-
مۇلازىمەت سىتاتىستىكا ياردەم پايچېكى تورى » تەجىربىلەر » دۇكان ئاچماقچى بولسىڭىز بۇتىمىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئاچماڭ
دۇكان ئاچماقچى بولسىڭىز بۇتىمىنى كۆرۈڭ
سودىدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتا پسخېكىلىق موھىم ئامىللارنىمىشقا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى كۈچلۈك بولغاندا ئاندىن غەلبە قىلغىلى بولىدۇ ؟
چۈنكى ئادەم ئۆزىگە ناھايىتى ئىشەنگەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتىنى ھىس قىلالايدۇ ، ئۆزىنىڭ سوبىكتىپلىقىنى ھەم ئاكتىپچانلىقىنى بايقىيالايدۇ ۋە كۈچلەندۈەلەيدۇ ، بىراق ئۇنىڭ ئاساسى ۋە يادىروسى پۈتۈن گەۋدىسىگە تەڭ بولالمايدۇ ، چۈنكى ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنىڭ يالغۇزلا پەيدا بولىشى مۆمكىن ئەمەس ، ئۇنداقتا ، مۇۋاپپىقىيەت پىسخېكىسىنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلمىسى قايسى ئامىللاردىن تۈزۈلىدۇ ؟روھى ھالەت نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ، ئاساسەن ئۈچ خىل ئامىلدىن تۈزۈلىدۇ : ئىجابي بولغان ئۆزىنى تونۇش ، رۇشەن بولغان قىممەت قارىشى ، ياخشى بولغان سوبىكتىپ ھالەت .
ئەگەر يىتەكچىلىك ئۈنىمىدىكى سىرىتقى نامايەندىلەر ۋە مۇناسىۋەت ئىقتىدارىدىكى مېخانىزىم بىلەن ئالاقە باغلىغىلى بولسا ، ئۇنداقتا يەنە مۇنداق تۆت تۈرلۈك ئامىلنى قوشۇش كىرەك ، ئالاقىدىكى قايتۇرما ئېنكاس ئېڭى ، گۈزەللك ئىزدەش ۋە يىڭىلىق يارىتىشتا ئۆزىگە مايىل قىلىش ئېڭى ، ئىككى تەرەپ تەڭ پايدىغا ئېرىشىشتە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئېڭى ، ئالاھىدىلىكنى ئوخشاش ساقلاپ قالغان ھالدا سىغىشىش ئېڭى .
غەلبە قىلىشتىكى پسخېكىلىق ئۈچ خىل ئامىل ئارىسىدا ، پىسخېك ئاكتىپلىقنىڭ ئۆزىگە بولغان تونۇشى ، ئۆزىنى باھالاش ۋە سوبىكتىپ ئىنتىلىش ھەم تەلەپ ، ئەمىلىيەتتە ئاكتىپ بولغان ئۆزىگە ئىشىنىش ئېڭىنى كۆرسىتىدۇ ،
قانداق قىلغاندا ئۆز باھاسىنى تونۇپ يىتەلەيدۇ ، ئۆز ئارزۇلىرىنى قانداق تەلەپ قىلالايدۇ ، تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن كونكىرتنى مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندە ، موھىم بولغان ھاياتلىق تاللىشىدا ھەل قىلغۇچ تەسىر پەيدا قىلىدۇ ،
شۇ سەۋەبدىن ئيىتىمىزكى ، كۈچلۈك بولغان ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى ۋە ئاكتىپ بولغان ئۆزىنى تونۇش بولسا - مۇۋاپپىقىيەت پىسخېكىسى ، ئىجابي روھى ھالەتنىڭ ئاساسى ۋە يادىروسى.
دۇكان ئېچىشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش كېرەك
--------------------------------------------------------------------------------ئۇيغۇرلار تارىختىكى مەشھۇر " يىپەك يولى" سودا يولىنى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈشتە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. شۇڭا ئەجداتلىرىمىز " يىپەك يولى" سودىسىنىڭ ئاۋانگارتلىرى، شەرق بىلەن غەرپ مەدەنىيىتى ئالاقىسىنىڭ ئەلچىلىرى دەپ نام ئالغان. ئەجداتلارنىڭ ئىلغار تەجىربىلىرىنى يېڭى دەۋرگە ئۆرنەك قىلىپ، يېڭىچە روھ بىلەن سودا دېڭىزىدا غالىپ كېلىشتە سودا - تىجارەتنىڭ ئەلمى - تەلمىنى ئوبدان بىلمەي بولمايدۇ.
دۇكان تىجارىتى - جەمئىيەتتىكى كۆپ خىل تىرىكچىلىك ۋاستىلىرىنىڭ بىرى. لېكىن، تىجارەت يولىنىڭ ھەمىشە تۈپ - تۈز ۋە راۋان بولۇپ كىتىشى ناتايىن، بەزىدە ئەگرى - توقاي ۋە مۈشكۈلمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭدا گۈللىنىش بىلەن خارابلىشىش، پۇرسەت بىلەن رىقابەت تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ، پايدىمۇ بولىدۇ، زىيانمۇ بولىدۇ، ئۇنى مۆلچەرلىمەك ئىنتايىن قىيىن. ئادەتتە دۇكاندارنىڭ بىلىمى، تەدبىرىنىڭ قانداق بولۇشى - دۇكان تىجارىتىنىڭ روناق تېپىشى ياكى خارابلىشىشنى بەلگىلەيدۇ، ئاخىرىدا بۇ ئىش دۇكاندارنىڭ تەقدىرىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. تەقدىر پەقەت تەييارلىقى بارلارغىلا ئىلتىپات قىلىدۇ.
بازار ئىگىلىكىنىڭ راۋاجىلىنىشى نەتىجىسىدە دۇكان ئېچىش قىزغىنلىقى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن بۈگۈنكى كۈندە، دۇكان ئېچىشنىڭ تەييارلىقى ئىلگىرىكى ھەرقانداق دەۋرلەردىكىدىن كۆپ مەزموننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەخسۇس بىلىمگە ئايلاندى. شۇڭا، دۇكان ئېچىش تەييارلىقى - ئاشۇ بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا چوڭقۇرلاپ كىرىشنىڭ جەريانى. كېيىنكى ئەمەلىي خىزمەتلەر ئۆگەنگەن ۋە بىلگەن ئاشۇ بىلىم، تەجىربە - ساۋاقلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇھىمى شۇ بىلىمنى ئىگىلەش - ئىگىلىمەسلىك ۋە قانچىلىك ئىگىلەشتە.
" سودىگەرچىلىك رىسالىسى" دە سودىگەرلەرنىڭ " ئۆلىمانى دوست تۇتۇش" تەۋسىيە قىلىنغان. بۇ دۇنيادا بىز كۆرۈۋاتقان بارلىق ئىشلار ۋە مەۋجۇداتلار ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئۆلىمالار ئاشۇنداق كۆپ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بەلگىلىك ئىچكى قانۇنىيىتى بولىدىغانلىقىنى قەدەممۇ قەدەم ئىسپاتلاپ كەلمەكتە. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پايدا زىيانغا، زىيان پايدىغا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان دۇكان تىجارىتىنىڭمۇ مۇئەييەن ئىچكى قانۇنىيىتى بولىدۇ. شۇڭا دۇكان ئېچىشقا تەرەددۇت قىلغۇچىلار دۇكان ئېچىشنىڭ ئەلمى - تەلمىنى بىلىدىغان ئۆلىما مويسىپىتلارنى دوست تۇتۇش، دۇكان ئېچىش رىسالىلىرىدە پۈتۈلگەن ئەنئەنىۋى پەند - نەسىيەتلەر ۋە زاماننىڭ تەققازاسى بىلەن نەشىر قىلىنغان دۇكان ئېچىش بىلىملىرىگە دائىر كىتابلارنى ئۆگىنىشنى دۇكان ئېچىش تەييارلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى دەپ چۈشىنىشى لازىم. بۇ نوقتا ئىنتايىن مۇھىم. بۈگۈنكى كۈندە تىجارەت تۈرىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ھالدا كۆپ خىللاشتى. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا دۇكاندارلارمۇ كۆپىيىپ، دۇكانغا سېلىنغان مالغا ئاساسەن ھەر خىل تۈرلەرنى ئىگىلىدى. مەخسۇس ماللار دۇكانلىرى ھەسسىلەپ كۆپەيدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا يېڭىدىن دۇكان ئاچقۇچىلارنىڭ ئىشنى نەدىن باشلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ قېلىشى تەبىئىي. لېكىن، دادىل ئىزدەنسە ھامان يول تېپىلىدۇ. ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر لۈشۈن: " ئەسلىدە يول يوق ئىدى، كىشىلەر ماڭغاندىن كېيىن يول پەيدا بولغان" دىگەن ئىدى. ھالال تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىشنى ئويلىغان بىر كىشىنىڭ چوقۇم جەمئىيەتتە رىزقى بولىدۇ. كونىلاردا " قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن" دېگەن گەپ بار. شۇڭا، قانداق تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىشنى ئويلاشقاندا، ئالدى بىلەن ئۆزى بىلىدىغان كەسىپنى تاللىشى، ھېچبولمىغاندا ئاز - تولا خەۋىرى بار كەسىپكە يېقىنلىشىشى لازىم. پەقەت بولمىغاندا، كۆپ بىلىم تەلەپ قىلمايدىغان كۈندۈلۈك بويۇملار تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىشنى ئويلىشىشى، شۇنىڭدىمۇ بىر مەزگىل شۇ تىجارەتنىڭ كويىدا بولۇپ، ئۇنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشى لازىم. شۇ ئاساستا بازار ئەھۋالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتكەندە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق يول تاپقىلى بولىدۇ.
بىر ئائىلىدە پەقەت بىرلا كىشى دۇكان ئېچىش تەرەددۇتىدا بولسىمۇ، قىلماقچى بولغان ئىشنى پۈتۈن ئائىلىسىگە مەسلىھەت سېلىپ ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈش، دۇكاننىڭ ئېغىر - يېنىك ئىشلىرى ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئىشلىرىغا ئۇلارنىمۇ سەپەرۋەر قىلىش دۇكان ئېچىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم قىسمى.
ئەرەبلەر ئۇزۇن يىللىق سودا ئەنئەنىسىگە ئىگە مىللەت. ئۇلار ئائىلە ۋە جەمەت سودىگەرلىرىنى بىرلىك قىلغان ھالدا مۇنداق ئىككى پرىنسىپقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىرى، ئائىلە ۋە جەمەت تىجارەت ئەنئەنىسىنىڭ ئىزچىللىقى، يەنە بىرى، ئائىلە ۋە جەمەت ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق. بۇ ئىككى پرىنسىپ ئائىلە ۋە جەمەت ئىگىلىكىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنىڭ ئاساسى. ئۇلار ھەتتا جەمەتىنىڭ سودا روھىنىڭ مەڭگۈ ساقلىنىپ قېلىشىنى قوغداش ئۈچۈن قاتتىق ئىنتىزام، " نىزامنامە" تۈزۈپ چىققان. ماتېرىياللاردىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ " نىزامنامە" نىڭ مەزمونى ھازىرقى مۇنتزىم شىركەتلەردىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە مول بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىشىش ئاساسىي ئۇل قىلىنغان. دېمەك، كوللىكتىپنىڭ كۈچى كۆپ، پائالىيەت دائىرىسى كەڭ بولىدۇ. بولۇپمۇ دۇكان تىجارىتىدە كوللېكتىپنىڭ رولى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. ئەقەللىي يالغۇز كىشىلىك دۇكاننى مىسالغا ئالساق، بىر ئادەمنىڭ 18 سائەتلەپ دۇكاندىن ئايرىلماي مەشغۇلات قىلىشى مۈمكىن ئەمەس. دۇكاننىڭ سىرت بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىشلىرى بولىدۇ. بۇنىڭغا چوقۇم ئائىلىدىكىلەرنى قاتناشتۇرۇش، دۇكان بىلەن ئائىلىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، ئائىلىدىكىلەرنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش لازىم. " دۇنيانىڭ بىرىنچى سودىگىرى" دەپ نام ئالغان يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ياۋرۇپا سودىگەرلىرى دۇكاننى ناھايىتى چوڭ بىلىدۇ. ئۇلار بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇش مەنبەسى بولغان دۇكاننى مۇقەددەس بىلىپ، ھەرقانچە زۆرۈر ئىشلىرىنىمۇ دۇكان ئېچىش ۋاقتىنىڭ ئالدىغا قويمايدۇ. دۇكاننىڭ ئۇجۇر - بۇجۇرىنى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىلىدۇ. دۇكان ھەرگىزمۇ قەرەلسىز تاقىلىپ قالمايدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر قىززىقارلىق ھىكايە بار:
بىر ماگىزىن خوجايىنى سەكراتقا چۈشۈپ قالغانىكەن. ئائىلىدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن رازىلىق ئېلىش ئۈچۈن، كارىۋاتنىڭ ئەتراپىغا ھازىر بوپتۇ. خوجايىن ئاخىر زۇۋانغا كېلىپ:
- سۆيۈملۈك ئايالىم، سەم بارمۇ؟، دەپتۇ. ئايالى ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بېشىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. خوجايىن ئارقىدىنلا ئوغلى ۋە قىزىنىڭ بار - يوقلۇقىنى سوراپتۇ. ئوغلى بىلەن قىزى بىرلا ۋاقىتتا: دادا بىزمۇ يېنىڭىزدا، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
بۇ چاغدا خۇجايىن كۈچەپ بېشىنى كۆتۈرۈپ غەزەپ بىلەن: - ئۇنداق بولسا دۇكانغا كىم قاراۋاتىدۇ؟ دەپ ۋارقىراپتۇ.
بۇ ھىكايىدە، ماگىزىن خوجايىنىنىڭ قارىماققا پۇلنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان ئوبرازى گەۋدىلەندۈرۈلگەندەك قىلسىمۇ، تازا دىققەت قىلساق، دۇكان بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر جان، بىر تەن بولۇپ ئۇزۇن مۇددەتنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، دۇكاننىڭ تاقىلىپ قېلىشىنىڭ ئائىلىنىڭ تىرىكچىلىكى ئۈچۈن بىنورمال ئەھۋال بولىدىغالىقىنى بىلىۋالالايمىز.
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، دۇكان ئېچىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى مول بىلىمنى تەلەپ قىلىدۇ، چېتىلىش دائىرىسىمۇ ئىنتايىن كەڭ.
دۇكان ئاچقاندا ئورنىنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم
--------------------------------------------------------------------------------
بازار - ئاۋات جايدا قاينايدۇ. ئاۋات رايوندىكى دۇكان تىجارىتى جان بېقىش ئېھتىياجىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەن، بېيىش يولىغا قاراپ ماڭغان تىجارەتتۇر. پىنھان ئورۇندىكى دۇكاننىڭ كۈزەتخانىدىن ئانچە پەرقى بولمايدۇ.
دۇكانلارنىڭ ھەدىدىن زىيادە كۆپلۈكىدىن " ئالغۇچىدىن ساتقۇچى كۆپ" دەپ قارىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇكان ئېچىش كويىغا كىرگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاۋات كوچىلارغا كۆزى چۈشمەيدىغىنى يوق بولسا كېرەك. ئۇلار كۆزى چۈشكەن ياخشى بىر ئورۇندا دۇكىنى بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. دەل مۇشۇنداق چاغدا ئۆزى ياخشى دەپ قارىغان ئەتراپتىن بىرەر دۇكان چىقىپ قالسا، يۇقىرى ئىجارە ھەققىگە قارىماي، خېلى كۆپ مەبلەغ سېلىپ دۇكاننى بېزىشى، قىسقىسى نۇرغۇن مەبلەغ بىلەن دۇكاننى ئېشىچى مۇمكىن. لېكىن بۇ تىجارەت قانچىلىك يۈرىشىدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نىمە دېمەك تەس. ئۇ ئاچقان دۇكاننىڭ ئەتىراپىدىكى دۇكانلارنىڭ سودىسى ئېقىۋاتقان؛ دۇكانغا سالغان ماللارمۇ ئوخشاش، ھەتتا يېڭى ئاچقان دۇكان باشقا دۇكانلارغا قارىغاندا ياخشى بىزەلگەن. شۇنداق تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئېنىق بىر نىمە دېگىلى بولمايدۇ؟ بازارنىڭ سىرلىقلىقى مانا مۇشۇ يەردە. " سودىگەرلەر رىسالىسى" دە: سودىگەرلىك كەسپىدە 19 پىركامىل ئۆتكەن. ئۇلار ھەممىسى ئىلىم - مەرىپەتتە كامالەتكە يەتكەن سودىگەرلەر ئىدى، دەپ قەيت قىلىنغان. يۇقىرىدىكى مەسىلىگە ئاددىيلا توغرا جاۋاپ بېرىشكە مۈمۈكىن بولغان بولسا، سودىگەرلىك كەسپ ھىساپلانماسلىقى، دۇكان تىجارىتىنىڭ خاسىيەتلىرىگىمۇ كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بۇلار ئىدى. دېمەك بۇ ئەتراپلىق بىلىم تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە. ئۈرۈمچىلىكلەر ياكى باشقا جايدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەر يەنئەن يولىدىكى شىنخۇا كىتاپخانىسىدىن جەنۇبى قۇۋۇققىچە بولغان ئىككى كىلومېتىرلىق ئارىلىقتىكى كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ماڭدامدا بىر دۇكان، يايمىلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك. ھەر كۈنى، ئەتتىگەندىن كەچكىچە قايناپ تۇرىدىغان بۇ بازار قارىماققا بۇ بازار بىر گەۋدىدەك كۆرىنسىمۇ سىنچىلاپ كۈزەتسىڭىز، ياكى شۇ ئەتراپتا ئۇزۇن يىل دۇكان ئاچقان دۇكاندارلار بىلەن پاراڭلاشسىڭىز ئاندىن بۇ بازار ھەققىدە يىنىكلىك بىلەن خۇلاسە چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىسىز. شۇ ئىككى كىلومېتىرلىق بازار ئارىلىقىدا بىرمۇنچە ئۈزۈكچىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سودا ئەھۋالىدا پەرق بارلىقىنى بىلىسىز. بۇنىڭدىن دۇكان ئېچىشتا ئورۇن مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئېتىبار قىلىش، شۇ ئورۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
دۇكان ئېچىشقا مۇۋاپىق ئورۇن تاللاش دۇكان ئاچقۇچىلار ئۈچۈن بىرقەدەر كونكىرىت بولىدۇ. بۇ تاللىغان تىجارەت تۈرىگە ئاساسەن دۇكان ئورنىنى تاللاش ۋە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ دۇكان ئورنىنى تاللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوتتۇرا ۋە كىچىك دۇكان ئېچىشتا تۆۋەندىكى ئورۇنلار بىرقەدەر ئەۋزەل شەرت - شارائىتلارغا ئىگە:
ئادەم كۆپ بارىدىغان ئورۇنلار: ئىلگىرى كىنوخانا ۋە تىياتىرخانىلار ئادەم كۆپ بارىدىغان ئورۇنلار ئىدى. لېكىن، ھازىر تېلېۋىزورنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن بۇ ئورۇنلارغا بارىدىغان ئادەملەر ئازلاپ، ئەتراپىغا دۇكان ئاچسا سودىسى چوقۇم راۋاج تاپىدىغان ئىلگىرىكى ئەۋزەللىكىدىن مەھرۇم قالدى. بۈگۈنكى كۈندە ئاممىي كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى، چوڭ - كىچىك تەنتەربىيە مەيدان - سارايلىرى كىشىلەر كۆپ بارىدىغان ئورۇنغا ئايلانماقتا. شۇڭا، بۇنداق ئورۇنلاردا مەبلەغ بىرقەدەر كۆپ كېتىدىغان تەنتەربىيە بويۇمىلرى دۇكىنى، چىرايلىق بېزەلگەن ئوتتۇرا تىپتىكى قەھۋەخانىلارنى ئېچىش بىر قەدەر مۇۋاپىق بولۇپ قالماي، سېرىقئاش، كاۋاپ، توخۇ، بېلىق گۆشى، ئۆپكە - ھېسىپ ۋە ھەر خىل ئىچىملىك دۇكىنى، ياكى ياشلار قىزىقىدىغان ھەر خىل ژورناللار، تەنتەربىيىگە ئائىت گېزىت - ژورنال، كىتاپ ۋە ھەر خىل ئۈن - سىن بۇيۇملىرى دۇكىنى ئېچىشمۇ مۇۋاپىق كىلىدۇ.
كىشىلەر توپلىشىدىغان ئورۇنلار: تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە كوچىلاردا بىكار يۈرىدىغان كىشىلەر ئاساسەن قالمىدى. لېكىن، شەھەر ۋە يېزا - بازارلارنىڭ دوقمۇشلىرىنىڭ يايما، كىچىك تىپتىكى تۈرلۈك ماللار دۇكىنى ۋە تېز تاماقخانا ئېچىشتىكى قولايلىق تەرەپلىرى يەنىلا كۆپ. بۇنىڭدىن باشقا قاتناش بېكەتلىرىنىڭ ئەتراپىمۇ دۇكان تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىشقاناھايىتى باپ كىلىدۇ. بۇنداق ئورۇنلارغا تاماقلىرى تۈرلەنگەن چوڭ ئاشخانا، تېز تاماقخانا ۋە تەييار تاماق ئاشخانىلرىنى ئاچسا، ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق نان، گۆشگىردە، سامسا، پىششىق گۆش سودىسى، ئىچىملىك تىجارىتى بىلەن شوغۇللانسا تىجارەتنىڭ يۈرۇشۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز.
كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىش ئىقتىدارى يۇقىرى ئورۇنلار: زاۋۇت ۋە چوڭ ئىدارىلەرنىڭ ئەتراپى يۇقۇرى ئىستېمال ئورنى ھىساپلىنىدۇ. بۇنداق ئورۇنلاردا نۇرغۇن ئاھالە ئولتۇراقلىشىش بىلەن بىرگە يەنە كۆپلىگەن ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ئۆيلىرى سىرتتا بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق رايونلاردىن دۇكان تىجارىتى ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە پايدىلانغىلى بولىدۇ.
خېرىدارلارغا قولايلىق ئورۇنلار: مەخسۇس ئاھالىلەر رايونلىرىغا دۇكان ئاچسا، خېرىدارلارغا قولايلىق بولىدۇ. بۇنداق رايونلاردا ئادەم كۆپ، ئېھتىياج ھەر خىل بولىدۇ. يېڭىدىن دۇكان ئاچقۇچىلار بۇنداق ئورۇنلارنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلانىسىلا، دۇكان تىجارىتىنى ئۇزۇنغىچە بىر رېتىمدا داۋاملاشتۇرۇپ كېتەلەيدۇ.
چوڭ بازارغا يېقىن ئورۇنلار: گەرچە چوڭ بازاردا سودا سارايلار كۆپ، ماللار تولۇق بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى دۇكانلارنىڭ سودىسىمۇ ئۆز يولىدا يۈرىشىدۇ، ھەتتا ياخشى بولۇپ كىتىشىمۇ مۈمكىن. بۇ بىر جەھەتتىن بازارنىڭ ئېقىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، چوڭ سودا سارايلىرىنىڭ ماللىرى قىممەت بولغانلىتىن بىر قىسىم خېرىدارلار قىممەت كۆرۈپ ئالمايدۇ. يەنە بىر قىسىم خېرىدارلار مالنى ئېلىش - ئالماسلىق ھەققىدە بىر خىيالغا كېلەلمەي ئىككىلىنىپ، سودا سارايلىرىدىن قايتىپ چىقىدۇ. مانا مۇشۇنداق خېرىدارلار دۇكىنىڭىزغا كىرگەندە، سودا سارايدا قىممەت كۆرگەن مالنى يولۇقتۇرسا، تالاشمايلا سېتىۋالىدۇ.
قىسقىسى، دۇكان سودىسىنىڭ ياخشى بولۇشى ئورۇننى ياخشى تاللاشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بۇنى كونكىرىت ئورۇن ۋە شارائىتقا قاراپ تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
دۇكان ئاچىدىغان ئورۇن تاللاشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
--------------------------------------------------------------------------------
بىر ئىشنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ئىش باشلاش ۋاقتى، جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىك قاتارلىق شارائىتلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئەگەر دۇكان ئاچماقچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن تاللىغان ئورنىڭىزنى ئومۇميۈزلۈك كۈزىتىپ، مەزكۇر رايوندىكى ئاھالىلارنىڭ زىچلىقى، مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئوندان بىلىشىڭىز كېرەك.
ئالدى بىلەن قاتناش قولايلىق بولۇشى كېرەك. ئاساسلىق بېكەتنىڭ ئەتراپى ياكى خېرىدارلار پىيادە ماڭسا 20 مىنوت ئەتراپىدا يېتىپ بارالايدىغان يول بۆلەكلىرىگە دۇكان ئاچسا بولىدۇ. تىجارەت قىلىشقا پايدىلىق بولغان تەرەپنى تاللاشتا چوڭ يولنىڭ ئىككى تەرپىدە مېڭىۋاتقان ئادەملەرنى كۈزىتىش كېرەك. ئادەتتە پىيادىلەر بىر قەدەر كۆپ بولغان تەرەپ تىجارەتكە ئەڭ پايدىلىقتۇر.
كىشىلەر كۆپ توپلىشىدىغان سورۇنلارغا، مەسىلەن، تىياتىرخانا، كىنوخانا، باغچا ياكى چوڭ زاۋۇت، ئىدارە ئەتراپلىرىدا بولسا سودا ئەڭ جانلىنىدۇ يەنە بىر جەھەتتىن خېرىدار مەزكور دۇكاننىڭ ئورنىنى ئېسىدە ئاسان ساقلىيالايدۇ. بۇ دۇكانغا كېلىپ باققان خېرىدار باشقىلارغا تەشۋىق قىلىپ بېرەلەيدۇ، باشقىلارنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ.
دۇكان ئېچىشتا، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى بىر قەدەر تېز بولغان جاينى تاللاش كېرەك. كارخانا، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ۋە شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ تەرەققىياتى دۇكانغا تېخىمۇ كۆپ خېرىدارنى جەلپ قىلالايدۇ ھەمدە تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە قىلالايدۇ.
توغرىسىغا كەلگەن كوچىلار ياكى كاشىلا قىلىدىغان نەرسىلەر بىر قەدەر ئاز بولغان تەرەپنى تاللاش كېرەك. چۈنكى كىشىلەر يولدىن توغرىسىغا ئۆتكەندە، دىققىتىنى ئاپتوموبىل ياكى باشقا نەرسىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يول بويىدىكى دۇكانغا نەزەر سالمايدۇ.
تەبىئىي شەكىللىنىپ قالغان بازار بۆلىكىنى تاللاش كېرەك. ئۇزاق مۇددەتلىك تىجارەت داۋامىدا، بىرەر كوچىدىكى مەلۇم بازار تەبىئىي ھالدا مەلۇم بىر خىل تاۋارنى ساتىدىغان "مەركەزلىك بازار"غا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، كىشىلەر مەلۇم خىل تاۋارنى سېتىۋالماقچى بولغاندا تەبىئىيلا شۇ جاينى ئېسىگە ئالىدۇ.
تىجارەت مەزمونىغا ئاساسەن ئورۇن تاللاش كېرەك. دۇكاندا سېتىلىدىغان تاۋار تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، دۇكان ئورنىغا بولغان تەلەپمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى دۇكانلارنى مەسىلەن، كىيىم- كېچەك دۇكىنى، كىچىك تىپتىكى تاللا بازىرى قاتارلىقلارنى ئادەملەر توپى كۆپ بولغان جايغا ئېچىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بىراق ھەممىلا دۇكاننى ئادەم مىغ- مىغ جايغا ئېچىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. مەسىلەن، ساغلاملىق بويۇملىرى ساتىدىغان دۇكان ۋە ياشانغانلار مۇلازىمەت مەركىزى دېگەنلەرنى چەترەك، جىمجىت جايغا ئاچسا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
دۇكان ئونىنى تاللاشتا "پۇلدارغا يېقىنلىشىش" ئېڭى بولۇشى كېرەك. يەنى دۇكاننى داڭلىق، زەنجىرسىمان دۇكان ياكى داڭلىق ماركىلىق تاۋارلارنى ساتىدىغان دۇكان ئەتراپىغا مەسىلەن، تاللا بازىرى، سودا ساراي، مېھمانخانا، 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىدىغان دورىخانا، قەھۋەخانا، مەيخانا، مەكتەپ، بانكا، پوچتىخانا، كىيىم يۇيۇش دۇكىنى، سۈرەتخانا، مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزى، مەھەللە مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق خېرىدارلارنى بەكرەك جەلپ قىلىدىغان جايغا ئېچىش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا، بازار تەكشۈرۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت ۋە كۈچنى تېجەپلا قالماستىن، يەنە داڭلىق ماركا تەسىرىدە خېرىدارلارنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ.
دۇكاننى ئىمكانقەدەر تۆت كوچا ئېغىزىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە ئېچىش كېرەك. يانتۇ يولغا دۇكان ئېچىشقا بولمايدۇ. يول يۈزى بىلەن دۇكاننىڭ يەر يۈزىنىڭ ئېگىز- پەسلىك پەرقى چوڭ بولماسلىق كېرەك.
دۇكان ئالدىغا ئېلان چىقىرىشقا بولىدىغان جاينى تاللاش كېرەك. بەزى دۇكانلارنىڭ مۇستەقىل دۇكان ئالدى يوق، بۇنىڭ بىلەن مۇستەقىل ئېلان چىقىرىش بوشلۇقى تەبىئىيلا يوقايدۇ. بۇنداق دۇكانلارنىڭ تىجارىتىنىڭ جانلىنىشى ناتايىن.
ئەينى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تىجارەت قىلىشقا بولىدىغان ئورۇننى تاللىغاندىن كۆرە، يېقىن كەلگۈسىدە كىشىلەرنىڭ نەزىرى چۈشىدىغان كوچا ياكى بازار ئەتراپىنى تاللىغان ياخشى.
دۇكاندارلار تىجارەت تۈرى ۋە دۇكان تاللاشتا ئېككىلىنىش مەسىلىلىرىەە دۇچ كەلگەندە زادى قانداق ھەل قىلىش كېرەك--------------------------------------------------------------------------------
ئادەتتە ھەممىلا تىجارەتچىنىڭ دۇكان ئورنىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئاۋات ئورۇندا بولۇپ كېتىشى ناتايىن. 2 -، 3 - ئورۇندا تۇرىدىغان جايلاردىن دۇكان ئاچقاندا، خېرىدارنىڭ قانداق بولۇشى، دۇكاننىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئاھالىنىڭ زىچ ياكى شالاڭلىقى، دۇكاننىڭ ئالدىدا ئادەم توختاش - توختىيالماسلىقى مۇھىم بولۇپلا قالماي، ئىستېمالچىلار قاتلىمىنى چۈشىنىش ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان زاۋۇت، كان - كارخانا رايونى، ياكى ئۇششاق تىجارەتچىلەر كۆپ رايونلاردا ئالتۇن جاۋاھىراتلار، ئىمپورت قىلىنغان كىيىم - كېچەكلەر دۇكىنى قاتارلىقلارغا ئوخشاش دۇكان ئاچسا تىجارەت ئاقمىغىنىدەك، ئىشچى - خىزمەتچىلىرى " باي" ھىساپلىنىدىغان نېفىت - خىمىيە زاۋۇتلىرى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئىدارە - ئورگانلار ئورۇنلاشقان جايغا سۈپىتى تۆۋەن مەھسۇلاتلار دۇكىنى ئاچسىمۇ ئوخشاشلا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ناۋادا تەرەببال بىر ئورۇنغا دۇكان ئاچقاندىمۇ، تىجارىتىنى باشلاپ بىر مەزگىلگىچە دۇكىنىغا كىرىۋاتقان خېرىدارلارغا دىققەت قىلىشى، ئۇلار ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈشى لازىم. خېرىدارلار قانداق مالنى كۆپ سېتىۋالىدۇ، يەنە قانداق مالنى كۆپ سورايدۇ، بۇنىڭغا قاراپ شۇ ئەتراپتىكى خېرىدارلارنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق دۇكاننىڭ دەرىجىسىنى، تىجارەت دائىرىسىنى قارارلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. سودىنىڭ كۈنلەپ تېز ياكى ئاستا بولۇشىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ دەم ئېلىش ئالاھىدىلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ ئەھۋاللاردىن قايسى ۋاقىتتا دۇكاندا مۇقىم تۇرىدىغان مال ساتقۇچىنى كۆپەيىتش، قايسى ۋاقىتتا ئازلىتىشنى بىكىتىپ، چىقىمنى تىجىسە ياكى ئۇلارنى باشقا ئىشلارغا سېلىپ قىممەت ياراتسىمۇ بولىدۇ. بازار ئىتتىك بولىدىغان كۈنلىرى ياكى ۋاقىتلاردا كىچىك دۇكاندارلار ئائىلە ئەزالىرىنى سەپەرۋەر قىلسا، ئوتتۇرا دۇكانلار مال ساتقۇچى سانىنى كۆپەيتسە ئەقىلگە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش بولىدۇ. ھەتتا ئەتراپىدا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى كۆپ، يېرىم كېچىدە ئىسمېنا ئالمىشىدىغان ئىدارە - جەمئىيەتلەر بولسا، خېرىدارلارنىڭ بىر مەزگىللىك ئادىتىگە قاراپ دۇكان ئېچىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتسا، تىجارەتنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتەرگىلى بولىدۇ. دۇكاندار مانا مۇشۇنداق ئاساسلارغا تايىنىپ ئۆزىنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى ئەمەلىي بەلگىلىسە، بىر مەزگىللىك تىجارەتتىن كېيىن تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتۈپ ئۆز دائىرىسىدىكى بازارنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلالىشى مۈمكىن.
لېكىن، دۇكان ئاچقۇچى دۇكان تاللاشتا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزى مەسىلىلەرنى خاتا پەرەز قىلىپ قالىدىغان، ئويلىشى ئەتراپلىق بولمايدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ. ھەرقانداق كىشى ئۇچۇق - ئاشكارە زىياننى ھۆددە قىلىپ تۇرۇپ دۇكان ئاچمىغىنىغا ئوخشاش، بىراقلا ئامەت ياغىدىغان، ھېچبولمىغاندا پايدىغا ئېنىق ھۆددە قىلىپ دۇكان ئاچالمايدۇ. پارچە سېتىش تىجارىتىدە تىجارەت باشلاشتىن ئىلگىرى سخېمىسىنى سىزىپ قويۇپ، تىجارەت داۋامىدا سخېمىدا كۆرسىتىلگەندەك يۈزدە يۈز پايدا ئالغان " ئەۋلىيا" دۇكاندار بولغان ئەمەس. ئادەمنىڭ تونۇشى، بىلىشى ھامان ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى كۈندىن - كۈنگە سۈپىتى ياخشىلىنىپ، تۈرى كۆپىيىۋاتقان مال، توختاۋسىز ئۆزگىرىۋاتقان بازار. شۇڭا، بۇ ئىشتا ئەتراپلىق ئويلانمىغاندا زىيان تارتىپ قېلىشتىن ساقلانماق تەس. " پايدا بار يەردە زىيانمۇ بار"، " دۇكىنىم ئويلىغىنىمدەك چىقىشىمۇ، چىقالماسلىقىمۇ مۇمكىن" دېگەندەك مەلۇم ئىمكانىيەتلەرنى قالدۇرغاندا، ئاندىن دۇكاننى تاقەت بىلەن داۋاملاشتۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسقىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ كىچىك دۇكان ئاچقۇچىلار دەسلەپتە ئۆتكەن - كەچكەنلەرنىڭ كۆزىگە قاراپ تاما قىلىپ ئولتۇرۇشقىمۇ، ئانچە - مۇنچە بولىۋاتقان سودىسىدىن رازى بولۇپ تاقەت قىلىشقىمۇ توغرا كېلىدۇ. لېكىن، بۇنىڭمۇ چېكى بولىدۇ. بەش كۈن، 10 كۈن، 20 كۈن، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت دۇكان سودىسى ئاقمىسا، دەرھال قىلىۋاتقان ئىشىدا مەسىلە بارلىقىغا ھۆكۈم قىلىشى لازىم.
مەسىلە دۇكاننىڭ ئورنىغا بېرىپ تاقاشقاندا، يەنە " ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ" دەپ دېلغۇل بولۇپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق. دەرھال ئىشنىڭ قويرۇقىنى قانداق يىغۇشتۇرۇش، زىياننى قايسى نوقتىدا تېزگىنلەش مەسىلىسىنى ئويلىشىش لازىم. مەسىلە قانچە بالدۇرراق بايقالسا ئۇنى ھەل قىلماق شۇنچە ئاسان بولىدۇ. كەينىگە سوزۇلغانچە ئىش مۇرەككەپلىشىدۇ. نىمىلا بولسۇن، دۇچ كەلگەن ئەھۋالدىن ھودۇقماي ئىشنى ئۇنىڭ مۇھىمىدىن باشلاش لازىم. سەللا ئەقىل يۈرگۈتسىڭىز، بۇ يەردە ئالدى بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بىر كۈن ئۆتسە زىياننى كۆپەيتىۋىتىدىغان مەسىلىنىڭ دۇكان ئىجارىسى ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. ئويلىنىپ ئىش قىلسىڭىز، دۇكان ئىگىسى بىلەن سەمىمىي سۆزلىشىپ ئازراق يول قويسىڭىز، زىياننى ئازايتىشتىكى بىر نوقتىدا ئىشنى ئاخىرلاشتۇرالايسىز. مەسىلەن، دۇكان ئىگىسىگە ياردەملىشىپ ئىجارە ئالدىغانلارنى تېپىشىپ بېرىش، ياكى دۇكان ئىگىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈپ بۇرۇنقى توختام ئىچىدە دۇكاننى ئۈچۈنچى بىر كىشىگە ئىجارىگە بېرىۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. تارتقان زىياننى كونكرېت تەھلىل قىلماي، زىيانغا ئىچىنى ئېچىشتۇرۇپ، دۇكان ئېچىشتىن بىزار بولۇش، دۇكاندارچىلىق رىسالىسىدىن خەۋىرى يوق ئادەمنىڭ ئىللىتى. بۇ خۇددى " شورپا ئىچىپ، ئېغىز كۆيۈپ قالسا، سۇغۇق سۇنىمۇ پۈۋلەپ ئىچىپتۇ" دىگەندەكلا ئىش. مەلۇم بىر دوقمۇشتا قاتناش ۋەقەسى كۆپ سادىر بولىدۇ، ئۈلۈم - يېتىممۇ كۆپ بولىدۇ، سىز بۇ ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەنمۇ كۆرگەن دەيلى، سىز شۇنىڭلىق بىلەن شۇ دوقمۇشتىن ئىككىنچى ئۆتمەسسىزمۇ؟ بۇنداق بولۇشى ناتايىن. پەرقى، كىيىن شۇ دوقمۇشتىن ئۆتكەندە ئىلگىرىكىدەك بىخارامان ماڭماي، ئەتراپقا دىققەت قىلىپ ئۆتىدىغان بولىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچى دۇكىنىڭىزدا تارتقان زىيىنىڭىزنى ئوقۇش بەدىلى دەپ چۈشىنىشىڭىز، بەدەلنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن تۆلىگەن بەدەلگە تۇشلۇق ھاسىلاتقا ئىگە بولىشىڭىز لازىم. شۇڭا ئىلگىرىكى ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، ئەتراپلىق ئويلاپ، باشقا ئورۇندىن دۇكان تېپىشنى ئويلىشىڭىز، بىرىنچى دۇكاندىن قايتۇرۇپ چىققان مالنى دۇكان ئارىلاپ، دۇكاندارلارغا سېتىشقا ياكى سېتىپ بېرىشكە ھاۋالە قىلىشقا كەتكەن ۋاقتىڭىزنى چوقۇم ئىككىنچى ئورۇندىن دۇكان تېپىپ جايلىشىشقا سەرپ قىلىشىڭىز لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا، بىرىنچىدىن، " دۇكان ئېچىپ قاملاشتۇرالمىدىم، زىيان تارتتىم" دەپ ئاچچىق يۇتۇشقا سىزگە ۋاقىت چىقمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، قېپقالغان مېلىڭىزنى خىجالەتچىلىكتە دۇكانمۇ دۇكان يۈرۈپ تەڭلەپ يۈرمەيسىز؛ ئۈچۈنچىدىن، ئىككىنچى قېتىم تاپقان دۇكىنىڭىزنىڭ ئورنى بازارلىق ياخشى بولۇپ قالسا، كۆچۈرۈپ كەلگەن مال بىلەن ئىلگىرىكى زىيىنىڭىزنى تولدۇرۇشىڭىزمۇ، ھەتتا پايدا ئېلىپ دۇكان تىجارىتىنى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
دۇككاننىڭ ۋىۋىسكىسىغا سەل قارىماسلىق لازىم
--------------------------------------------------------------------------------
كونىلاردا " قاپاق پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل" دې?گەن سۆز بار. بۇ سۆزنى ئوخشىمىغان نوقتىدىن ھەر خىل شەرھىلەشكە بولسىمۇ، دۇكاننى سەرەمجانلاشتۇرۇشتا بۇ سۆزنىڭ مەنىسىدىن ئىجابىي پايدىلىنىش ئىنتايىن مۇھىم. دۇكاندىكى مال ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، دۇكاننى ئېدىتلىق، كۆركەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، خېرىدارلارغا مال تۈرى، سۈپىتى ۋە مىقدارى جەھەتتە ئىنتايىن كۆپ ۋە سەرخىلدەك، ئېھتىياجلىق، دىتىغا ياقىدىغان مال تۈرلىرى ناھايىتى كۆپتەك، سودىسى مۇشۇ دۇكاندىنلا پۈتىدىغاندەك ھېس قىلدۇرۇش لازىم. شۇنداق قىلغاندا، گەرچە مەلۇم خېرىدارغا كېرەكلىك مال ھەممە دۇكاندا بولسىمۇ، ئۇ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، سىزنىڭ دۇكىنىڭىزغا ئىشەنچىلىك كېلىدىغان بولىدۇ. شۇڭا، بۇ تەدبىر خېرىدارلارنى دۇكانغا جەلپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، دۇكاننى ئەستايىدىل سەرەمجانلاشتۇرۇش مال تۈرلىرىنى سەرخىل، تولۇق سېلىشتىن قالسىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
دۇكاننىڭ ۋىۋىسكىسى ئېلان، تەشۋىقات رولىنى ئوينايدۇ، شۇڭا ۋىۋىسكا ئىشلىگەندە: بىرىنچى، ۋىۋىسكىنى خېرىدارلارنىڭ كۆزى تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئورۇنغا ئېسىش لازىم. بەزىلەر بۇ مەسىلىگە سەل قارايدۇ ياكى ئەھمىيەت بېرىشنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. نەتىجىدە ھەر ئىككىسىلا ئويلىغان ئۈنۈم بەرمەيدۇ. كىشىلەرنىڭ كۆرۈشىگە ئاسانلىق يارىتىمەن دەپ ۋىۋىسكىنى ھەدىدىن زىيادە پەس ئاسقاندا ئىشىك ياكى دېرىزە بىلەن تۇتۇشۇپ بىر گەۋدە ھاسىل قىلىپ، ۋىۋىسكا بىلەن ئىشىك - دېرىزىنىڭ خېرىدارلار نەزىرىدىكى ئايرىم - ئايرىم رولىدا مۈجىمەل تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويىدۇ. دۇكاننىڭ سىرتقى كۈرۈنۈشىگىمۇ مەلۇم دەرىجىدە نوقسان يەتكۈزىدۇ. بەك ئىگىز ئېسىشمۇ ئارتۇقچە بوشلۇق پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال خېرىدارلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىگە بىۋاستە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋىۋىسكىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى بېكىتىشمۇ ئەستايىدىل ئويلىشىدىغان مەسىلە. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن دۇكاننىڭ، ئىشىك - دېرىزىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئاساس قىلىنىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن ۋىۋىسكىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى نىسبەتلەشتۈرۈلۈپ بېكىتىلىدۇ. بۇ ئىشتا ئىمكاندەقەر مۇشۇنداق ئىشلاردىن خەۋىرى بار كىشىلەردىن مەسلىھەت سوراش، شارائىت يار بەرسە مەخسۇس لاھىيەلەش ئورۇنلىرىغا مۇراجەت قىلىش لازىم؛
ئىككىنچى، دۇكاننىڭ ئىسمىنى ئالاھىدە ئويلىشىش، كىچىككىنە دۇكانغا بەك دەبدەبىلىك، ئۇزۇن ئىسىم قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. دۇكاننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولمىغان دەبدەبىلىك ئىسىملار خېرىدارلارنىڭ ئاڭلاش سەزگۈسىگە غەلىتە تۇيغۇ بېرىپ قۇيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە خېرىدارلارنىڭ كاللىسىدا دۇكاندارغا نىسبەتەن " ئەستايىدىل ئەمەسكەن" دېگەن خۇلاسە پەيدا قىلىپ قۇيىدۇ. ئىسىم ئۇزۇن بولۇپ كەتكەندە، ئۇنى ۋىۋىسكىغا ئورۇنلاشتۇرۇش تەسكە توختايدۇ. ناۋادا ۋىۋىسكىغا رەسىممۇ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولسا، خەتنىڭ زىچلىقى، رەسىمنىڭ ھەجمى، رەسىم بىلەن خەتنى ماسلاشتۇرۇشتا ئوخشىمىغان قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋىۋىسكا ئىشلەپ ئۇنىڭغا خەت، رەسىم ئورۇنلاشتۇرغاندا " ئاز بولۇش، ساز بولۇش" نى ئىشقا ئاشۇرۇش، قىسقىسى، خەت ئېنىق، خەت شەكلى بىلەن رەسىم بىر - بىرىگە ماسلاشقان بولۇشى، بارلىق ئامىللار بىرلىشىپ دۇكاننىڭ تىجارەت مەزمونى بىلەن ئوبرازىنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈشى لازىم؛
ئۈچۈنچى، ۋىۋىسكا لايىھىلەشتە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم. دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ۋىۋىسكىنىڭ شەكىللىرىمۇ كۆپ خىللاشتى. چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئاۋات كوچىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى رەڭگارەڭ چىراغلار كېچە مەنزىرىسىگە ئالاھىدە يارقىن تۈس بېرىدۇ. مانا مۇشۇ رەڭگارەڭ چىراغلارنىڭ كۆپىنچىسى كوچىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرى بولۇپ، بۇ ۋىۋىسكىلار كىشىلەرگە گۈزەللىك تۇيغۇسى بەخىش ئەتكەندىن سىرت، خېرىدارلارنى دۇكانغا جەلپ قىلىشتىمۇ سېھىرلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. نۆۋەتتىكى رىقابەتتە دۇكىننىىڭ تىجارىتى تازا روناق تاپالمايۋاتقان ياكى يېڭىدىن دۇكان ئاچماقچى بولۇپ تۈن نىسبىگىچە دۇكان ئېچىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىمكانىيىتى بارلار بۇ نوقتىغىمۇ سەل قارىماسلىقى لازىم. بولۇپمۇ بالدۇر قاراڭغۇ چۈشىدىغان قىش كۈنلىرى بۇ خىل چىراغلىق ۋىۋىسكىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى ۋىۋىسكىلارغا چىراغ ئورنىتىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق ۋىۋىسكا ئاسقان دۇكانلارنىڭ تىجارەت تۈرلىرىنى ئۆتكۈنچى خېرىدارلار كېچىدە پەرق ئېتەلمەيدۇ. دۇكانغا باشقا دۇكانلاردا يوق ئالاھىدە مال سالمىغان شارائىتتا، يېڭى خېرىدارلارنىڭ بۇنداق دۇكانغا تەرەببال كىرىپ بېقىشى ناتايىن. بىر كەچتە ئاز بولغاندا بەش - ئون خېرىدارنىڭ دۇكاننىڭ تىجارەت تۈرىنى بىلمەي كېتىپ قېلىشىمۇ كىچىك دۇكانلار ئۈچۈن چوڭ زىيان. شۇڭا، دۇكاندارلار كۈندە كەچتە خېرىدارنىڭ كەملىكىدىن ۋايىم يەپ ئولتۇرۇشتىن كۆرە، ھەرىكەت قوللانسا، چارە قىلسا، ئوڭشالمايدىغان ئىش يوق. بۈگۈنكى كۈندە چىرايلىق ۋىۋىسكىلارنىڭ ئېكران شەكىللىك، تۆۋرۈك شەكىللىك، ئاسما شەكىللىك دېگەندەك تۈرلىرى كۆپىيىپ كەتتى، تەننەرخىمۇ ئۇنچە قىممەت ئەمەس. دۇكىنىنىڭ ۋىۋىسكا ئورنىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ خالىغان بىر تۈرىنى ئورناتسا، يېڭىچە دۇكان قىياپىتىنى نامايەن قىلسا بولىۋېرىدۇ. بۇنىڭ خېرىدارلارنىڭ نەزىرىدە غەيرىي ئىنكاس قوزغايدىغان ھېچقانداق تەرىپى يوق. كۆزىتىشكە قارىغاندا، ئۈرۈمچى، قەشقەردەك چوڭ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردە بۇ خىل ۋىۋىسكا ئېسىش ئەھۋالى ناھايىتى كەمچىل، بولۇپمۇ كىچىك دۇكانلاردا تېخىمۇ شۇنداق، ناھىيە، يېزا - بازاردىكى دۇكانلاردا تېخىمۇ يوق دېيەرلىك. ھەممە ساھە يېڭىلىنىش، زامانىۋىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇكاندارلار بۇ نوقتىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىقى، دۇكان تىجارىتىنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن، ئۈنۈملۈك چارە - تەدبىر قوللىنىش لازىم.
ئوتتۇراھال دۇكان ئاچقۇچىلار زامانىۋى سودا مەدەنىيىتىگە يۈزلىنىپ، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ھەمكارلشىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
--------------------------------------------------------------------------------
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دۇكان تىجارەتچىلىكىدە رىقابەت ھازىرقىدەك ئۆتكۈر بولۇپ باقمىغان، مەھسۇلات تۈرى ئاز بولغانلىقتىن كۆپ ساندىكى دۇكاندارلار مال كىرگۈزۈش بىلەن دۇكان باشقۇرۇشنى تەنھا ئۆزى ئىشلەپمۇ ھۆددىسىدىن چىقىپ كەلگەن ئىدى. مەھسۇلات تۈرلىرى توختاۋسىز كۆپىيىپ، ئۇنىڭ ياخشى - يامىنىنى توغرا پەرق ئېتىش، مۇۋاپىق باھادا توپ ئېلىپ پارچە سېتىش جەريانىغا، ئاخىرقى پايدا - زىيىنىغا بىرقەدەر ئېنىق ھۆكۈم قىلىش مەخسۇس بىلىم تەلەپ قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇكاندارلىرىمىزدا مۇتەخەسسىسلەرگە مۇراجىئەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىلمىي سالاھىيىتى، تىگىشلىك ئىش ھەققى ۋە ئۇزۇنغىچە ھەمكارلىشىشنى تىجارىتىگە يانداش ئېڭى سۇس بولىۋاتىدۇ. گەرچە يېقىنقى يىللاردا بۇنداق مۇناسىۋەتلەر تەدرىجى ھالدا بارلىققا كېلىۋاتقان بولسىمۇ، دۇكدارلار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تىجارەتتىكى رولىغا تېگىشلىك توغرا باھا بەرمىگەنلىكتىن بۇنداق ھەمكارلىشىش ئۇزۇنغىچە داۋاملاشمايۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بىر قىسىم مەرىپەتپەرۋەر، سودا ئىلمىنى دۇكان باشقۇرۇشقا يېتەكچى قىلغان دۇكاندارلار بۇ ساھەدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ بەزى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۇ ئومۇمىيلىق ئەمەس. ئوتتۇرا ھال دۇكان ئاچقان كۆپ ساندىكى دۇكان خوجايىنلىرى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا تا ھازىرغىچە ئېتىبارسىز قاراۋاتىدۇ. ئۇلار شۇنچە كۆپ مەبلەغ سالغان دۇكاننىڭ تىجارىتىنى ئۆزى تەنھا باشلاپ داۋاملاشتۇرۇپ، مەسىلە كۆرۈلگەندە، مۇرەككەپلىشىپ ئۇنى كونترول قىلىشقا ئاجىز كەلگەندە، سەۋەبىنى ئۆزىنىڭ دۇكان باشقۇرۇشىدىكى چۇۋالچاقلىقىدىن ئەمەس، بەلكى باشقا تەرەپلەردىن ئىزدەۋاتىدۇ. بىز ئاڭلاۋاتقان ۋە كۆرۈۋاتقان بازار مۇھىتىدا بۇنداق تىجارەتچىلەر ئاز ئەمەس. ئۇلار ئېغىر بولغاندا تىجارەتكە سالغان مەبلىغىنى زىيان تارتقاندىن سىرت، قەرزگە بوغۇلۇشتەك پاجىئەگە يولۇقسا، يىنىكرەكلىرى تىجارەت دائىرىسىنى يىغىشتۇرالماسلىقتەك دېلىغۇللۇق ئىچىدە قارىسىغا ئىش كۆرمەكتە.
بۇندىن بىرقانچە يىللار بۇرۇن ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات رايونىغا جايلاشقان بىر دۇكان بولۇپ، دۇكاندار ئۇزۇن بىر مەزگىل شەھەردىن - شەھەرگە، دۆلەتتىن دۆلەتكە مال يۆتكەپ جاپالىق تىجارەت قىلىپ پۇل تاپقانلار ئىكەن. ئۇلار ئاكا - ئىنى بىرقانچە كىشى مەبلەغ جۇغلاپ، ھەمكارلىشىپ ھېلىقى چوڭ دۇكاننى ئېچىپتۇ. دۇكان نەچچە قەۋەتلىك ھەشەمەتلىك بىنا بولۇپ كۆلىمى چوڭ، ئورنى ياخشى بولۇپ دۇكان تىجارىتىگە ناھايىتى مۇۋاپىق ئىكەن، بۇ ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ تىجارەت تەققازاسىغا خوپمۇ ئۇيغۇن كەپتۇ. شۇنداق ئىكەن، بۇ دۇكاننىڭ تىجارىتى ئەتراپىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش ياخشى شارائىتى يوق دۇكانلاردىن ئېشىپ چۈشىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئەھۋال ئۇنىڭ ئەكسىچە بوپتۇ. ئۇلار مال تۈرى شۇنچە كۆپ بۇ دۇكاننىڭ تىجارىتىنىنى ئۆزلىرى ئىلگىرى شوغۇللانغان بىرنەچچە خىل مالنى جايدىن - جايغا يۆتكەپ ساتقان تىجارىتىگە ئوخشىتىپ ئىش باشلاپتۇ. دۇكاننىڭ ھەرقايسى ئىش ھالقىلىرىدىكى بارلىق خىزمەتلەرنى ئۆزلىرى قول سېلىپ ئىشلەپتۇ. تۈرى، مىقدارى شۇنچە كۆپ مالنى كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئۆزلىرىلا قىپتۇ. بىراق، ئۇلار ئىچىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇغان بىرەرى بولمىسىمۇ، مەخسۇس دۇكان باشقۇرغۇچى ئىشلەتمەپتۇ. شۇنچە چوڭ دۇكاننىڭ بارلىق ھېساب - كىتابى ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بولۇپ، دەپتەرلەشتۈرۈپ خاتىرە تۇتىدىغان بىرمۇ مەخسۇس ئادىمى يوق ئىكەن. ئەلۋەتتە مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ ئۇلارنىڭ شۇنچە چوڭ دۇكان تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئاپىرىن ئۇقۇشقا بولىدۇ، لېكىن، تىجارەتتە مەسىلە چىقمايدىغانلىقىغا ھېچكىممۇ كېسىپ بىر نىمە دېيەلمەيدۇ. دەرۋەقە ئۇلار چەت ئەلدىن ئۈچ يېرىم يۈەندىن سېتىۋالغان مالنى ئېسىدە يوق بىر مەزگىلگىچە ئۈچ يۈەندىن سېتىۋېرىپتۇ. ئەس - ھۇشۇنى تاپقاندا بىرمۇنچە مال سېتىلىپ بولغانىكەن. خوجايىن: " بولار ئىش بوپتۇ، مالنى دۇكاندىن ئېلىۋېتەيلى، ئەمدى باھا قوشساق خېرىدارلارنى قاچۇرۇپ قويىمىز" دەپ خۇلاسە چىقىرىپتۇ. خوجايىننىڭ بۇ سۆزىدە ئاچچىق زىياننىڭ تەمى بار. چەت ئەلدە ئۈچ يېرىم يۈەن بولغان مال دۇكىنىغا كىرگۈچە بىرمۇنچە راسخوتلار بىلەن بىر ھەسسە ياكى شۇنىڭغا يېقىن قاتلىنىشى مۇمكىن. دېمەك، بۇنىڭدىن بىرمۇنچە زىيان كۆرۈلگەن. ئۇنى ساتماي ئىسكىلاتتا بىر مەزگىل ساقلىسا، سۈپىتى ئۆزگىرىپ قېلىشى، يەنە كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن. بۇ خۇجايىنلار يەنە بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ دۇكىنىغا ساپتۇ. خام ئەشيانى ئۇدۇل كەلگەن بىرى بەزىدە ئەرزان، بەزىدە قىممەت ئېلىپ كېلىۋېرىدىكەن. مەھسۇلات تەييار بولۇپ ئۇنىڭغا باھا قۇيۇشتا بولسا، خام ئەشياغا كەتكەن چىقىم ئىنچىكە ھېساپ قىلىنمايدىكەن - دە، " مۇنچە باھا قويساق بولار، ئانچە باھا قويساق بولار" دېگەندەك يەڭگىل مۇئامىلە قىلىنىدىكەن. شۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەۋاتقان تېخنىك بىرىگە: " بۇلارنىڭ سېتىۋاتقان باھاسى مەھسۇلاتنىڭ خام ئەشيا تەنەرقىنى ئاران كۆتۈرىدۇ، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش، مۇلازىمەت ھەققى، باج قاتارلىقلارنى ھېساپقا ئالمايۋاتىدۇ" دەپ جاۋاب بەرگەن.
دېمەك، مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سېلىشتا ئىنچىكە تەنەرخ ھېساباتى ئارقىلىق باھا قۇيۇش - تىجارەتنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىش. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتىمۇ بىرەر مۇتەخەسسىسنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتمىگەنلىكى ياكى شۇنداق كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئىستىكىدە بولمىغانلىقى - ئاشۇنداق زور ئىقتىسادىي مەسىلىگە يەنىلا سەل قارىغانلىقتىن چىقىۋاتقان سەۋەنلىك. بۇنداق سەۋەنلىكلەر داۋاملىشىۋەرسە، ماللارنىڭ ئوبروتىدا يۇقىرىقىدەك خاتىرە تۇتماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىياننىڭ قېتىم سانى كۆپىيىۋەرسە، دۇكاندارنىڭ مەبلىغى ھەرقانچە كۆپ بولغاندىمۇ، كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىشى تەس بولىدۇ.
شۇڭا، كۆپ مەبلەغ سېلىپ دۇكان ئاچقۇچىلار ياكى بىرنەچچە تىجارەتچىلەر، ئاكا - ئۇكا، ئۇرۇق - تۇققانلار ھەمكارلىشىپ دۇكان ئاچقۇچىلار بولسۇن تىجارىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىشنىمۇ ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىشنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىشى لازىم. ھەرقايسى ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار پەيدىنپەي مۇكەممەللىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تىجارەتتىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئىلغار تىجارەتچىلەر قوشۇنىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنداق قوشۇننى چوقۇم زورايتىش كېرەك. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تىجارەتچىلەرنىڭ مال كىرگۈزۈش ۋە باھا قويۇش دېگەندەك ئىش ھالقىلىرىدا خاتىرە تۇتماسلىق، ئەنئەنىۋى ئۇسۇل
历史上的今天:
بالىلىققا قايتقۇم بار Feb 7, 2009تاركوچا )مىرزات ئالىم( Feb 7, 2009يەرشارىنى ئىلىپ قىلىش Feb 7, 2009بۇ چۈش ئەمەس (تەنھا كىيىك) Feb 7, 2009داڭلىق ئاپتوموبىل سودىگىرىنىڭ تىجارەت سىرى Feb 7, 2009
评论