1. مائارىپ مىنىسترلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2013 – يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈدىغان ئوقۇغۇچىلار ئالتە مىليون 990 مىڭغا يېتىدىغان بولۇپ، 2012 – يىلدىكىدىن 190 مىڭ كىشى كۆپەيگەن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 64 يىلدىن بۇيان، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل. ھازىرقى ستۇدېنتلار «سەرخىل مائارىپتىن» «ئاۋام مائارىپى» غا ئۆزگەردى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش خېلىلا ئومۇملىشىپ قالدى. بىر تەرەپتىن «ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ تەس پەسىل» بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار «بېشىنى ئېگىش» نى خالىمىغانلىقتىن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرىسىدا پەرق كۆرۈلدى، بۇ خىل ھالەت ناھايىتى چىگىش بىر مەنزىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ خىل ھالەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆزقاراشنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىش كېرەك.
بۇلار بىر توپ رىئاللىققا «باش ئەگكەن» ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، باشقا بىر تۈردىكى خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئۇسۇلى، ئۇلار مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىگە تەۋە بولغان خىزمەتنى تېپىشتى.
سۈرەتتە: 2011 – يىل 9 – ئاينىڭ 27 – كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرى، بىر كۈن ئالدىراش يۈرگەن ياڭجىبىڭ سافادا ئولتۇرۇپلا ئۇخلاپ قالدى. 22 ياشلىق ياڭجىبىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن، بىر شىركەت قۇردى، ئۆزى خېرىدارلارغا تورت توشۇپ بەردى، خوشاللىق ئاتا قىلدى، ئەلۋەتتە بۇ خاتالىقنىڭ كەينىدە جاپامۇ يەتكۈچە بار ئەلۋەتتە.
2. 2010 – يىل 6 – ئاي، خېفېي، توردىكى «مادۇ» سۈرەتكە تارتماقتا. 21 ياشلىق ساۋمېڭشۈەن خېفېيدىكى بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، كىچىكىدىنلا نومۇر كۆرسىتىشكە ئامراق بولۇپ، بۇرۇن كوچىدا سۈرەتكە تارتىش ئىشلىرىنى قىلىپ باققان. بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئۇ توردا بىر دۇكاننىڭ تور مودېلى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قالدى، ھەمدە بىر نەچچە سۈرەت ئەۋەتىپ، بۇ دۇكانغا قوبۇل قىلىندى، ھەمدە توردىكى «مادۇ» بولۇپ قالدى.
3. 2007 – يىل 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ، 200 نەپەر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر شىركەتتىن ئىش ئىزدىدى، ئىش ئىزدىگەن نەق مەيداندا، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار «ئۇۋۋۇلاپ يۇيۇش» ۋە «پۇت ئۇۋۋۇلاش» قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلدى.
4. 2012 – يىل 2 – ئاي، ۋۇخەن، سەھنە رىياسەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 24 ياشلىق قىز خې خۇڭمېي. 24 ياشلىق، خېبېيلىق بۇ قىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋۇخەندە قېلىپ داۋاملىق كۈرەش قىلماقچى بولدى – پەردازخانىسى يوق بولغاچقا، ئۇ تازىلىق ئۆيىدە گىرىم قىلماقتا.
5. 2012 – يىل 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، خۇبېي خۇاڭفېڭ،90 – يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بۇ ستۇدېنت خېگېن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، يۇرتىغا قايتىپ، زور كۆلەمدە مىللىي كالا بېقىپ، كالا خوجايىنى بولۇپ قالدى. ئۇ تاغ باغرىدا كالا باققاچ قول كومپيۇتېرىنى ئېچىپ، كالىنى قانداق بېقىش ۋە جاندار سودىسىغا دائىر ئەھۋالنى ئىگىلىمەكتە.
6. 2008 – يىل 11 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، خۇنەن چاڭشا ۋاڭچېڭ ناھىيەسى ۋۇشەن بازىرى باچۈ دەرياسى ئېكىلوگىيەلىك چوشقا بېقىش بازىسى. قىز ستۇدېنت چېنجۈەن ۋە ئۇ باققان چوشقىلار.
7. 2012 – يىل 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، 30 ياشلار چامىسىدىكى، كۆزئەينەك تاقىۋالغان، ھەرىكىتى ناھايىتى سىلىق، مودېل بوۋاقنى يۇيۇندۇرۇۋاتقان، قىلچىمۇ تېڭىرقاش ھېس قىلمىغان بۇ بالا جۇڭگودىكى تۇنجى ماگېستىر ئەر يەڭگە لىدابىن. لىدابىن چاڭشادىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا بالىلارغا قانداق يېقىنلىشىش توغرىسىدا پراكتىكا قىلىۋاتىدۇ.
8. 2012 – يىل 7 – ئاينىڭ 11 – كۈنى 11 نەپەر ئوقۇغۇچى كوللىكتىپ ھالدا چۇڭچىڭ ئائىلە باشقۇرۇش مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، بالا بېقىش خىزمىتى تەلەپ قىلغان 1 – كۈنى، ئائىلە مۇلازىمىتى تەربىيەلەش ئۇستىسى مېڭجاۋيۇ نەق مەيداندا ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن سىناق ئالماقتا: يوتقان كۆرپە سېلىش، كىتاپ ئىشكاۋىنى سۈرتۈش، قاچا يۇيۇش......كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بۇ ئۆي ئىشلىرىغا سەل قارىماڭ، بۇ ئىشلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خېلى تەس كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى نەپەر قىز ستۇدېنت قاچا يۇيۇشتا نۆل نومۇر ئالدى. خېلى كۆپ قىز ستۇدېنتلار مۇنداق دەپ ئاھ ئۇرۇشتى: «بالا باققۇچى بولۇشمۇ شۇنچە تەس ئىكەن، ئەسلىدە بىز ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى بىلمەيدىكەنمىز». ئوقۇغۇچىلار سۈرتىدىغان يەرلەرنى سۈرتۈپ بولۇپ مۇئەللىمدىن ناھايىتى ئىشەنچسىز ھالدا نەتىجىسىنى سوراشتى، ئېرىشكەن جاۋاب «لاياقەتسىز».
9. 2011 – يىل 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، تەييۈەن، ئۇسسۇل كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى فەنو ئۆزى يېڭىلا ئۈگەنگەن چۆپ تارتىش سەنئىتىنى كۆرسەتمەكتە.
10 . 2009 – يىل 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، يۈەن چېڭشۈن چاڭشا شەھىرىدىكى مەلۇم بىر رايوندا ھامماللىق قىلماقتا. چاڭشا شەھىرى تەنتەربىيە يېڭى شەھەرچىسىنىڭ شەرقىگىرەك جايلاشقان بىر كەپىلىك مەھەللىدە، خېلى كۆپ شىركەتلەرنىڭ ئامبارلىرى ۋە ياتاقلىرى بار. بۇ يەردە چىۋىنلەر گىژىلداپ ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ، ھەممە يەرنى ئەخلەت بېسىپ كەتكەن، ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىر قەبرىستانلىق بار. 1500 يۈەن ئايلىق ئىش ھەققى ئېلىش ئۈچۈن، ستۇدېنت يۈەن چېڭشۈن خېلى بىر مەزگىللەرگىچە نەچچە ئون نەپەر ئىشچى بىلەن قىستىلىشىپ بىر ياتاقتا تۇردى، ھەر كۈنى چاڭشا شەھىرىنىڭ ھەرقايسى مال توشۇيدىغان جايلىرى ئارىسىدا قاتىراپ ئالدىراش يۈردى.
11. 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، خاربىن، ئەترەت باشلىقى ياڭ ۋېيشيا خاۋ ۋېنفاڭغا تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆگەتمەكتە. يېقىندا خاربىن شەھىرىدىكى 160 تىن ئارتۇق كەسپىي شىتاتتىكى تازىلىق ئىشچىلىرى رەسمىي كوچىغا چىقىپ ئىشلەشكە باشلىدى. ماگېستىر ئۈنۋانىغا ئىگە ئىككى تازىلىقچى خاربىن شەھىرىنىڭ نەنگاڭ رايونىدىكى شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى تازىلىقچىلار بىرىنچى ئەترىتىگە بۆلۈندى. 1983 – يىل تۇغۇلغان خاۋۋېنفاڭ جۇڭشەن ئەترىتىنىڭ بىر تازىلىق ئىشچىسى. ئۇ ئاسپىرانت ۋاقتىدا يېمەكلىك كەسپىنى ئۈگەنگەن، بۇندىن بۇرۇنمۇ خېلى كۆپ جايلاردا ئىشلەپ باققان، بىر مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، 2012 – يىل 10 – ئايدا، ئاتا ئانىسى ۋە دوستلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئۇ مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىقىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى.
12. 2013 – يىل 5 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، شىئەن، ئۈچ ئاسپىرانت بىرلىشىپ، «ئاسپىرانتلار قاقلىما سىياھ بېلىقى» دۇكىنى ئاچتى
13. 2010 – يىل 3 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، جىنەن، ئۇستازلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، جاڭتىڭنىڭ يۈكى سەل يېنىك، بىراق ئۇنىڭغىمۇ تەس. 3 – چىسلا، بەش نەپەر ستۇدېنتتىن تەركىپ تاپقان گەندە تازىلاش ئىشچىلىرى كېلىشىم ئىمزالاپ، رەسمىي ئىشقا چىققاندىن كېيىن، تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. تاراتقۇلارغا ئاقكۆڭۈل جاڭتىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى، بىراق كۆڭلىدە قانچىلىك بېسىم ھېس قىلغانلىقىنى پەقەت ئۆزىلا بىلىدۇ.
14. 2013– يىل 1 – ئاي، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ پۈتتۈرگەن چېنشېڭ باشلامچىلىق بىلەن ئاچقان «ستۇدېنتلار چوشقا گۆشى دۇكىنى» رەسمىي ھالدا شاڭخەيدىكى 12 دانە سەي كۆكتات بازىرىدا پەيدا بولدى. 50 نەچچە نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇ كۆكتات مەيدانلىرىدىكى پۇكەيگە تەقسىملىنىپ، بىرىنچى سەپتە گۆش ساتىدىغان قاسساپلاردىن بولۇپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، ستۇدېنتلار خېلى كۆپ ساننى ئىگىلىگەن، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ساپاسى ياخشى بولغاچقا بۇ كەسپ ناھايىتى تېز تەرەققى قىلغان، مەخسۇس پۇكەيلەر 500 دىن ئېشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 1 – سەپتە چوشقا گۆشى ساتىدىغانلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 3000 يۈەندىن ئاشقان، باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق يىللىق مائاش ئالغان بولۇپ ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان «ئاق ياقىلىقلار» نىڭ سەۋىيەسى بىلەن ئوخشاش بولغان.
15. 2007 - يىل 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، شېنياڭ، ستۇدېنتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھېساب ئاددىلا بىر ئىش. بىراق بۇ كەسپ بىلەن تۇنجى قېتىم شۇغۇللانغاندا، ئۇلار ناھايىتى ئەستايىدىل بولدى. ئۈچ ستۇدېنت مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىراقلا ئەسكى تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىپ سېتىپ، «ئەخلەت تېرىش پىرى» بولدى، قىلغانسېرى روھلىنىپ، بۇ ئىشنى تېخىمۇ زورايتماقچى بولۇشتى.
16. 2008 – يىل 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، چۇڭچىڭ ئېچىۋېتىلگەن رايونى سۈيگەي يولى مەھەللىسى، بىر ستۇدېنت پۇقرالارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە. شۇ كۈنى «4 – ماي» ياشلار بايرىمى بولۇپ، گەيبېي رايونى سۈييۈن كوچىسى سۈيگەي يولى مەھەللىسى مەھەللە ياردەمچىسى ئىش ئورنىدىن ئوننى چىقاردى، گەرچە ھېچقانداق ئىش ھەققى بەرمىسىمۇ، بىراق 100 نەچچە نەپەر ستۇدېنت بەس بەستە تىزىملىتىپ، بۇ خىزمەتنى تالاشتى، پۇقرالار ئىمتىھان ئېلىپ، ئۆزىگە يارىغانلىرىنى تاللاشتى.
17. 2005 – يىل 12 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، چېڭدۇدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بەش نەپەر ئوقۇغۇچى بىرلىشىپ ئاچقان مايلامچىلىق دۇكىنى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. بۇ بەش يىگىت ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن قارىغان.