سانائەت-ئۇچۇر مىنىستىرلىكى تېلېفۇن «ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى»نى يولغا قويىدىكەن
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئىچىلغان سانائەت ئۇچۇر مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ يىل 1-پەسىللىك ئالاقە ئۇچۇر تەرەققىيات ئەھۋال دوكلات يىغىنىدا ، سانائات ئۇچۇر مىنىستىرلىكىنى باياناتچىسى شىياۋ چۈن چۇەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى ، يەنى «تېلېفۇن ئىشلەتكۈچىلەرنى ھەقىقىي ئىسىم بويىچە تىزىملاش تۈزۈمى» يىقىندا يولغا قويۇلىدىكەن ، سانائەت ئۇچۇر مىنىستىرلىكى تېلېفۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى تىزىملاش خىزمىتىنى ئومومىيۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ باشلايدىكەن ، سانائەت ئۇچۇر مىنىستىرلىكى يەنە تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە نورمال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ ،تېلېفۇن ئالاقە كەسىپلىرىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى تىزىملاشقا قولايلىق يارىتىشنى تەلەپ قىلدى . دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە بۇ بىر پەسىلدىكى 3G تېلېفۇن ئابونتلارنىڭ ئومۇمىي سانى 227 مىلىيونغا ، نۇر كابېل قاپلانغان قاپلانغان ئائىلە سانى 100مىلىيۇندىن ئاشقان .
سانائات ئۇچۇر مىنىستىرلىكىنى باياناتچىسى شىياۋ چۈن چۇەن يەنە ئۈندىدار(ۋېيشىن)دىن ھەق ئېلىش ياكى ئالماسلىق مەسلىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ، ئالاقىدار قانۇن قائىدە نىزاملارغا ئاساسەن، ئىنتېرنېت تورى ۋە كۆچمە ئالاقە قاتارلىق يېڭى كەسىپ مۇلازىمەتلەرگە قارىتا ھۆكۈمەت پەقەت بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشەپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ . ئۈندىدار(ۋېيشىن)دىن ھەق ئېلىش ياكى ئالماسلىقىنى مۇناسىۋەتلىك تېلېگراف سودىگەرلىرى بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزى بەلگىلەيدۇ ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى بۇنىڭغا ئارلاشمايدۇ . سانائەت ئۇچۇر مىنىستىرلىكى ئۈندىدار(ۋېيشىن)ننىڭ ئىنتېرنېت تورى ۋە كۆچمە توردا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ ۋە يەنە تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئۈندىدار(ۋېيشىن)غا نىسبەتەن قەتئىي ھەق ئالمايمىز دېگەن پوزىتسىيىسىنى قوللايدۇ .