بىل گايتىس قايتىدىن "دۇنيادىكى 1-باي"لىق ئورنىنى قايتۇرۇۋالدى
تۈنۈگۈن كەچ Bloomberg ئاخبارات ۋاستىسى ئېلان قىلغان Bloomberg دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكىدە كۆرسىتىلىشچە ، مىكروسوفىتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتىس شۇ كۈنى مېكسىكىدىكى داڭلىق باي كارلوس سليمنى يىڭىپ ، دۇنيادىكى 1- بايلىق ئورنىنى قايتۇرۇۋالغان ، بۇ بىل گايتىسنىڭ 2007-يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم بىرىنچىلىك ئورنىنى قايتۇرۋىلىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .
Bloomberg تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە ، شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە بىل گايتىسنىڭ ئومۇمىي بايلىق قىممىتى 72 مىلىيارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، ئالدىنقى دۇنيادىكى 1-باي كارلوس سليمنىڭ ئومۇمىي بايلىقىدىن 550 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئېشىپ كەتكەن . سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە مىكروسوفىتنىڭ تۈنۈگۈنكى پاي چېكى باھاسى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىققان ، 2013-يىل كىرگەندىن بۇيان مىكروسوفىتنىڭ پاي چېكى باھاسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 28% گە يېتىپ ، بۇ 2013-يىل ئىچىدە بىل گايتىسنىڭ بايلىقىنىڭ تەخمىنەن 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئېشىشىغا ياردىمى بولغان . يەنە بىر تەرەپتىن ، مىكسىكا پارلامېنتى قانۇن چەكلىمىلىرى ئارقىلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بازارىنى تەڭشىدى ، شۇنىڭ بىلەن كارلوس سليمنىڭمۇ بايلىقى 2013-يىل ئىچىدە 2 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى كېمىيىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ساپ بايلىقى 72 مىلىيارد 100 ئامېرىكا دوللىرى .
مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ قارىشىچە ، مېكسىكىدا يانفۇن ئابونىتلىرى تاپشۇرىدىغان ھەق ئۆلچەملىك ھەقتىن ناھايىتى كۆپ يۇقىرى بولۇپ ، بۇنى دۆلەت قانۇن ئارقىلىق چوقۇم چەكلىشى ۋە تەرتىپكە سېلىشى كېرەك ئىكەن .