-
ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر رۇبائىيلىرى
1
شېئىر يازماق ئاسان، ھەق سۆزلىمەك تەس،
شائىرغا ھېرىس تاما بولمىغاي ھەۋەس.
يازغاننى قەدىرلە ئاۋۋال سەن ئۆزۈڭ،
سېتىپ خەجلىگىلى ئۇ تاۋار ئەمەس.
2
ئەجەب بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن.
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابى،
ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
3
ئۆتنە يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش،
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش.
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېمەك،
ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ھار ئىش.
4
يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پېلەك،
چېچەكسىز پېلەكتە نە قىلسۇن خەمەك.
ئۇزارغانسېرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى،
بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك.
5
ئاسمانغا نەزەر سال يۇلتۇز بىساناق،
ئۈسۈشمەي ئۆتىدۇ ئەزەلدىن ئىناق.
جاھان كەڭرى دوستۇم يېتەر ھەممىگە،
ئادەمگە ياراشماس، سۆڭەك تالاشماق.
6
ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم،
تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم.
ۋە لېكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياھقا،
ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ ، چېكەرسەن ئەلەم.
7
شۆھرەت كەمىرىگە ئۇزاتقۇچە قول،
ئوتۇنچى ئايالنىڭ ئارغامچىسى بول.
تاجدارلارنىڭ تاجىسى كۆزى بولغۇچە،
كۆكلەم يامغۇرنىڭ بىر تامچىسى بول.
8
بىلمەكتىن مۇراد، نام -شۆھرەت ئەمەستۇر.
شۆھرەتكە ئىنتىلىش رەزىل ھەۋەستۇر.
بىلگەننى دان قىلىپ ئېتىزغا چاچساڭ،
ھوسۇلى ئەلگە بولسا ، ئۇشبۇ بەستۇر.
9
سايلام بىلەن كىشى تۆرگە چىققان بار،
بىھەت قۇشى قونسا ئەمەل تۇتقان بار.
ۋە لېكىن ئالىملىق مەرتىۋىسىنى،
رىيازەتسىز قاچان بېرىپ تاپقان بار.
10
تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا،
تەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
تەڭ بولىمىز ئاخىرى يەنە قەبرە ئالدىدا
11
مەجنۇنتال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم،
سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تەزىم.
سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا،
بۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.
12
تاھىرغا ئۆزىنىڭ زۆھرەسى ياخشى،
مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.
مىنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق قەلبىمگە،
ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.
13
چىۋىننىڭ قانىتى ئاينى ياپالماس،
چۈمۈلە ھارۋىنى يولدىن توسالماس.
ئالقانچە يەردىكى قۇياش نۇرىنى،
مىڭ ھارۋا تۇپىمۇ ھەرگىز كۆمەلمەس.
14
شادلىق بىلەن قايغۇ قوشكېزەك ئىمىش،
مۆلدۈرگە باھارۇ كۈز بىردەك ئىمىش.
ئۇتۇقتا يوق دېمە ئوڭۇشسىزلىقنى،
كىشىلىك ھاياتى شۇ دېمەك ئىمىش.
15
ئالتۇن ھەل يالاتساڭ كېسەكتۇر كېسەك،
گەرھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئېشەك،
كۆرۈمسىز شۇ پىلە قۇرۇتىغا باق ،
يەپ ئاددىي يوپۇرماق بېرىدۇ يىپەك،
16
كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ ،
جاھان تۇرماق ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ،
مۇبادا رەشك- ھەسەت قاپلىسا ئۇنى،
تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ ئاران سىغىدۇ،
17
سۇۋادان تىرەككە تاش ئاتماس كىشى ،
سەۋەب شۇكى يوقتۇر ئۇنىڭ يېمىشى ،
يېمىشلىك دەرەخكە تەككەچ كۆپ تاياق ،
ھەمىشە يورۇق تۇرىدۇ بېشى .
18
ياشلىق ھەر كىشىنىڭ گۈلىستان بېغى،
ھەر تاڭدا بۇلبۇلنىڭ ناۋاكەش چېغى.
بىر قاچا سۈت بولسا بۇ ئۆمۈر دېگەن،
ياشلىقىڭ شۇ سۈتنىڭ قايمىقى، يېغى.
19
دۇئا قىلسا ھەر ۋاخ مۆمىن مۇسۇلما، ن
تىلەيدۇ دوزاختىن بولماقنى ئامان.
ۋە لېكىن، دوزاخنىڭ ئۆزى ئېيتارمىش،
«مەن ئۆزۈم قورقىمەن ناداندىن يامان».
20
بىر نادان ئۈگەتسە ساڭا دانىش،
كۈلۈپ قويغىن سەن ئاڭا، قىلما كايىش.
ئىشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى،
ئاتوم دەۋرىدىمۇ ، تۇرمۇشتا بار ئىش.
评论
بۇ شېئىرنى باشتىن ئاياققىچە ئۇقۇدۇم ھەقىقەتەن مەنىۋېيلىگى
يەنى تۇرمۇشنىڭ قۇيۇق كۈرۈنىشى ئەكىس ئىتىلىپ تۇ