتىڭىزنى باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئاتالمىش ھېسسىيات ئويۇنى ئۈچۈن سەرپ قىلماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ سەزگۈسىگە ئېشىنىڭ، سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن زادى كىمنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. ئەگەر ھازىر يۈرۈۋاتقان دوستىڭىز راستىنىلا شۇنداقلا، ئۇنداقتا ھېچ ئىككىلەنمەي ئايرىلىپ كېتىڭ. ھەممە ئىشلارنى قايتىدىن باشلاڭ. 3. ئەگەر مەلۇم ئەر سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلسا، سىز ھەرگىز ئۇنىڭغا خالىغانچە مۇئامىلە قىلماڭ. نۇرغۇن قىزلار دائىم باشقىلاردىن ئازار يەيدۇ. ئەمما، ئۇلار ئاشۇ ياخشى ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە سانسىز قېتىم ناچارلىق قىلغانلىقىنى بولسا ئۇنتۇپ قالىدۇ. باشقىلارغا ئامال بار ئاق كۆڭۈل، يۇمۇرستىك، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بار يەنى مۇستەقىل ئىدىيىگە ئىگە ھەمدە تېرىشچانلاردەك تۇيغۇ بېرىشكە تېرىشىڭ. ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان، سىزنى چىن قەلبىدىن سۆيىدىغان ئەرنى ئىزدەڭ. 4. ئاياللار ئادەتتە چىقىش يولى بولمىغان ھېسسىيات يولىنى رەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەڭ ئاخىردا بىر كىشىلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. بۇ خىل قورقۇنچ ئۇلارنى ھەر دائىم بىر خىل ۋەھىمىگە سېلىپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇ خىل ۋەھىمىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش كېرەك، چۈنكى بۇ خىل ئىدىيە سىزنىڭ بىراۋنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئىدىيىڭىزنى بەربات قىلىۋېتىدۇ. ئاخىرىدا سىز سىزنى ياخشى كۆرگەن كىشىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىسىز. 5. سىز قارشى تەرەپنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئوبدان كۆزىتىڭ. ئەگەر قارشى تەرەپ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسە ھەمدە ھۆرمەتلىسە، ئۇنداقتا باشقىلارنىڭ ئالدىدا سىزنىڭ ھۆرمىتىڭىزنى قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، سىزنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا چۈشۈرىدۇ ياكى سىزگە ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمەيدۇ.
يېڭى تېمىلار
شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号