ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئوبامانىڭ ئىلگىرىكى ياردەمچىسىنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلدى |
سەيدى تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرى، «نىيو يورك ۋاقىت گېزىتى» دە مۇنداق دېيىلدى:« ئىجتىمائىي ئالاقە تورى كاتتىۋېشى Facebook ئالدىنقى كۈنى ئاقساراينىڭ ئىلگىرىكى ئاخبارات كاتىپى روبېرت.جىببس (Robert Gibbs) نى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلماقچى بولغان.
«نىيو يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىغان خەۋىرىگە قارىغاندا ئالدىنقى ئالدىنقى ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى Facebook جىببس (جىببس ئوبامانىڭ ئىلگىرىكى كۈچلۈك ياردەمچىسى) تەكلىپ، قىلىپ، ئۇنىڭ كېلەر يىلقى ئاشكارا ھالدا پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش پىلانىدىن بۇرۇن، Facebook نىڭ ئالاقە باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىشقا چۈشۈشنى ئۆتۈنگەن. ئۇزۇن قۇلاق ئەربابلارنىڭ تەمىنلىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمى تېخىچە دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، تېخىچە جىببىسقا رەسمىي ھالدا تەكلىپنامە ئەۋەتمىگەن ئىكەن. «تېمس گېزىتى» دە مۇنداق دېيىلدى:«جىببسنىڭ پىلانى ستراتىگىيلىك تىجارەت بۆلۈمىدىن ئالمىشىپ، ئوباما 2012-يىلى قۇرىدىغان ‹ئۇ دا سايلام رىقابىتى ئەترىتى› گە ياردەم بېرىش». ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەربابنىڭ دېيىشىچە، Facebook جىببسنىڭ تېزرەك قېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. Facebook نىڭ جىببسنى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلغانلىقى توغرىسىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەس-بەستە ئاخبارات ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما Facebook بىلەن جىببس بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-3-29 11:21:50 ئۇقۇلۇشى: 171 قېتىم] |
|