-
ئاتا بوۋىلار نەسىھەتلىرىدىن
سالاملىشىش قائىدىسى
تونۇش ياكى ناتونۇش ئىككى كىشى بىر بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، ئۆز-ئارا سالاملىشىشلىرى ئىنتايىن زۆرۈر. تونۇشلار ئۇچراشقاندا پەقەت سالاملىشىپلا قالماي، بىر-بىرىنىڭ ھال-ئوقەتلىرىنىمۇ سوراشلىرى لازىم.
بىر كىشى ئىككىنچى كىشىگە سالام بەرسە، ئۇنى دەرھال ئىلىك ئېلىپ، سالامنىڭ جاۋابىنى بەرگەي. سالامنى تولۇق<ئەسسالامۇئەلەيكۇم>، دەپ ئېيتقاي.<ئەسسالام-ئەلەيكە>، دېيىش توغرا ئەمەس. <سالام ئەلەيكۇم> ياكى <سالام> ياكى <ئەلەيكە سالام> ياكى سالام بەردۇق دېيىشكە بولمايدۇ. سالامنىڭ جاۋابى <ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام>بولۇپ، بۇنى <ئەلەيكۇم سالام>، < ئەلەيكە سالام> ياكى پەقەت <ئەلەيكۇم >، دەپلا قويۇش توغرا ئەمەستۇر. <ئەسسالامۇئەلەيكۇم>-ئەرەبچە سۆز بولۇپ، <سىزگە تىنچ-ئامانلىق بولسۇن>، دېمەكتۇر. <ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام> بولسا < سىزگىمۇ تىنچ-ئامانلىق بولسۇن> دېگەن سۆزدۇر.
سالاملاشقاندا باشنى ئەگمەستىن ، ئىككى قولىنى كۆكرەككە قويۇپ سالام بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. نۇرغۇن ئادەمگە ئۇچراپ ئۇچرىشىپ قالغان كىشى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم سالام بېرىپ يۈرمەي، ھەممىگە قاراپ بىرلا سالام بەرسە شۇ كۇپايە قىلىدۇ. ياش جەھەتتە كىچىك كىشى يېشى چوڭغا . مېڭىپ كېتىۋاتقان كىشى ئولتۇرغان كىشىگە سالام بېرىشى لازىم. كەمسىتىپ، كۆزىگە ئىلمىغاندەك، ھىجىيىپ سالام بېرىش ئەدەپسىزلىك، سالام سەمىمىي بولسۇن. سالام ئالغان كىشى بېشىنى قىمىرلىتىپلا قويماسلىق كېرەك. سالامنىڭ جاۋابىنى ھۆرمەت بىلەن تەلتۆكۈس ئاڭلىتىپ دېيىش كېرەك. ئەگەر بىر كىشى تونۇشىنى يىراقتىن كۆرۈپ قېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىش ئىلاجىنى قىلالمىسا، شۇ جايىدا تۇرۇپ، قولىنى كۆكسىگە قويۇپ، سالام ئىشارىسىنى بەرسە بولىدۇ.
قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، قولىنىڭ ئۇچىنىلا بېرىپ سالاملىشىش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. مۇنداق قىلىش سالام بەرگەن كىشىنى كەمسىتكەنلىك، ئۇنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ. ئۇزاققىچە بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشمىگەن كىشىلەر قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشلىرى كېرەك.
كوچا-كويدا ئۆزىنى تۇتۇشكوچىدا ئەدەپ بىلەن يۈرۈش، كىيىملىرىگە مەينەت نەرسىلەرنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش لازىم. ئېغزىنى ئېچىپ، كۆرۈنگەنلا نەرسىگە ھاڭۋېقىپ يۈرۈش ياخشى ئەمەس. بازاردا ۋە ئادەملەر كۆپ يىغىلغان جايلاردا ئېھتىيات بىلەن مېڭىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بىپەرۋالىق بىلەن چامداپ باشقىلارنىڭ پۇتلىرىنى دەسسىۋېلىش ياكى باشقىلارنى ئىتتىرىپ، سوقۇۋېتىش، شۇنىڭغا ئوخشاش نا لايىق ھەرىكەتلەر بىلەن باشقىلارغا ئازار بېرىش ياخشى ئەمەس. ئەگەر ئىككى ئەر كىشى ياكى ئىككى ئايال ئۆز-ئارا سۆزلىشىپ تۇرغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈش تەربىيىسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.
ئەگەر يولدا قېرى بوۋاي-مومايلار كېتىۋاتقان بولسا، ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ كەينىدە مېڭىش لازىم. ئىشى ئالدىراش بولۇپ قالسا، ئۇلاردىن چەتنەپ، يانداپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك.
ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرغان يول ئۈستىدە سۆزلىشىپ تۇرۇۋېلىپ، يولۇچىلارغا دەخلى قىلىش توغرا ئەمەس، چەترەك جايدا تۇرۇپ سۆزلىشىش لازىم. يول ئۈستىدە پۇتلىشىپ تۇرغان تاش، تىكەنگە ئوخشاش نەرسىلەرنى كۆرگەندە، ئۇلارنى چەترەك يەرگە ئېلىپ تاشلىسا، باشقا يولۇچىلارغا پايدىلىق ئىش قېلىغان بولىدۇ. كۆرۈنگەنلا يەرگە تۈكۈرۈش، مىشقىرىش ۋە مەينەت نەرسىلەرنى تاشلاش تەربىيىسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. كوچىدا ياشانغان كىشىلەر، ئاجىز ئادەملەر ياكى كىچىك بالىلار ئۇچراپ قالسا، ئۇلارغا ياردەملىشىش كېرەك. ئۇلارنىڭ يۈكلىرى بولسا، دەرھال قولىدىن ئېلىپ ياردەم بەرگەن كىشى ناھايىتى ئالىيجانابلىق قىلغان بولىدۇ. يول ياقىسىدا دەم ئېلىپ ئولتۇرغان كىشى ئەدەپ- قائىدىگە رىئايە قىلىشى لازىم. يولدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان خوتۇن-قىزلارغا چېقىلىش، مەسخىرە قىلىش ئەدەپسىزلىكتۇر. بىرەر كىشى يېنىغا كېلىپ ئولتۇرسا ئەدەپ دائىرىسىدە چىرايلىق سۆزلىشىپ ئولتۇرۇش كېرەك. ئىغۋا، پىتنە-پاساتلاردىن تىلىنى يىغىش لازىم. بىرەر كىشى تېيىلىپ ياكى پۇتلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش كېرەك.
ھەممە ئادەمگە سەن ياخشى قىلىق قىل،
تىلىڭنى خۇش، چىرايىڭنى ئىللىق قىل.
نېچۈك سۆز بولسا سەن ياخشى ئىشىتكىن قۇلىقىڭغا قىلىپ ھالقا بېكىتكىن.>
ئاتا نەسىھىتى
بىر دانىشمەن ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىلدى:
_بالام، خەلقنىڭ ئۆزۈڭگە غەمخورلۇق قىلىشىنى خالىساڭ، ئاۋۋال ئۆزۈڭ خەلققە غەمخور بول. ئۆز ئەمگىكىڭنىڭ زايە بولماسلىقىنى تىلىسەڭ، خەلقىڭنىڭ ئەمگىكىنى زايە قىلما. ئابرۇيلۇق بولۇشنى ئىزدىسەڭ، كەمتەر بول. باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قېلىشنى خالىمىساڭ، يۈرۈش-تۇرۇشىنى تۈزۈت. قەدىر-قىممىتىم ئاشسۇن دېسەڭ. باشقىلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىل. كۆپچىلىكنىڭ ئۆزۈڭگە دوست بولۇشىنى ئىزدىسەڭ، ئادەملەرگە قولۇڭ ۋە تىلىڭ بىلەن ئازار بەرمە. ئىززەت-ھۆرمەت ئىگىسى بولۇشنى خالىساڭ، مۇمكىنقەدەر مېلىڭنى نامراتلاردىن ئايىما. مۇكەممەل بىر ئادەم بولۇشنى ئارزۇ قىلساڭ، ئۆزۈڭگە يارىمىغان بىر ئىشنى باشقىلارغا راۋا كۆرمە. دىلىڭ رەنجىپ، سەپرايىڭ ئۆرلەشنى خالىمىساڭ، جاھىل، رەزىل كىشىلەر بىلەن گەپ تالىشىپ يۈرمە. غەمسىز بولاي دېسەڭ، ھەسەتخور بولما. قايغۇ-ئەلەمدىن يىراق بولۇشنى ئىزدىسەڭ، قولۇڭدىن چىقىپ كەتكەن نەرسە ئۈچۈن ھەسرەت چەكمە، ئەل-ئاغىنەڭنىڭ كۆپىيىشىنى خالىساڭ، خۇش-خۇي، شېرىن سۆزلۈك بول، ھېچكىمگە ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت ساقلىما. سىرىڭنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنى خالىمىساڭ، سىرىڭنى دوستۇڭغىمۇ ئىيتما.شەپقەت بىلوگى
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ