• سەن مەندەك بولالامسەن ؟

    Mar 14, 2009


    سەن مەندەك بولالامسەن ؟

      مۇھەممەتجان راشىدىن
     
    سەن مەندەك بولالامسەن ،
    دۆڭگە سۇ قۇيالامسەن ؟
    ئاناڭغا سويمىغان قوينى ،
    باشلىققا سويالامسەن ؟

    قويغا ئۆزگىرەلەمسەن ،
    ئىتقا ئايلىنالامسەن ؟
    مەندەك ئەركىلەپ يۇرۇپ ،
    باشلىق سايلىنالامسەن ؟

    سەن مەندەك بولالامسەن ،
    كۆككە غادىيالامسەن ؟
    "بۇ ئىشىڭ خاتا " دېسە ،
    شۇ ئان جايلىيالامسەن ؟

    ئاغزىڭدا شەھەر ئىلىپ ،
    بىر كۆتەك يارالامسەن ؟
    بېلىڭنى سىيلاپ يۇرۇپ ،
    مۇكاپات ئالالامسەن ؟

    سەن مەندەك بولالامسەن ،
    غەيۋەتمۇ قىلالامسەن ؟
    ياخشىلارغا دەرت كەلسە ،
    چاۋاكمۇ چالالامسەن ؟

    قانچىلىك ھۆنەرۋەنسەن ،
    قاپقانمۇ قۇرالامسەن ؟
    ھەر دوستۇڭغا بەش ئورا ،
    مەندەك كولىيالامسەن ؟

    سەن مەندەك بولالامسەن ،
    قىزلارنى تورالامسەن ؟
    دادېسى كىلىپ قالسا ،
    قورقماستىن ئۇرالامسەن ؟

    پايپاسلاپ سەتەڭلەرنىڭ ،
    كەينىدىن ماڭالامسەن ؟
    ئەر يەتكەن بالاڭ تۇرۇپ ،
    ئاشنا ئوينىيالامسەن ؟

    سەن مەندەك بولالامسەن ،
    قاۋاقتا قونالامسەن ؟
    ساقچىلار كىلىپ قالسا ،
    مەندەك تېز تونالامسەن .

    يىتىمنى بوزەك ئەيلەپ ،
    يالغۇزنى ئۇرالامسەن ؟
    نوچىسى كىلىپ قالسا ،
    ئون تەزىم قىلالامسەن ؟

    سەن مەندەك بولالامسەن ،
    بازار باشقۇرالامسەن ؟
    ئون تىيىن چىقىم قىلماي ،
    كىگىز باستۇرالامسەن ؟

    سودىگەر بولالامسەن ،
    خەقنى كوملىيالامسەن ؟
    داداڭ پۇل سوراپ قالسا ،
    شىردەك ھومىيالامسەن ؟

    سەن مەندەك بولالامسەن ،
    سۇتكە سۇ قوشالامسەن ؟
    خەقنىڭ مۇلىكىنى ، ئاستا
    ئۆيۇڭگە توشۇيالامسەن ؟

    ئالدىدا ئايالىڭنىڭ ،
    مەندەك تىك تۇرالامسەن ؟
    كۇندۇزى تاماق ئېتىپ ،
    كەچتە كىر يۇيالامسەن ؟

    سەن مەندەك بولالامسەن ،
    شۇنچە ئىش قىلالامسەن ؟
    بوران چىقسىمۇ ئون بال ،
    يىقىلماي تۇرالامسەن ؟


    历史上的今天:

    ياتلاشتۇق Mar 14, 2009