-
مەن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچىنىڭ داۋامىنىڭ ئۆزۈم ياقتۇرغان بىر بۆلىكىنى تورداشلارغا سوۋغا قىلماقچىمەن
دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچىنىڭ داۋامى
ئون بىرىنچى باب
ھەرىكەتكە كېلىش
مىنىڭ ھايات لۇغىتىمدە پەقەت ئىككى كۈنلا مېنى مەڭگۈ ئازابلىمايدۇ.
بىرى-تۈنۈگۈن، سەۋەنلىك ۋە كۆزياشلار، نادانلىق ۋە مەغلۇبىيەت تولغان، لېكىن تۈنۈگۈن مەڭگۈلۈك يوقالغان، دېڭىزنىڭ چوڭقۇر قېتىغا كۆمۈلگەن، مەن ئۇنىڭغا ئامالسىز.يەنە بىرى-ئەتە، توسالغۇ ۋە تەھدىت، خەتەر ۋە بەختسىزلىك بىلەن تولغان، لېكىن، قۇياش يەنە بىر قېتىم كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، مەن ئەتە ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلمايمەن، چۈنكى ئۇ تېخى دۇنياغا كەلمىگەن.
خۇداغا شۈكۈر، بۈگۈنكى كۈننى مەھكەم تۇتتۇم، بۇ بىر كۈنلۈك ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىمەن، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەربىر مىنۇت، ھەربىر سېكۇنتتىن تولۇق پايدىلىنىمەن، پۈتۈن زېھنىمنى، تالانتىمنى، ئەقىل پاراسىتىمنى ۋە تىرىشچانلىقىمنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئالتۇن پەللىسىگە يۈرۈش قىلىمەن!
مېنى ھېچقانداق نەرسە ئىككىلەندۈرەلمەيدۇ، مېنى ھېچقانداق نەرسە توختىتالمايدۇ، مېنى ھېچقانداق نەرسە ئەسلىمە ۋە خىياللارنىڭ سايىسى ئىچىگە بەند قىلالمايدۇ. مەن جەسەتكە ئوخشايدىغان تۈنۈگۈننىڭ ۋە ئېغىر ئەتىنىڭ ئىچىگە غەرق بولۇپ يۈرگەندىلا، ئاندىن ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىمەن، ئاندىن مەغلۇبىيەتنىڭ ئازابىنى تارتىمەن.بۈگۈن ئۈچۈن غەيرەت قىلىمەن، بۈگۈن ئۈچۈن تەنتەنە قىلىمەن، بۈگۈن ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بارلىق ئىسسىقلىق ۋە كۈچۈمنى بېغىشلايمەن. مەن ئۇخلىغاندىن باشقا ھەرقانداق ۋاقىتنى تۆۋەندىكى شەكىلدە ئۆتكۈزمەكچى:
خۇشامەتچى، قۇرۇق گەپ ساتىدىغان ئادەملەردىن يىراق تۇرىمەن، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قەغەز يۈزىگە يېزىۋېلىپ، چوڭ ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىپ، كىچىك ئىشلارنى ياراتمايدىغان، ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدىغان ساختىپەزلەردىن يىراق تۇرىمەن، ئەجدادلىرىنىڭ شان-شەرەپ ۋە ئىمتىيازىنى دەسمايە قىلىپ كېرىلىپ يۈرىدىغان، نادان، ئۆز بېشىمچى سۆلەتۋازلاردىن يىراق تۇرىمەن.
بىر ئىشقا رايى بارمايدىغان، ھەممە ئىشتىن ئاغرىنىپ يۈرىدىغان ناچار كەيپىيات بىلەن خوشلىشىمەن، نومۇسسىزلارچە ئاچ كۆزلۈك، شۆھرەتپەرەسلىك ۋە قارا نىيەتلىكتىن خوشلىشىمەن، سېسىق پۇراق تارقىتىپ تۇرىدىغان، قارا ۋاقىت ئىچىدىن ئېقىپ چىققان ناپاك گۈللەردىن خوشلىشىمەن، مەڭگۈ كەينىمگە قارىمايمەن.
ئېغىر يۈك ئاستىدىن قۇتۇلۇپ چىقىمەن، قۇرۇق خىياللارنى تاشلايمەن، يۈرىكىمنى توختىتىپ، چوڭقۇر نەپەس ئالىمەن، قۇياشقا قاراپ ئىسقىرتىمەن.سەگەك، تىنچ ۋە بىمالال كەيپىياتنى ساقلايمەن، ئۈمىدۋار، كەڭ قورساق، ئوچۇق-يورۇق ھالەتنى ساقلايمەن، سەزگۈر، ئۆتكۈر، يېڭى تەپەككۇرنى ساقلايمەن.
ھېچنېمىدىن قورقمايمەن، ئۆزۈمنى چوڭمۇ تۇتمايمەن، پەسمۇ تۇتمايمەن، ئېتىقادىم: ماڭا ئۆزۈمدىن باشقا ئادەم زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ: مېنى ئۆزۈمدىن باشقا ئادەم مەغلۇپ قىلالمايدۇ: مېنى ئۆزۈمدىن باشقا ئادەم مەنسىتمەسلىككە جۈرئەت قىلالمايدۇ.ئايىغى چىقماس قۇرۇق خىيالدىن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرەر ئىشنى پۈتتۈرگەن ئەلا، ئەڭ كىچىك ئىش بولسىمۇ مەيلى.
خۇدا ماڭا بىر جۈپ پۇت بەرگەن، مېنى يول ماڭسۇن دەپ، ماڭا بىر جۈپ كۆز بەرگەن، مېنى شەيئىلەرنى كۆرسۇن دەپ: ماڭا بىر يۈرەك بەرگەن، مېھىر مۇھەببىتىنى ئىپادىلىسۇن دەپ، شۇڭا مەن بىر جۈپ پۇتۇمدىن ياخشى پايدىلىنىمەن، ئۇنى بىكار تۇرغۇزمايمەن؛ ئىككى كۆزۈمدىن ياخشى پايدىلىنىمەن، ئۇلارنى يۇمۇۋالمايمەن، يۈرىكىمدىن ئوبدان پايدىلىنىمەن، ئۇ بىخۇد ھالەتتە تۇرمايدۇ.
ئۆزۈمگە توختىماي يېڭى نىشان بېكىتىپ تۇرىمەن. بۇ ئالەمنىڭ چېكى يوق. ئەڭ گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن، توختىماي ئىلگىرىلەشكە، قاتمۇ قات تاغلاردىن ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.ئاسماندىكى گۈزەل توزدىن قولۇمدىكى قۇشقاچ ئەلا. ھەرقانداق گۈزەل خىيالنىڭمۇ بىر پارچە ئاق قەغەزدەك ئەمەلىي قىممىتى يوق. شۇڭا، مەن ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان خىياللارنى تاشلايمەن. يېنىمدىكى ئىشلار مەيلى قانچىلىك تەس، قول تۇتىدىغان بولسۇن، ئۇنى پۇختا ئورۇنلايمەن.
باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى تەلەيدىن كەلگەن ئەمەس، باشقىلار ئاققۇزغان تەرنى مەن كۆرمىدىم. بۇ خۇددى چىرايلىق ئېچىلغان بىر تال گۈلنى كۆرۈپ تۇرساممۇ، ئۇ ئېچىلىشتىن ئىلگىرى قانداق ئەجىر سىڭدۈرگىنىنى بىلمىگىنىگە ئوخشاش ئىش. مەن قويۇق ھەسەل شەربىتىنى ھۇزۇرلىنىپ ئىچىۋاتقاندا، ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى ۋە قىيىنچىلىقىنى ھېس قىلالىدىممۇ؟بۈگۈنكى خىزمەتنىڭ ئۆزى يېنىك ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپىرىپ ئەتىكى ئېغىر مەسئۇلىيەتنى يۈكلىۋالساق، ھاياتىمىز بۇ ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلمەيدۇ. ئارتۇقچە يۈك كۆپ ھاللاردا بىر ئىشنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.
پۇشايماندىن ئادا-جۇدا بولىمەن، كىشىلىك ھايات يولىنى قايتا ماڭغىلى بولمايدۇ، ئەگەر بىرەر قەدەمنى خاتا بېسىپ قويغان بولساڭ، ھەرگىز پۇشايمان قىلما. پۇشايمان ئىلىكىدە ئىرادەڭنى خوراتقاندىن ، ئالدىڭدىكى ھەربىر ئىشقا يورۇق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلەقىلغىنىڭ تۈزۈك. مەغلۇبىيەتكە رەھمەت ئېيتقىن، چۈنكى قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان ئىش ۋە ئەڭ ئاسان قىلغىلى بولىدىغان ئىش كۆپ ھاللاردا مەغلۇبىيەتتىن تەس بولىدۇ.>دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچىنىڭ داۋامى< دىن ئېلىندى
شەپقەت بىلوگى ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ......