• ئەسلىمىدىكى خاتا تۇيغۇ-روھنىڭ زاماندىن ھالقىشى

    Mar 10, 2009


    ئەسلىمە تەسەۋۋۇرى-بىر خىل ئاجايىپ سىرلىق سەزگۈ
    بەزى چاغلاردا ئادەم مەلۇم بىر ۋەقە ياكى شەيئى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭدا ئۇشتۇمتۇتلا بۇ ۋەقە ياكى شەيئى بىلەن ئىلگىرى ئۇچراشقاندەك، ئىلگىرى ئۆزى شۇ يەرگە بارغاندەك، مۇشۇ ۋەقە ئىلگىرىمۇ يۈز بېرىپ ئۆتكەندەك خىيالىي ئەسلىمە تۇيغۇسى يۈز بېرىدۇ،
    بۇ خىل غەيرىي پىسخىك ھادىسىنى 1900-يىلى فىرانسىيىلىك دوختۇر فرانسى ئالىنو >ئەسلىمىدىكى خاتا تۇيغۇ< ياكى >ئەسلىمە تەسەۋۋۇرى< دەپ ئاتىغانىدى.
    ئۇ بۇنداق ھادىسە كىشىلەرنىڭ كۆرۈش، ئاڭلاش سەزگۈسىدىلا ئىپادىلىنىپ قالماي، يەنە ئوقۇش ۋە كەچۈرمىش سەزگۈسىدىمۇ شەكىللىنىپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغان، بەلكىم ھەربىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا مۇشۇنداق غەلىتە تۇيغۇ يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.
    نېمە ئۈچۈن ئادەملەردە مانا مۇشۇنداق ئۆتمۈش توغرىسىدا خىيالى ئەسلىمە بولىدۇ؟
    قەدىمكى يۇنان دەۋرىدىن باشلاپ يېزىلغان يىلنامە ۋە تارىخي ئەسەرلەردە، شۇنداقلا پەلسەپە ھەم ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىدە بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇتلا باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك، باشقا بىر دەۋرگە بېرىپ قالغاندەك خىيالغا كېلىپ قالغانلىقى، مۇشۇ ۋەقەگە ئالاقىدار ئۆزلىرىمۇ تېخى بىلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان تەپسىلاتلار ھەمىشە مىسال ياكى دەلىللەر بىلەن بۇرۇنلا خاتىرىلەنگەن.
    گەرچە بۇ ئىشلار رېئاللىقتا زادىلا يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر بۇ خىل ئاجايىپ ھادىسىلەرنى بايقاپ، تەپىسىلي خاتىرىلەپ قويۇشقان. كۆپ ساندىكى ئەسلىمە خاتا تۇيغۇلىرىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى ئاجايىپ غارايىپ بولغاچقا، ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمىكى قىيىن ھەم ئۇنى چۈشەندۈرۈش زادىلا مۇمكىن ئەمەس، ئالايلۇق، بەزى كىشىلەر چۈشنىڭ ياخشىلىق ھەم يامانلىققا قارىتا ئالدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېتىقادى بويىچە چۈش كۆرۈش ھادىسىسى روھنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆتمۈش ھەم كەلگۈسى زامانغا سەپەر قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن روھىي ئالەمدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆرۈپ ھەم ئەھۋاللارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ كەلگەنلىكىدىن بولىدۇ، بۇنداق بېشارەتلىك چۈش كۆرۈلگەن ئەھۋاللار بىر قانچە كۈن ياكى بىر قانچە يىلدىن كىيىن ئەمەلىيەتتە يۈز بېرىپ ئىسپاتلانغاندىن كىيىن، چۈش كۆرگۈچىلەر ھەيران بولۇپ، ناتونۇش مۇھىتنى <تونۇپ قالىدۇ>. ئالدىن بېرىلگەن بىشارەت ئۇلارنىڭ ئەسلىمىسىگە ئايلىنىدۇ، بەزىلەر بۇ خىل ھادىسىنى ئىنساننىڭ كۈچلۈك كەيپىياتى پەيدا قىلغان ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا ئۆتۈپ داۋاملىشىدىغان <ئەجداد ئەسلىمىسى>گە تەۋە دەپ قارايدۇ.

     

    شەپقەت بىلوگى
    ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!!