مارالبېشىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسى تولۇق پاش بولدى
مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ج خ تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 28 – ئاپرېل، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى «23 – ئاپرېل» زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەت سادىر قىلىش دېلوسى پاش قىلىنغان. قاسىم مەمەت، ھېبىبۇللا بارات قاتارلىق 25 نەپەر زوراۋانلىق گۇرۇھ ئەزاسىنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە توپىلاڭچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، نەق مەيداندا سەككىز كىشى قولغا چۈشكەن. باشقا 11 گۇماندارمۇ قانۇن تورىغا چۈشكەن. پارتلىتىش قۇرۇلمىسىدىن 20 سى، «غازات جېڭى» بايرىقىدىن ئۈچى بايقالغان، يەنە پارتلىتىش دورىسى ياسايدىغان خېلى كۆپ ماتېرىياللار، پىچاق قاتارلىق تىغلىق قوراللار ۋە قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بۇيۇملىرى قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى قولغا چۈشۈرگەن.
23 – ئاپرېل، مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرىدا ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 15 نەپەر مەھەللە كادىرى، ساقچىلار قۇربان بولدى.
سىندىكى كۆرۈنۈشلەرنى دوراپ ئادەم ئۆلتۈرۈشنى مەشق قىلىش
2007 – يىل 7 – ئايدا، بۇ گۇرۇھىڭ غوللۇق ئەزاسى مۇسا ھەسەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيىتىگە چېتىلىپ قېلىپ، ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، سوراققا تارتىلغان. 2010 – يىل 9 – ئايدا، مۇسا ھەسەن بىلەن قاسىم مەمەت تونۇشۇپ قالغان. شۇندىن كېيىن، قاسىم مەمەت بۇ گۇرۇھنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەنمۇ تونۇشقان. 2012 – يىل 9 – ئايدىن بۇيان، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كىشىلەر دائىم دىنىي مۇتەئەسسىپ ئىدىيە ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق مەزمۇنى بار سىن لېنتىلىرىنى كۆرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن.
2012 – يىل 12 – ئاينىڭ باشلىرىدا، بۇ گۇرۇھنىڭ ئەزالىرى مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرىدا تارقاقلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. گۇرۇھ ئەزالىرى دائىم مەمتىمىن باراتنىڭ ئۆيىگە يىغىلىشىپ، تەن مەشىقى قىلغان، ھەمدە تېررورلۇق تەسۋىرلەنگەن سىندىكى كۆرىنىشلەر بويىچە ئادەم ئۆلتۈرۈش ماھارىتىنى مەشىق قىلغان.
2013 – يىل 3 – ئاينىڭ باشلىرىدا، قاسىم مەمەت گۇرۇھ ئەزالىرىنى يىغىپ، تېررورلۇق پائالىيەت ھەققى جۇغلاپ، پارتلىتىش قۇرۇلمىسى، يۈزگە تاقايدىغان نىقاب، تىزگىنەك قاتارلىق دېلو سادىر قوراللىرىنى ياساپ، تېررورلۇق پائالىيىتى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان. 3 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مەزكۇر گۇرۇھ سەككىز دانە چوڭ پىچاق ياساپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ جەمئىي بەش قېتىم سىناق تەرىقىسىدە پارتلىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان، ھەمدە بۇ يىل يازدا، قەشقەر شەھىرىدە ئادەم زىچ ئاممىۋى سورۇنلاردا «چوڭ ئىش» قىلماقچى بولغان.
ساقچىلارغا بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرۈۋېتىش
23 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا، قاسىم مەمەت مەمتىمىن مەخمۇت، ئەنۋەر ئابدۇرېھىملارنى مەمتىمىن باراتنىڭ ئۆيىدە پارتلىتىش دورىسى ياساشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى باشقا ئەزالارنى باشلاپ شۇ ئەتراپتا ھەرىكەت قىلغان. سائەت 13 لەردە، مەمتىمىن بارات، ھېبىبۇللا بارات ئۆيىگە قايتقاندا شۇ جايدىكى مەھەللە كادىرلىرى ۋە ساقچىلارغا ئۇچراپ قالغان. ھېبىبۇللا بارات «ئاچقۇچنى ئەكىلىش» نى باھانە قىلىپ، قاسىم مەمەت قاتارلىق كىشىلەرگە ئۇچۇر بېرىۋەتكەن. قاسىم مەمەت قاتارلىق بەش كىشى موتوسىكلىتلىق يېتىپ كەلگەن، مۇسا ھەسەننىڭ ئىجارىگە ئالغان ئۆيىگە يوشۇرۇپ قويغان چوڭ پىچاق قاتارلىق تىغلىق ئەسۋابلارنى گۇرۇھ ئەزالىرىغا تەقسىملەپ بەرگەن. ئۇلار مەمتىمىن باراتنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇرغان. پارتلىتىش دورىلىرىنىڭ بايقىلىپ قالغانلىقى، پارتلىتىش دورىسى ياسىغانلارنىڭ كونترۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، جىنايىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، قاسىم مەمەت گۇرۇھ ئەزالىرىنى باشلاپ، ھويلىغا باستۇرۇپ كىرگەن. گۇرۇھ ئەزالىرى شۇ ھويلىغا كىرگەن مەھەللە كادىرلىرى ۋە ساقچىلارنى چاناشقا باشلىغان.
ئېلىشىش داۋامىدا، بازارلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ئوق چىقىرىپ بىر توپىلاڭچىنى ئۆلتۈرگەن، بىر ئادەمنى يارىلاندۇرغان، ئۈچ نەپەر ئايال مەھەللە كادىرىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان. قالغان توققۇز كىشى ئۆي ئىچىگە كىرىشكە مەجبۇر قىلىنغان، ئاندىن توپىلاڭچىلار ئۆيگە بېنزىن چېچىپ ئوت قويۇۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە قامىلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسى قازاغا ئۇچرىغان. كېيىن يېتىپ كەلگەن يېزا، بازار كادىرلىرى ۋە ساقچىلار توپىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلغان، ساقچىلار بىر توپىلاڭچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، بىر كادىر قازا قىلغان، ئىككى نەپەر ساقچى ئېغىر يارىلانغاندىن كېيىن، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
ساقچىخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئوت قويۇش
كېيىن، تۆت نەپەر توپىلاڭچى بۇ ھويلىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ئىشىك ئالدىدىكى يوللاردىكى نەرسىلەرنى، ماشىنىلارنى ئۇرۇپ چاققان، بازارلىق ھۆكۈمەتكە باستۇرۇپ كىرگەندە بىرسى ئېتىۋېتىلگەن، قالغان ئۈچ كىشى بىر ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت بىلەن ساقچىخانىغا بۆسۈپ كىرگەن، ساقچىخانىنىڭ ئارخىپ ئىشخانىسى ۋە ساقچىلارنىڭ ياتاقلىرىغا ئوت قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى: تېررورلۇق پائالىيەتلەرگە قەتئىي يول قويۇشقا بولمايدۇ
تۈنۈگۈن، دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ج خ مىنىسترلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مېڭ خۇڭۋېي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى، شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە 23 – ئاپرېل يۈز بەرگەن ۋەقە بولسا بىر پارچە ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلىش دېلوسى. تېررورچى ئۇنسۇرلار ئېلىمىزنىڭ كۈندىلىك خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغان قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى ۋە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، زور دەرىجىدە ئۆلۈم يىتىم ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
مېڭخۇڭۋېي ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، ھازىر، شىنجاڭدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشى بولماقتا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق تېنچ، مۇقىم، تەرتىپلىك، ھەر مىللەت ھاممىسى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. بىراق شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، خەلقئارادا تېررورلۇق پائالىيەتلەرنىڭ سىجىل ھالدا كۆپلەپ يۈز بېرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، چېگرا سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» بۆلگۈنچى، تېررورلۇق كۈچلەر ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىپ، قۇتراتقۇلۇق قىلماقتا، شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش يەنىلا ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ كۈرەش بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا ناھايىتى كەسكىن بولىدۇ.
مېڭ خۇڭۋېڭ مۇنداق دېدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش ئېلىمىزنىڭ فاڭجېنى، بىر مەسئۇلىيەتچان دۆلەت ھەرگىزمۇ تېررورلۇق پائالىيەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايدۇ. ئاشۇ زادىلا جىنايىتىگە توۋا قىلمايدىغان، قانۇن تۈزۈمگە داۋاملىق خىرىس قىلىدىغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قانۇننى سىناپ باقماقچى بولغان، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قارىتا، ساقچى تەرەپ بارلىق زۆرۈر ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، قەتئىي زەربە بېرىدۇ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايدۇ، ھەرگىزمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ.
نەچچە مىڭ ئامما قەھرىمانلارغا تەزىيە بىلدۈردى
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، شىنجڭا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ئورگان كادىرلىرى، قەھرىمانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە شۇ جايدىكى نەچچە مىڭ ئامما مارالبېشى ناھىيەسىدىكى تېررورلۇق دېلوسىدا قۇربان بولغان قەھرىمانلارغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تايىر ئەخەت قاتارلىق يەتتە كىشىگە «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» ۋە ««ئاپتونوم رايون بويىچە تېررورلۇققا قارشى قەھرىمان» دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىشنى قارار قىلدى. جاڭ لىشەن قاتارلىق سەككىز كىشىگىمۇ «ئاپتونوم رايون بويىچە تېررورلۇققا قارشى قەھرىمان» دەپ نام بەردى.
«23 – ئاپرېل» زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن، ۋەقە يۈز بەرگەن سېرىقبۇيا بازىرىدىكى چوڭ بازاردا تىجارەت ئەسلىگە كەلدى. ئالتە نەپەر كادىرىدىن ئايرىلىپ قالغان يېڭى بازار مەھەللە كومىتېتىمۇ يېڭىۋاشتىن خىزمەتكە كىرىشتى. مۇخبىر زىيارەت قىلىش داۋامىدا ، مەھەللە كومىتېتىنىڭ مۇلازىمەت زالىدىكى نازارەتچىلىك ستونىدا، قۇربان بولغان مەھەللە كادىرلىرىنىڭ سۈرىتىنىڭ ھېلىھەم چاپلاقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردى. يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شيې ۋۇجۇڭ مۇنداق دېدى، مەھەللىدە بىر شەرەپ ئىشخانىسى قۇرۇپ، قۇربان بولغان خىزمەتداشلارنى خاتىرىلەيمىز.
«بىز ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز، بىز زوراۋانلىق، تېررورلۇق كۈرىشىدىن قورقمايمىز» دېدى شيې ۋۇجۇڭ، بازارلىق ھۆكۈمەت باشقا تارماقلاردىن ئالتە كادىر ئاجرىتىپ، مەھەللە كادىرلار قوشۇنىنى تولۇقلىۋالدى.
مارالبېشى ناھىيەسىدە قۇربان بولغان 15 نەپەر قەھرىماننىڭ تىزىملىكى
تۈنۈگۈن، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 15 نەپەر قۇربان بولغان ج خ ساقچىسى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەر 12 نەپەر، ئايال ئۈچ نەپەر؛ ئۇيغۇر ئون نەپەر، خەنزۇ ئۈچ نەپەر، موڭغۇل ئىككى نەپەر. ئالتە نەپەر ساقچى شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى.
كېلىش مەنبەسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى
1. تايىر ئەخەت، ئەر، 35 ياش، ئۇيغۇر، مەھەللە ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى
2. رېن چاڭجۈ، ئەر، 34 ياش، خەنزۇ، ساقچىخانا باشلىقى
3. ليۇشۈلياڭ، ئەر، 30 ياش، خەنزۇ، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى
4. مەمتىمىن ئۇبۇل، ئەر، 45 ياش، ئۇيغۇر، ساقچىخانا يېتەكچىسى
5. سۈنچاۋ، ئەر، 34 ياش، موڭغۇل، بازارلىق پارتكوم تەشۋىقات ھەيئىتى
6. قۇربانجان تۇرسۇن، ئەر، 31 ياش، ئۇيغۇر، مەھەللە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى
7. ليۇمۇ، ئەر، 25 ياش، موڭغۇل، ساقچىخانا ساقچىسى
8. نۇرمەمەت ئەمەت، ئەر، 28 ياش، ئۇيغۇر، كەنت ساقچىسى
9. جاڭ لىشەن، ئەر، 27 ياش، خەنزۇ، كەنت ساقچىسى
10. گۈلبانۇم تۇرسۇن، ئايال، 29 ياش، ئۇيغۇر، مەھەللە خىزمەتچى خادىمى
11. نۇرمەمەت تۇرسۇن، ئەر، 35 ياش، ئۇيغۇر، مەھەللە ياردەمچى ساقچى
12. مېھرىگۈل يۈسۈپ، ئايال، 24 ياش، ئۇيغۇر، مەھەللە خىزمەتچى خادىمى
13. ئەكبەر ئەنىۋەر، ئەر، 25 ياش، ئۇيغۇر، مەھەللە ياردەمچى ساقچى
14. مەمتىمىن ئابلىمىت، ئەر، 48 ياش، ئۇيغۇر، ساقچىخانا ساقچىسى
15. ھۆرىگۈل مەمەت، ئايال، 43 ياش، ئۇيغۇر، مەھەللە خىزمەتچى خادىمى
29-ئاپرېل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى ئىلان قىلدى: 28-ئاپرېل، مارالبېشى ناھىيىسىدىكى 23-ئاپرېل ئېغىر زوراۋانلىق تېرورلۇق جىنايى دېلوسى پاش قىلىندى. قاسىم مەمەت، ھەبىبۇللا بارات باشچىلىقىدىكى 25 نەپەر زوراۋان تېرورلۇق شايكىسى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قولغا چۈشتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتە نەپەر زوراۋان ئىتىپ ئۆلتۈرۈلدى، سەككىزى نەق مەيداندا تۇتۇلدى، قەشقەر، بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستى ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا قېچىپ كەتكەن 11 نەپەر جىنايەتچى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قانۇن تورىغا چۈشتى، 20 دانە پارتىلاتقۇچ قۇرۇلمىسى، ئۈچ دانە غازات ئۇرۇشى بايرىقى، زور مىقداردىكى پارتىلىتىش ماتېرىيالى، ئۆزلىرى ياسىۋالغان قىلىچ، مەشىق قوراللىرى ۋە قانۇنسىز دىنىي تەشۋىق بۇيۇملىرى قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش قوراللىرى قولغا چۈشۈرۈلدى، مەزكۈر زوراۋان تېرورلۇق گۇرھىنىڭ شەكىللىنىشى، پائالىيىتى ۋە دېلو سادىر قىلىشى قاتارلىق ئاساسى ئەھۋاللار تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى.
2007-يىلى 7-ئايدا، مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ غوللۇق ئەزاسى مۇسا ھەسەن زوراۋان تېرورلۇق پائالىيىتىگە چېتىلىپ ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن. 2010-يىلى 9-ئايدا مۇسا ھەسەن قاسىم مەمەت، ئەنىۋەر ئابدۇرىھىملار بىلەن تونۇشقان. شۇندىن كېيىن قاسىم مەمەت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ت شايكا ئەزالىرى مۇھەممەت ئىمىن بارات، مۇھەممەت ئىمىن ماخمۇت، ھەبىبۇللا بارات، ئەنىۋەر ئابدۇرىھىم قاتارلىقلار بىلەن تونۇشقان. 20122-يىلى 9-ئايدىن بۇيان يۇقىرىقى كىشلەر قاسىم مەمەت تەشكىللىگەن يەر ئاستى تەبلىخ سىنىپىغا قاتنىشىپ، رادىكال دىن تەشۋىقاتى ۋە زوراۋان تېرولۇق مەزمۇنىدىكى ۋېدىئو كۆرۇنۇشلىرىنى كۆرۈپ، قاسىم مەمەت باشچىلىقىدىكى زوراۋان تېرورلۇق تەشكىلاتىنى شەكىللەندۈرگەن.
2012-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا، قاسىم مەمەت مۇھەممەت ئىمىن ماخمۇت، مۇسا ھەسەن قاتارلىقلار ۋە ئائىلىسىدىكىلىرى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا تارقاق ئىجارە ئۆي ئېلىپ ئولتۇراقلاشقان، تەشكىلات ئەزالىرى دائىم دېگۈدەك مۇھەممەت ئىمىن باراتنىڭ ئۆيىدە بەدەن ئىقتىدارى مەشىقى ئېلىپ بارغا شۇنداقلا زوراۋان تېررولۇق ۋېدىئو مەشىقى قىلىپ تەقلىدىي ئادەم ئۆلتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۈگەنگەن. قاسىم مەمەت تەشكىلات ئەزالىرىغا ئىش تەقسىماتى قىلىپ بەرگەن.
2013-يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا، قاسىم مەمەت تەشكىلات ئەزالىرىدىن زوراۋان تېرورلۇق پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلىشقا خىراجەت يىغىپ، پارتىلىتىش قۇرۇلمىسى،قالپاق، تىزگىنەك قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش سايمانلىرىنى ياساپ زوراۋان تېرورلۇق پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلغان. 3-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى، مەزكۈر تەشكىلات سەككىز دانە قىلىچ ياساپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش قېتىم سىناق زوراۋانلىق پائالىيىتى قىلغان شۇنداقلا بۇ يىل يازدا قەشقەر شەھىرىدىكى ئادەم زىچ ئاممىۋى سورۇندا چوڭ ئىش قىلىشنى پىلانلىغان.
23-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، قاسىم مەمەت مۇھەممە ئىمىن ماخمۇت، ئەنىۋەت ئابدۇرىھىملارنى مۇھەممەت ئىمىن باراتنىڭ ئۆيىدە پارتىلىش دورىسى ياساشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆزى قالغان ئەزالارنى باشلاپ يېقىن ئەتراپتا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. سائەت 13 لەردە، مۇھەممەت ئىمىن بارات، ھەبىبۇللا باراتلار ئۆيگە قايتىۋاتقاندا شۇ جايدىكى مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى ۋە خەلق ساقچىلىرىغا ئۇچرىغان، ھەبىبۇللار بارات ئاچقۇچ ئېلىشنى باھانە قىلىپ قاسىم مەمەت قاتارلىقلارغا خەۋەر يەتكۈزگەن.
قاسىم مەمەت قاتارلىق بەش كىشى موتوسېكىلىتقا ئولتۇرۇپ دەرھال قايتىپ يوشۇرۇپ قويغان مۇسا ھەسەننىڭ ئۆيىدىكى قىلىچ قاتارلىق قاتىللىق قوراللىرىنى ئېلىپ تەشكىلات ئەزالىرىغا تارقىتىپ بەرگەن ۋە مۇھەممەت ئىمىن باراتنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا ئەھۋال كۈزەتكەن، پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنىڭ بايقىلىپ، ياسىغۇچىلار كونترول قىلىنغاندىن كېيىن جىنايىتىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ قاسىم مەمەت تەشكىلات ئەزالىرىنى باشلاپ ھويلا ئىچىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ مەھەللە كادىرلىرى ۋە خەلق ساقچىلىرىنى چېپىپ ئۆلتۈرگەن.تىركىشىشتە بازارلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى بىر نەپەر زوراۋان تېرورچىنى ئىتىپ ئۆلتۈرۈپ، بىرسىنى يارلاندۇرغان، ئۈچ نەپەر مەھەللە ئايال كادىرى ئۆلتۈرۋېتىلگەن، قالغان توققۇز كىشىگە زوراۋانلار ھويلا ئىچىدە بېنىزىن چېچىپ كۈيدۈرگەن، نەتىجىدە ھەممىسى قازا قىلغان. كېيىن يېتىپ كەلگەن يېزا-بازار كادىرلىرى ۋە خەلق ساقچىلار داۋاملىق پىستىرمىغا ئۇچراپ زوراۋانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، خەلق ساقچىسى بىر نەپەر زوراۋاننى ئىتىپ ئۆلتۈرگەن، بىر يېزا-بازار كادىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، ئىككى خەلق ساقچىسى ئېغىر يارلانغاندىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. كېيىن تۆت نەپەر زوراۋان ھويلىدىن بۆسۈپ چىقىپ ئىشىك ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى ئۇرۇپ چېىقىپ كۈيدۈرۋەتكەن. بازارلىق ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلغاندا بىرسى ئىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، قالغان ئۈچى ئۇچ چاقلىق موتۇسېكىلىتقا ئولتۇرۇپ ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ ساقچىخانىنىڭ ئارخىپ ئىشخانىسى ۋە ساقچىلار ياتىقىغا ئوت قويۋەتكەن. كېيىن ئىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
مارالبېشى ناھىيىسىدىكى 23-ئاپرېل زوراۋانلىق تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن مەركەز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان ۋە تېز سۈرئەتتە كۈچ تەشكىللەپ دېلونى پاش قىلىپ يوشۇرۇن خەۋىپنى يوقۇتۇپ، جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىنى قوغدىغان.
ئەسلى مەنبەسى:
http://v.qq.com/page/c/s/5/c0012x198s5.html