-
بوۋاي-مومايلارنىڭ پۇشايمىنى
بېلگىيە>ياشانغانلار<ژۇرنىلى ئىلگىرى مەملىكەت دائىرىسىدىكى ئاتمىش ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا قارىتا>سىز نېمىگە پۇشايمان قىلىسىز< دېگەن تېمىدا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانىدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:
72پىرسەنت ياشانغان كىشى ياش ۋاقتىدا تىرىشىپ ئۆگەنمىگەچكە، ئىشلىرىدا مۇۋەپپەتقىيەت قازىنالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ؛
67پىرسەنت ياشانغان كىشى ياش ۋاقتىدا كەسىپنى خاتا تاللاپ قالغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ؛
63پىرسەنت ياشانغان كىشى پەرزەنتىلىرىنى ياخشى تەربىيلىمىگەنلىكى ياكى تەربىيلەش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ؛
58پىرسەنت ياشانغان كىشى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىگە پۇشايمان قىلىدۇ؛
56 پىرسەنت ياشانغان كىشى جورىسىغا دېگەندەك ساداقەتمەن بولالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ؛
47پىرسەنت ياشانغان كىشى قېيناتا-قىينانىلىرىغا ۋاپادارلىقىنى يېتەرلىك يەتكۈزەلمىگەنلىكىگە پۇشايمان قىلىدۇ.
41پىرسەنت ياشانغان كىشى ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى خاتا تاللاپ قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ؛
36پىرسەنت ياشانغان كىشى دۇنيانى ساياھەت قىلالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ؛
32پىرسەنت ياشانغان كىشى تۇرمۇشىنىڭ تولىمۇ ئاددىي ئۆتكەنلىكىگە پۇشايمان قىلىدۇ؛
11 پىرسەنت ياشانغان كىشى تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ؛
ياشانغانلارنىڭ بۇ ھۆكمى ئۇلار ئۈچۈن خۇلاسە، ياشلار ئۈچۈن سەل قاراشقا بولمايدىغان ئاگاھلاندۇرۇش، چۈنكى بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ياشانغانلارنىڭ ۋاقىت، ياشلىق، بەخت ھەمدە ئازاب-ئوقۇبەت، مەغلۇبىيەت، بەختسىزلىك قاتارلىقلار بەدىلىگە كەلگەن.
شەپقەت بىلوگى ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ، مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ.