يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۈچتاش ئەتراپىدا يېڭىدىن بىر سۇلۇق مەنزىرە بەرپا قىلىنىدىكەن
  • دېھقان رەسساملار مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى-تەرەققىيات يىلىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللىدى
  • باركۆلدە باھار تەنتەنىسى
  • مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا پېشقەدەملەر باشلامچى بولدى
  • ھېكىم رىشىت بورداقچىلىقتىن بېيىدى
  • قاراقاش ناھىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك «ياشلىق باھارى مىلودىيەسى» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • بايىنغولىن شۆبە ھەربىي رايونى قاراباغ كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە 10 مىڭ يۈەن بەردى
  • ئىلى ئوبلاستى بۇ يىل 35 مىڭ 480 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سالىدۇ
  • بايىنغولىن مۇھەممەد سودا چەكلىك شىركىتى مەشرەپ قەغەز زاۋۇتىنىڭ 3-قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى
  • ئۈرۈمچىدە باھار سەيلىسى قىزىپ كەتتى
  • قابىس شىركىتىنىڭ ساخاۋەت پائالىيتى داۋاملاشماقتا
  • ھەدىيە قىلىنغان 10 مىڭ تۈپ كۆچەت كەنت ئاممىسىنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈردى
  • چەرچەن ناھىيەسىدە كۆزىگە ئاق چۈشكەن 50 بىمار ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىندى
  • ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش كورلا شەھىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈردى
  • ئۈرۈمچىدىكى بۇ ئالتە يول بۆلىكىدىن ئامال بار ئايلىنىپ ئۆتۈڭ
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    خوتەندىكى ئوت ئاپىتىدە 300 نەپەر كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى

    مەنبە :ئۇزار تورى       يوللىغۇچى : ئايقىز-ئۇزارقىزى       يوللانغان ۋاقىت :2013-04-14

    خوتەندىكى ئوت ئاپىتىدە 300 نەپەر كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى

     

    نۆۋەتتە ئوت ئۈچۈرۈش خىزمىتى ئاياغلاشقان بولۇپ،ئاپەتتىن كىيىنكى بىر قىسىم رەسىملەر

     

    ئۈمىد ئېيىنىڭ 12-كۈنى خوتەندە چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم. مۇخبىرنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش ساقچى تارماق ئەتىرتىدىن ئىگىلىشىچە ، تۈنۈگۈن سائەت 22دىن 20مىنتۇت ئەتىراپىدا ، خوتەن شەھىرى تەيبېي يولى يىلۇۋتىيەن ئۆي جاھازلىرى شەھەرچىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ، ئوت كۈچى تېز سۈرئەتتە ئەتىراپتىكى ئالتە قەۋەتلىك   U شەكىللىك ئائىلىلىكلەر بىناسىغا يامرىغان . خوتەن ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەتىرىتى ، ساقچى تارماق ئەترىتى 200گە يېقىن ساقچى كۈچى ئاجرىتىپ نەخ مەيداندا ئاممىنى قۇتقۇزۇش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بارغان . ئوت كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇش سەۋەبلىك ، ئەتىراپتىكى U شەكىللىك ئائىلىلىكلەر بىناسىغا ئوت پۈتۈنلەي يامراپ كەتكەن .ئوت كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقتىن خوتەن ئوت ئۆچۈرۈش ساقچى تارماق ئەتىرىتى ۋە يېقىن جايدىكى قاراقاش ناھىيىلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ، لوپ ناھىيىلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى بىرلىشىپ قۇتقۇزۇش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارغان . ھازىرچە ئۆلۈم يىتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيان ئەھۋالى تېخى ئېنىق ئەمەس ، ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەكشۈرلىۋاتىدۇ.چوڭ ئوت شىددەت بىلەن كۈچىيىپ، تېز سۈرئەتتە كېڭەيگەن بولۇپ، خوتەن يەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، جامائەت خەۋىپىسىزلىك ئىدارىسى، خوتەن ئايرودوروم ، شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئورۇنلار  30 قا يېقىن ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ، 200 دىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش خادىملىرى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە كىرىشكەن. 300دىن ئارتۇق كىچىك رايون ئاممىسى جىددىي تارقىتىلغان. قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ ئالتە سائەتكە يېقىن جىددىي قۇتقۇزۇشى تۈرتكىسىدە ، چوڭ ئوت ئۈمىد ئېيىنىڭ 13-كۈنى يەنى بۈگۈن سەھەر سائەت تۆتكە يېقىن غەلبىلىك ھالدا ئۆچۈرۈلگەن. ئوت ئاپىتىدە ھازىرغا قەدەر بىرەر كىشى يارىلانمىغان ھەمدە قازا قىلىش ھادىسىلىرى كۆرۈلمىگەن.

    ئاخشام سائەت 22 دىن 13مىنۇت ئۆتكەندە، ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئوت كەتكەن رايونغا يېتىپ بارغان . شۇ ۋاقىتتا، نىمكەش ئۆي جاھازىلىرى بازىرى ۋە شۇ بازارغا يېقىن رايوندىكى ئائىلىكلەر ئولتۇراق رايونى شىددەتلىك ئوت دولقۇنىدا قالغان ئىكەن. ئەھۋال تولىمۇ ئېغىر ئىكەن. ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قاتارلىق قۇتقۇزغۇچى ئەترەتلەر دەرھال ۋەزىپىلەرگە بۆلۈنۈپ، جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، خىزمەتكە كىرىشكەن. ئوت ئۆچۈرۈش قومماندانى مەزكۇر ئائىلىكلەر قورۇسىدىكى كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوت كەتكەن ئائىلىكلەر قورۇسى ئەتراپىغا 10 دانە سۇ تاپانچىسى ئورناتقان بولۇپ، جىددىي ھۇجۇمغا ئۆتكەن. ئوتنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ، ئوتنىڭ ئىچكىرلەپ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

    مۇناسىۋەتلىك ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن  ھەمدە قۇتقۇزۇش خزمىتىگە قوماندانلىق قىلغان.

    قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ ئالتە سائەتلىك كۈچەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى تۈرتكىسىدە، بۈگۈن سەھەر سائەت تۆتتە ئوت غەلبىلىك ئۆچۈرۈلگەن. ئوت ئاپىتىدە يارىلىنىش ۋە ئۆلۈم ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن. نۆۋەتتە،ئوت كېتىش سەۋەبى، مال مۈلۈك زىيىنى ھەققىدىكى ئەھۋاللار تەكشۈرۈش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز