• يىللارغا جاۋاب )ل. مۇتەللىپ(

    Feb 7, 2009


    ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ ،
    يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى .
    ئاققان سۇلار ،ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ ،
    يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى .

    ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي ،
    بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ،يورغىلىشىپ .
    ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي ،
    يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ .

    ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى ،
    تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق ،
    يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
    ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر تال يۇپۇرماق.

    يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ ،ئىزلار كۆمۈلىدۇ ،
    يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە-بولىدۇ قاخشال .
    يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىپ بېرىدۇ ،
    قىزلارغا قورۇق ، ئەرلەرگە ساقال .

    بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ ،
    مەيلى ئۆتىۋەرسۇن ، ئۆزىنىڭ يولى .
    ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ ،
    چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى .

    يىللارنىڭ قوينى كەڭ ،پۇرسىتى نۇرغۇن ،
    تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ .
    قاراب باق ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن ،
    تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ ،ھە ... بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ .

    كۆرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار ،
    كۆرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ .
    ئاخشام بەخىت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار ،
    قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ .

    مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار ،
    مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا .
    ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار ،
    ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا

    قېرىماسمەن كۆرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا ،
    شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا .
    ئۆلۈم پەستە قېلىش كۆرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا ،
    چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەريان يادىمدا .

    ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا ،
    يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا .
    كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
    كۈرەش بىلەن كىلىپ چىقىمىز كەڭ غالىب يولغا .

    يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
    ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
    قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
    ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى.

    يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ ،
    ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ .
    يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ ،
    ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب .