گالاتا سارىيى 3-2خان مادىرىدنى ئۇتسىمۇ يەنىلا شاللاندى
گالاتا سارىيى 3-2 نەتىجە بىلەن خان مادرىد كوماندىسنى ئۇتقان بولسىمۇ لېكىن شاللىنىپ كەتتى.
4- ئاينىڭ 10- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى ئەتتىگەن 02 :45 ( تۈركىيە ۋاقتى 9- ئاپرىل21:45 )دە، ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقە 1/4 ھەل قىلغۇچ باسقۇچ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئەلى سەمى پۇتبول مەيدانىدا ئىلىپ بېرىلىپ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا گالاتا سارىيى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، خان جەمەتى مادرىد كوماندا ئەزاسى كىرىستىيانو رونالدو ئالدىن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ لېكىن گالاتا سارىيى كوماندىسى كوماندىسى ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ توپ كىرگۈزدى يەنى كوماندا ئەزاسى ئېبۇئى بىر توپ كىرگۈزدى، سىنېيدېر بىر توپ كىرگۈزدى ھەم بىر ياردەمچى پاس بەردى، دېروگبا ئۆكچىسى بىلەن بىر توپ كىرگۈزدى؛ مۇسابىقە ئاخىرىدا خان جەمەتى مادرىد كوماندا ئەزاسى ئاۋىرويا قىزىل كارتا جازاسى بىلەن مەيداندىن چىقىرىۋېتىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن خان جەمەتى مادرىد قارشى تەرەپ مەيدانىدا 2-3نەتىجە بىلەن گالاتا سارىيى كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن ئومۇمى نەتىجە 5-3 بولۇپ تارىختا 24- قېتىم ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىدە يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا بۆسۈپ كىردى.
گالاتا سارىيى 3-2 خان مادرىد
ئىككى كوماندا تۈنجى ئۇچرىشىشتا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 3-0 نەتىجە بىلەن گالاتا سارىيى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغانىدى. خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى تارىختا قارشى تەرەپ مەيداندا تۈركىيە كۇلۇبى بىلەن ئىككى قېتىم مۇسابىقە ئىلىپ بېرىپ، غەلىبە قىلىپ باقمىغانىدى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولسا 2001- يىلى 2-3 نەتىجە بىلەن گالاتا سارىيى كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. گالاتا سارىيى كوماندىسى بولسا شۇ قېتىملىق غەلىبىدىن كېيىنكى ئۆز مەيدانىدا ئىسپانىيە كۇلۇبى بىلەن ئىلىپ بېرىلغان بەش مەيدان مۇسابىقىدە بىر مەيدان تەڭلىشىپ، تۆت مەيدان ئۇتتۇرۇپ غەلىبە قىلىپ باقمىغانىدى.