برازىلىيەنىڭ شەرقى قىسىمىدىكى بىر ئاياللار تۈرمىسى تۇنجى قېتىملىق گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، چىمپيۇن بولغۇچى گەرچە دۇنيا گۈزەللىرىدەك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ، تېنچلىقنى تەشەببۇس قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىسىمۇ، لىكىن 1000 بىرازىلىيە پۇلى ۋە كەسپى تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن.
خەۋەردە دىيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە 12 ماھىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن بولۇپ، مۇسابىقە تۈرلىرى ئەدەپ-قائىدە، نازاكەت قاتارلىقلاردىن باشقا، يەنە كۆپ ئۇچىرايدىغان مەسىلەرگە تېز جاۋاپ بېرىش ۋە تۈرمىدىكى ئىپادىسى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە چىمپىيۇنم بولغۇچى 19 ياشلىق گۈدشىن بولۇپ، ئۇ قاتىللىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۇچىرىغان ئىكەن.
گۈدشىن چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەندىن كىيىن، «مەن ئادەم ئۆلتۈرمىدىم» دىگەن، ھەم پات يېقىندا نارازىلىق ئەرىزى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتكە قايتىپ چىقىپ، ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ياشاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەردە مۇنداق دىيىلگەن: برازىلىيەدىكى بۇ تۈرمە گۈزىلىنى تاللاش مۇسابىقىسى بولسا برازىلىيە جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە كىشلىك ھوقۇق جەمئىيىتى ئېلىپ بارغان پائالىيەت ئىكەن.