تەۋسىيە
خەۋەرلەر |
|
ئامېرىكىنىڭ نىفىت ز.. | يېڭىدىن يېتىلىۋاتق.. | ئىجتىمائىي ئالاقە ت.. | ياپونىيەدىكى ئاپەت.. | رۇمىنىيەدە سىگان گۈ.. | مودا ئەرلەر كىيىملى.. | تېڭشۈن مىكرو بلوگ An.. | «سەنئەتلىك» تىلەمچ.. | |
|
|
|
ئامېرىكىنىڭ نىفىت زاپىسى كۆپىيىپ، خەلقئارا نىفىت باھاسىغا تەسىر كۆرسەتتى |
نيو-يۇرىك ۋاقتى 30-مارت 13:30 دا (بېيجىڭ ۋاقتى 31-مارت 2:30) NYMEX نىڭ 5-ئايلىق خام نىفىت قەرەللىك مال باھاسى 52 ئامېرىكا پۇڭى يەنى %0.5 پىرسەنىت چۈشۈپ، ھەر تۇڭى (يەنى بىر تۇ 158.98 لىتىرغا تەڭ) 104.27 ئامېرىكا دوللىرى بولدى. ICE شىمالىي ئامېرىكا نىفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 3 ئامېرىكا پۇڭى چۈشۈپ، ھەر تۇڭى 115.13 ئامېرىكا دوللىرى بولدى. بۈگۈن 1105 كېلىشىمدە شاڭخەي يېقىلغۇ مېيىنىڭ باھاسى چۈشۈپ، ھەر توننىسى 4625 يۈەن بولدى. ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 29 يۈەن چۈشۈپ، چۈشۈش نىسبىتى %0.62 پىرسەنىت بولدى. چەتئەل بازارلىرىدا ماي باھاسى يۇقىرى ئورۇندا داۋالغۇپ تۇرغانلىقتىن، باھا يۈزلىنىشىنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. دۆلەت ئىچى بازارلىرىدا، سودا يەنىلا بىر خىلدا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خۇاڭپۇ يېقىلغۇ ماينىڭ نەق مال سودىسىدا، باھا يەنىلا بىر قەدەر مۇقىم بولغان. كەسىپ ئەھلىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن مەزگىلدە يېقىلغۇ ماينىڭ زاپاس مىقدارى يۇقىرى بولغان. جۇڭخۇا نىفىتى، 180CST يېقىلغۇ ماي زاپىسى، تەيشەن شىياۋلۈ زاپىسى ۋە شىجى زاپىسىنىڭ ماي باھاسى ھەر توننىسى 4900 يۈەن بولغان. جۇڭخۇا نىفىتى گۇاڭدۇڭ تارماق شىركىتىنىڭ 180CST يېقىلغۇ ماي شىجى زاپىسىنىڭ ماي باھاسى ھەر توننىسى 4660 يۈەن بولغان. پاراخوتقا ئىشلىتىدىغان 180CST نىفىتنىڭ پاراخوتلارنى تەمىنلەش باھاسى ھەر توننىسى 4950 يۈەن بولغان. ئامېرىكا ئېنىرگىيە مىنىستىرلىكىنىڭ چاشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ھەپتە ئېكىلاخما شىتاتىدىكى خام نىفىت زاپىسى 41 مىلىيۇن 900 توننىغا يىتىپ رېكورت ياراتقان. سانلىق-مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ نىفىت زاپىسى 2 مىلىيۇن 900 مىڭ تۇڭ كۆپىيىپ، 355 مىلىيۇن 700 مىڭ تۇڭغا يەتكەن بولۇپ، يىل باشىدىن بۇيان 21 مىلىيۇن تۇڭ كۆپەيگەن. نىفىت زاپىسىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ سەۋەبى نىفىت ئايرىش لىنىيىسىنىڭ ئاسىراش ۋە رېمونىت قىلىش سەۋەبىدىن تاقىلىشىدىن بولغان. لىۋىيە ھۆكۈمىتى ئارمىيىسىنىڭ قازافېينىڭ يۇرتىدىن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر قۇراللىق كۈچلىرىنى چىكىندۈرىشى، ئامېرىكا ۋە بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ھاۋا ھوجۇمىنىڭ لىۋىيە قارشىلىق كۆرسەتكۈچ كۈچلىرىنى قوللاشنى مەقسەت قىلامدۇ قانداق؟ دىگەن گۇمانىي قاراشنى كۈچەيتىۋەتتى. قازافېينىڭ ئەسكەرلىرى يەنىلا پەيتەخىتتىكى لىبورى ۋە قازافېينىڭ يۇرتىنى كونتىرول قىلىپ تۇرماقتا.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-4-1 11:10:15 ئۇقۇلۇشى: 44 قېتىم] |
|
|
ئەرۋاھ بۇ ئايالن.. | دۇنيادىكى ئاجايى.. | بۆرەك سېتىۋالغۇچ.. | دۇنيادا بۇ بالىد.. | لايىق تونۇشتۇرۇش.. | ئامېرىكىنىڭ نىفى.. | برازىلىيەدە مۇدد.. | كۇچا — كورلا يۇقى.. | يېڭىدىن يېتىلىۋا.. | مارالبېشى ناھىيە.. | نەچچە مىڭ يىللىق.. | ئابدۇرېھىم ھېيىت.. |
|
|
|