تېڭشۈن مىكرو بلوگ Andriod 2.2.0 نى ئېلان قىلدى |
مەنبە: www.cnbeta.com
2011-03-28 07:39
Cnbeta تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرى، بۈگۈن تېڭشۈن مىكرو بلوگى Andriod 2.2.0 ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەخسۇس Andriod يانفون ئابونتلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان يۇمتالدىن ئىبارەت. ئەگەر سىزدە QQ نومۇرى بولسىلا سىز ناھايىتى ئاسانلا بۇ مىكرو بلوگقا چىقالايسىز. بۇ بلوگنىڭ خەت چەكلىمىسى يەنىلا 140 خەت بولۇپ، يانفون ئابونتلىرى ئۈچۈن، ناھايىتى زور خۇشاللىق ھېسابلىنىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يۇمشاق دېتال Android 1.6 دىن يۇقىرى مەشغۇلات نەشرىنى قوللايدىكەن. بۇ يۇمتالىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى: 1. چىراي ئىپادىسىنى قوللايدۇ، @ ئابونتلىرى كۆرسەتمە يازالايدۇ، ھەمدە تېما قىستۇرۇش ئىقتىدارىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. 2.داۋاملىق ئىشلىتىدىغان مەشغۇلاتلارنى ئىلغارلاشقان. 3.ئىنكاسنى باھالاشنى قوللايدۇ، باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى تارقاتقىلى ۋە ئۇنى باھالىغىلى بولىدۇ. 4. يۇمتالىنىڭ ئىگىلەيدىغان سىغىمى كىچىك. 5. يېڭى ئۇچۇر ئەسكەرتمىسى تېخىمۇ ئىلغارلاشقان. 6. سىستېمىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تۈرلۈك ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
چۈشۈرۈش ئۇسۇلى: 1. يانفون wap چۈشۈرۈش: سىز يانفون تور كۆرگۈسىگە «t.3g.qq.com» دەپ كىرگۈزۈپ، تېڭشۈن تورىنىڭ مىكرو بلوگ سۇپىسىغا كىرىپ، سىز تۆۋەن قىسىمدىكى «ئابونت نۇسخىسى» (客户端) نى بېسىپ، چۈشۈرۈش بېتىگە كىرسىڭىز بولىدۇ. 2. Andriod market چۈشۈرۈش: سىز Android Market نى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، «تېڭشۈن مىكرو بلوگ Android نەشرى» نى ئىزدەپ، چۈشۈرۈشنى باسسىڭىز بولىدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-3-29 10:28:39 ئۇقۇلۇشى: 50 قېتىم] |
|