• سىزمۇ قېرىيسىز!

    Feb 13, 2009


     

    سىزمۇ قېرىيسىز!

     

     

    ئابتوبۇستا مەكتەپكە كېتىپ باراتتىم، خېلى كۆپ ئورۇن بوش ئىدى. مەلۇم بىكەتكە
    كەلگەندە، ئابتوبوسقا ئوتتۇزنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىككى ئايال چىقىپ كەلدى، ئارىدىن
    بىرى:
    -يۈرە، ئارقىغىراق بىرىپ ئولتۇرايلى. ھېلى ياشانغانلار كارتىسى بارلار ئارام بەرمەيدۇ،-دېدى.
    يەنە بىرىمۇ ئۇلاپلا:

    -ئورۇن بەرمىسەڭ گۆشىيىپ تۇرۇۋېلىشلىرىچۇ ئۇلارنىڭ، خۇددى ئۆتكۈزۈپ قويغىنى باردىكىدەك،-دېدى.

    ئۇلار شۇنداق دېيىشكىنىچە ئاپتوبوسنىڭ كەينىگە بېرىپ جايلاشتى، ئارىدىن بىر
    بىكەت ئۆتكەندە ئابتوبۇسقا بىر نەچچە ياشانغان كىشى چىقىشتى، ھېلىقى ئىككى
    ئايال بىر-بىرسىگە قارىشىپ:>توغرا ئويلىشىپتۇق-ھە< دېيىشكەندەك كۈلۈشتى.

     ئابتوبۇستىن چۈشۈپ سىنىپقا قاراپ كېتىۋاتىمەن، لېكىن ھېلىقى ئىككى ئايالنىڭ
    دېيىشكەنلىرى تېخىچە كاللامدا ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. ئەجىبا ئۇلارمۇ قېرىماسمۇ؟ كېيىن
    ئۇلار قېرىپ ئابتوبوسقا چىققاندا، بىرەرسى ئورۇن بوشىتىپ بەرمىسە، بايا ئۇلار
    دىيىشكەن گەپلەرنى ۋاقتى كەلگەندە باشقىلاردىن ئاڭلىسا، ئۇ ھالدا قانداق بولار؟
    دېگەنلەرنى ئويلىدىم.

    پەزىلەت ئادەملەرگە قويۇلىدىغان تولىمۇ مۇھىم ئۆلچەم. سۆز ۋە ھەرىكىتىمىز ئوخشاشلا
    گۈزەل بولغاندىلا مۇكەممەل ئادەم بولالايمىز. كونىلاردا> ئالدىرىماڭ يارەي، سىزگىمۇ بارەي<،


    > كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ< دەيدىغان گەپلەر بار.
    دىمەك، يۇقىرىدىكى ئىككى ئايالمۇ ياشىنىدۇ. شۇ چاغدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياش چاغلىرىدا
    قىلىشقانلىرىغا پۇشايمان قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ چاغدا پۇشايمان قىلغان بىلەن
    ئورنىغا كەلمەيدۇ.

     


    شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىدىن ئېلىندى


    شەپقەت بىلوگى