يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ئالتۇن باھاسى
  • 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى بېنزىن ۋە دىزېل باھاسى
  • جۇڭگودا بايلارنىڭ نامراتلىشىپ، نامراتلارنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر
  • 2016-04-15 كۈندىكى ئالتۇن سودا تەھلىلى
  • 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
  • 2016-يىللىق شىنجاڭنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يەرلىك زايومى تارقىتىلدى
  • بازار دىققەت نۇقتىسى يەكشەنبە كۈنىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر يىغىنىدا بولدى
  • 2016-04-15 كۈندىكى كۈمۈش سودا تەھلىلى
  • ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى ماددىي ئالتۇن بازىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى بىكار قىلدۇ
  • ئىلكان ئىقتىساد كالىندارى «4-ئاينىڭ 15-كۈنى»
  • خەلقئارالىق ئورگانلار جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئۈمىد بىلەن قارىماقتا
  • ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتى توسالغۇغا ئۇچرىدى
  • كۈمۈشمۇ ئالتۇننىڭ تۆۋەنلەش ھالىتىدىن قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز
  • دوللار كۆرسەتكۈچى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى
  • چەت ئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ 3-ئايدىكى ئېكىسپورتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا قانداق قارايدۇ؟
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    دۇنيادىكى مۇئاشى ئەڭ يۇقىرى 10 چوڭ كارخانىنى بىلەمسىز

    مەنبە :ئۇزار تورى       يوللىغۇچى : ئامىنە -ئۇزار تورى       يوللانغان ۋاقىت :2013-05-11

     

    نۆۋەتتە، نۇرغۇنلىغان پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى كەڭ كۆلەمدە خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلماقتا، ئۇنداقتا بۇنىڭ ئىچىدىكى قايسى شىركەتلەر خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ كۆپ خىزمەت ئورنى شۇنداقلا مائاش تەمىناتى ئەڭ يۇقىرى بولغان خىزمەت ئورۇنلىرى بىلەن تەمىن ئېتەلەيدۇ؟

    تەھلىلچلەرنىڭ داڭلىق خىزمەت ئىزدەش تور بېكىتى-Indeed.com نىڭ زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تۆۋەندىكى 10 پەن-تېخنىكا شىركىتىدە يىللىق مائاشى 100 مىڭدىن ئاشىدىغان كۆپلىگەن خىزمەت ئورۇنلىرى بارلىقىنى بايقىغان. نۆۋەتتە، بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مۇشۇنداق يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت ئورنىدىن نەچچە يۈزى بارىكەن، قېنى تەلىيىڭىزنى سىناپ باقمامسىز؟

    خادىم تەكلىپ قىلىش سەۋەبى:

     چىغناق-تاغاق يېزىقى شىركىتى بولسا پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان كارخانىلارنى يۇمشاق دېتال بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ شىركەت ئۆزىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى تولۇقلاش ئارقىلىق ئۆز كەسىپلىرىنى بۇلۇت ھېسابلىشى ھەم سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتتىق دېتال ساھەسى قاتارلىق يېڭى ساھەلەرگە قاراپ كېڭەيتمەكتە.
      شىركەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قويغان نومۇرى: 4 نومۇر ( تولۇق نومۇر 5 نومۇر )
      چىغناق-تاغاق يېزىقى شىركىتى بولسا خادىملارغا ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويىدىغان شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، لېكىن خادىملارنىڭ مائاش تەمىناتى جەھەتتىمۇ ناھايىتى قولى كەڭ شىركەت ھېسابلىندۇ.
      بۇ شىركەتتە ھازىر بوغالتىرلىق دىرېكتورى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر خادىم مۇنداق دېدى:«بۇ شىركەتتە ئىشلىگەندە خىزمەت بېسىمى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، لېكىن بۇ شىركەتتە ئىشلەپ چىققاندىن كېيىن سىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىڭىزغا ئالتۇن يالىتىلغاندەك تۈس بېرەلەيدۇ. شىركەت ئىچكى قىسمىدا بيۇروكراتچىلىق ئىستىلى بار، لېكىن شىركەتنىڭ خادىملارغا تارقىتىدىغان مائاش تەمىناتىمۇ ناھايىتى ياخشى، خىزمەت ۋاقتىمۇ بەك ئۇزۇن ھەم زىچ ئەمەس. لېكىن بۇ شىركەت خىزمەت ھالقىسى ھەم ئۆلچەم قاتارلىقلارغا ھەددىدىن زىيادە ئېتىبار بېرىدۇ».

    . مىكروسوفت شىركىتى:

    ئاساسىي مائاشى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بوش ئورۇندىن 443  بار.

     خادىم تەكلىپ قىلىش سەۋەبى:

    مىكروسوفت شىركىتى نۆۋەتتە Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدىن پروگرامما تەتقىق قىلىپ ئېچىش قورالى شۇنداقلا بۇلۇت ھېسابلاش سۇپىسىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم بولغان بۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ شىركەت يېڭى قابىلىيەت ئىگىلىرىنىڭ شىركەتنىڭ بۇ خىل ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى بۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلىشىغا ئېھتىياجلىق.

    شىركەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قويغان نومۇرى: 4 نومۇر
    مىكروسوفت شىركىتى ئەزەلدىن خادىملىرىغا مائاشتىن سىرت يەنە نۇرغۇن تەمىناتلىرى بار، خىزمەت ۋاقتى ئۇزۇن، شۇنداقلا «شىركەت خادىملار رەت تەرتىپى» تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسى قاتارلىق شىركەت مەدەنىيەتلىرى ئارقىلىق داڭق چىقارغان.

    مەزكۇر شىركەتنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارى تۈر لىدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە:«مىكروسوفت شىركىتى ئىچىدە ئىشلەۋاتقان ھەر بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى ياكى ھەر بىر خىزمەت ئورنىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىزمەت بىلەن تۇرمۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئوخشاش بولمايدىغان بولۇپ، بەزى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقى باشقا خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغا قارىغاندا كۈچلۈك بولىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مىكروسوفت شىركىتى ھەقىقەتەن يامان ئەمەس بىر شىركەت بولۇپ، سىزنىڭ كۈچ چىقىرىپ ئىشلەپ بېرىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ». 

    3.ئامازون شىركىتى:

    ئاساسىي مائاشى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بوش ئورۇندىن 422 سى بار.

    خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش سەۋەبى:

     ئامازون شىركىتى بۇلۇت ھېسابلاش ھەم ئېلېكترونلۇق سودا ساھەسىدىكى تېخنىكا يولباشچىسى بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ شىركەت مال سېتىۋالغۇچىدىن تارتىپ سانلىق مەلۇمات ئالىمى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىگە خادىم تولۇقلىماقتا.

    شىركەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قويغان نومۇرى: 4 نومۇر
    ئامازون شىركىتى ئەزەلدىن يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارنى ئېچىشقا كۈچەپ كەلمەكتە.
      ئامازون شىركىتىنىڭ ھازىر سودا كەسپى بويىچە تەھلىلچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان خادىمى مۇنداق دېدى:«ئامازون شىركىتى بولسا ناھايىتى قىزىقارلىق ھەم كۆڭۈللۈك بولغان خىزمەت ئورنى بولۇپ، شىركەتنىڭ باشقۇرۇلۇشىمۇ ناھايىتى ياخشى. بۇ خىل رىتىمى ناھايىتى تېز بولغان مۇھىتتا مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم».

    4.IBM شىركىتى:

    ئاساسىي مائاشى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بوش ئورۇندىن 399 سى بار.

    خادىم تەكلىپ قىلىش ئىشلىتىش سەۋەبى:

    IBM شىركىتى نۆۋەتتە بۇلۇت ھېسابلاش ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ھەم ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك تورى قاتارلىق رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولغان يېڭى كەسىپلەرگە قاراپ راۋاجلانماقتا.

    شىركەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قويغان نومۇرى: 4 نومۇر.

    IBM شىركىتى ئۆزىنىڭ ئىنتايىن مۇقىم بولغان خىزمەت مۇھىتى ئارقىلىق داڭلىق بولۇپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ پاراۋانلىقى ئىنتايىن ياخشى، لېكىن شىركەتنىڭ خادىملارغا قويىدىغان تەلىپىمۇ ھەم ناھايىتى قاتتىق.
     IBM شىركىتىنىڭ بىر نەپەر سابىق يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى:«IBM شىركىتى خادىملارنىڭ خىزمەتتىن باشقا تۇرمۇشىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، شۇڭلاشقا پەقەت سېمىنا قوشۇش ئۈچۈنلا سېمىنا قوشۇپ ئىشلىمەيدۇ. مېنىڭ دىرېكتورۇم ناھايىتى ياخشى، خىزمەتداشلىرىممۇ ناھايىتى ياخشى».

    5.دېل شىركىتى

    ئاساسىي مائاشى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بوش ئورۇندىن 378 سى بار.
    خادىم تەكلىپ قىلىش سەۋەبى:

    دېل شىركىتى نۆۋەتتە ئەسلىدىكى PC كومپيۇتېرى سودىگىرىدىن تولۇق يۆنىلىشلىك كارخانا دەرىجىلىك IT مۇلازىمىتى ھەم مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش سودىگىرىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار IBM شىركىتى شۇنداقلا خۇيپۇ شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن كەسكىن رىقابەتكە چۈشتى. مەزكۇر شىركەت ھازىر دەل مەسلىھەتچىلىكتىن تارتىپ ھۆججەت ساقلىغۇچىغىچە بولغان نۇرغۇنلىغان خىزمەت ئورۇنلىرىغا خادىم تەكلىپ قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

    شىركەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قويغان نومۇرى: 4 نومۇر

    دېل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مىكائىل دېل (Michael Dell) ھازىر شىركەتنى شەخسىيلەشتۈرۈش يولىدا تىركىشىۋاتقان بولغاچقا، نۆۋەتتە دېل شىركىتى بىر پارچە قالايمىقانچىلىققا يۈز تۇتماقتا، لېكىن بۇ خىل ئەھۋال يەنىلا دېل شىركىتىنىڭ يېڭى خادىم تەكلىپ قىلىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمىدى.
      دېل شىركىتىنىڭ بىر نەپەر سابىق ئىچكى قىسىم بوغالتىر لىدىرىنىڭ ئېيتىشىچە:«مەن دېل شىركىتىدە ئىشلىگەن مەزگىلىمدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، مېنىڭ دېل شىركىتىدىكى ۋاقتىمدا قۇرغان كىشىلىك مۇناسىۋەت تورۇم ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ماڭا ئەسقاتىدۇ، شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەمىشە نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، شۇڭلاشقا سىز چوقۇم مۇھىتقا قاراپ ئۆزگىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىڭىز، ھەر خىل ئەھۋاللارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولۇشىڭىز لازىم».

    6. ئەكسېنچېر شىركىتى:

    ئاساسىي مائاشى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بوش ئورۇندىن 331 سى بار.

    خادىم تەكلىپ قىلىش سەۋەبى:
    ئەكسېنچېر شىركىتى ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ناھايىتى داڭلىق بولۇپ، لېكىن بۇ شىركەت يەنە تېخنىكا مۇلازىمىتى ھەم ھۆددىگەرلىك مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ. شىركەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قويغان نومۇرى: 4 نومۇر
      ئەكسېنچېر شىركىتى بولسا ئىنتايىن چوڭ بولغان چېگرا ھالقىغان شىركەت بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى 120 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندا 200 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىمى بار.
    مەزكۇر شىركەتنىڭ بىر نەپەر سابىق سودا جەھەتتىكى تەھلىلچىسى:«بۇ شىركەتتە نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەر بار بولۇپ، يەنە سىزنىڭ ئۆگىنىشىڭىزگە تېگىشلىك كۆپ مىقداردىكى بىلىملەرمۇ بار، بۇ شىركەت ناھايىتى ياخشى بولغان خىزمەت سورۇنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . شىركەتتىكى خىزمەتداشلار باشقىلارغا ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىدىغان بولۇپ، شىركەتنىڭ خىزمەت تۈرلىرىمۇ قىزىقارلىق، خادىملارنىڭ مائاش تەمىناتىنىڭ ياخشىلىقىدىن ئۆزىڭىزگە ئىشەنمەيلا قالىسىز» دېگەن.

    7.لوكھېد مارتىن شىركىتى
    ئاساسىي مائاشى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بوش ئورۇندىن 312 سى بار.

    خادىم تەكلىپ قىلىش سەۋەبى:

    لوكھېد مارتىن شىركىتى بولسا ئايروپىلان ھەم تانكا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن داڭلىق بولۇپ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ شىركەت يەنە IT شىركىتىمۇ بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ شۇنداقلا ھەر قايسى چوڭ كارخانىلارنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ھەم بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    شىركەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قويغان نومۇرى: 4 نومۇر
    لوكھېد مارتىن شىركىتى كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولغان شىركەت بولۇپ، شىركەت خادىملىرى يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ئىشلەيدۇ.
    مەزكۇر شىركەتتە ھازىر ئۇچۇر بىخەتەرلىك مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر خادىمنىڭ ئېيتىشىچە:«شىركەت ناھايىتى ياخشى بولۇپ، شىركەتنىڭ مائاش تەمىناتى ناھايىتى قاتتىق رىقابەت تۈسىنى ئالغان، بۇ شىركەتتە ئىشلەش ئارقىلىق قانداق قىلىپ بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان رەھبەر بولۇشنى ئۆگىنىۋالغىلى، قانداق قىلىپ تۈرلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشقۇرۇش، شۇنداقلا بۇ تۈر خىزمىتىنى دەل ۋاقتىدا تۈگىتىش ھەم تۈرگە ئاجرىتىلغان مەبلەغنى قانداق قىلىپ بەلگىلەنگەن خامچوت دائىرىسى ئىچىدە كونترول قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ».

    8.HP شىركىتى: 

    ئاساسىي مائاشى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بوش ئورۇندىن 312 سى بار.

    خادىم تەكلىپ قىلىش سەۋەبى:
    خۇيپۇ شىركىتى نۆۋەتتە دەل يۇمشاق دېتال ئۇقۇمىدىكى تور، تەھلىل قىلىش، بۇلۇت ھېسابلاش شۇنداقلا كومپيۇتېر بىخەتەرلىكى قاتارلىق يېڭى ساھەلەرگە كىرمەكتە.
    شىركەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قويغان نومۇرى: 4 نومۇر

    خۇيپۇ شىركىتى ھازىر گەرچە خادىم تەكلىپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىچكى قىسمىدا يەنە پىلان قىلغىلى ئۇزۇن يىل بولغان خادىم قىسقارتىشتىن ئىبارەت تۈرنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ يىل قىسقارتقان ئومۇمىي خادىم سانى تەخمىنەن 29 مىڭغا يەتكەن.
      نۆۋەتتە خۇيپۇ شىركىتىدە كارخانا تىجارەت پىلانلىغۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان خادىم:«ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، خۇيپۇ شىركىتى ناھايىتى يامان ئەمەس بىر شىركەت بولۇپ ، خادىملارنىڭ پاراۋانلىقى ياخشى، سىزنىڭ كۈچ چىقىرىپ تەر تۆكۈپ ئىشلەپ بېرىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ. خىزمەتچىلەر ناھايىتى ئىناق بولۇپ، لېكىن خىزمەت بىخەتەرلىكى جەھەتتە ھېچقانداق كاپالەت يوق دېيەرلىك. مەن بۇ شىركەتتە ئىشلىگىلى 18 يىلدەك ۋاقىت بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. بۇ شىركەتتە ئىشلىگەن مەزگىلىمدە، مېنىڭ نۇرغۇنلىغان دىرېكتورلىرىم بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ خىزمەت ئۇسلۇبى ئۆزگىچە ئىدى. خىزمەتداشلىرىم بىلەن ئىشلىسەم ئىنتايىن كۆڭۈللۈك» دېگەنىدى.

    9. ئالما شىركىتى:
    ئاساسىي مائاشى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بوش ئورۇندىن 302 سى بار.

    خادىم تەكلىپ قىلىش سەۋەبى:
    ئالما شىركىتى نۆۋەتتە پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى < بوۋاق> بولۇپ، بۇ شىركەت نۆۋەتتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون، تۈز ئېكرانلىق كومپيۇتېر، شەخس كومپيۇتېرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان شۇنداقلا ناھايىتى ئىلغار بولغان قوللىنىش ئەپ پروگرامما دۇكىنى بولغاندىن باشقا، بۇ شىركەت نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ كەسپىنى ئاللىقاچان بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق يېڭى ساھەلەرگە قاراپ كېڭەيتكەن ئىدى.
    شىركەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قويغان نومۇرى: 4 نومۇر
    گەرچە ئالما شىركىتىگە تىم كۇك (Tim Cook) باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغاندىن باشلاپ، خادىملار بەزى بېسىملارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئالما شىركىتى يەنىلا خادىملارنىڭ ئىشلىشىگە يەنىلا ماس كېلىدىغان ياخشى شىركەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
      ھازىر ئالما شىركىتىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر خادىمىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا:«ئالما شىركىتىنىڭ خىزمەت رىتىمى ئىنتايىن تېز بولۇپ، سىز ئادەتتە ئەتراپىڭىزدىكى خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ خىزمەت جەھەتتىكى ئېنېرگىيىسىنى ھېس قىلالايسىز ھەم كۆرۈپ تۇرالايسىز. ئالما شىركىتىنىڭ خىزمەت مۇھىتىنى ياخشى تۇتۇشى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىزمەتچى خادىملارنى قوللاش ئارقىلىق، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى كۈچىنىڭ بارىچە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ».

    10.SAIC شىركىتى:
    ئاساسىي مائاشى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بوش ئورۇندىن 290 سى بار.
    خادىم تەكلىپ قىلىش سەۋەبى:
    SAICشىركىتى ئۆزىنىڭ دۆلەت موداپىئە ھۆددىگىرى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ، لېكىن بۇ شىركەت يەنە ئۆز نۆۋىتىدە IT شىركىتىمۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى ئادەتتە بۇلۇت ھېسابلاش ، تېببىي داۋالاش ئىلمى ھەم ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك تورى قاتارلىق يېڭى ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.
    شىركەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قويغان نومۇرى: 4 نومۇر.

    نۇرغۇن خادىملار SAIC شىركىتىنى ناھايىتى ئۇلۇغ بولغان كارخانا مەدەنىيىتىگە ئىگە دەپ تەرىپلىشىدۇ.
      نۆۋەتتە بۇ شىركەتنىڭ تېلېگراف پىلان تورى لايىھىلىگۈچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە:«SAIC شىركىتى ناھايىتى ئېسىل شىركەت بولۇپ، خادىملارنىڭ بۇ شىركەت ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئىشلەپ بېرىشىگە ئەرزىيدۇ. شىركەت ناھايىتى ئېنىقكى، ئىنتايىن تالانتلىق بولغان پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بۇنداق خىزمەتداشلار بىلەن بىللە ئىشلىگەندە ناھايىتى كۆپ ياردىمى بولىدۇ».

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز