تۆت يېشىدا تاشلىۋېتىلگەن قىزنى مايمۇنلار بېقىپ چوڭ قىلغان
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگىلىيە يوركشېرى رايونىدىكى ئائىلە ئايالى مارىلىنا چوپماننىڭ ھەممە ئادەم بىلىدىغان بىر ئاجايىپ كەچمىشى بار ئىكەن، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا قاراقچىلار تەرىپىدىن كولۇمبىيەدىكى بىر ئورمانلىققا تاشلىۋېتىلگەن بولۇپ، كېيىنچە شۇ يەردىكى يۆگىمە قۇيرۇقلۇق مايمۇنلار تەرىپىدىن بېقىپ چوڭ قىلىنغان. ئۇ ئۆزى يازغان ئەسلىمىسى «نامسىز قىزچاق» 3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ «يەكشەنبىلىك پوچتا گېزىتى»دە ئۇدا ئېلان قىلىنغان.
مارىلىنا كولۇمبىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە 1954-يىلى ئۆيى ئەتراپىدا تۇتقۇن قىلىنغان، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ تېخى ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئىكەن، كېيىن ئەسكى كىشىلەر ئۇنى ئورمانلىققا تاشلىۋەتكەن ھەمدە ئۇ ئورمانلىقتا بەش يىلدىن ئارتۇقراق ياشىغان. بىر توپ يۆگىمە قۇيرۇقلۇق مايمۇن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان بولۇپ، ئۇ مايمۇنلارنىڭ يىمەكلىك ئادىتى ۋە ئاۋاز چىقىرىش ھالىتىنى دوراپ ئۆگەنگەن، ھەتتا دەرەخكە يامىشىدىغان بولغان. مارىلىنا مايمۇنلار گۇرۇپپىسىغا پۈتۈنلەي دېگۈدەك سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ مايمۇنلاردىن پەرىقلىنىدىغان بىردىنبىر تەرىپى ئۇ كېچىدە دەرەخ شېخىدا ئەمەس، كولاپ كامار قىلىپ قويۇلغان دەرەخ كاۋىكىدا ئۇخلايدىكەن.
مارىلىنا تەدرىجىي ئورمانلىق ھاياتىغا كۆنۈشكە باشلىغان، پەقەت بىر قېتىم زەھەرلىك مېۋىنى يىۋېلىپ ئاغرىپ قالغىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇ ئاساسەن ئۆزىنىڭ قورسىقىنى باقالايدىغان ھالغا يەتكەن. ئۇ «نامسىز قىزچاق» دېگەن ئەسلىمىسىدە «ئەينى ۋاقىتتا ئاشقازىنىم بەكلا ئاغرىپ كەتكەن ئىدى، بىر مايمۇن مېنى دەريا بويىغا سۆرەپ بېرىپ، لاي سۇنى ئىچكى سالدى، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازىنىمدىكى زەھەرلىك يېمەكلىكنى قۇسۇپ چىقىرىۋەتتىم، شۇنداق قىلىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدىم» دەپ يازغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ مايمۇنلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ كەتكەن.
بىر قېتىملىق تاساددىبىي پۇرسەتتە مارىلىنانى بىر ئوۋچى بايقاپ قالغان ھەمدە مارىلىنا شۇۋاقىتتىلا ئاندىن ئورمانلىقتىن ئايرىلالىغان. بىراق ئۇنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى بۇنىڭ بىلەنلا ئاخىرلاشمىغان، ئوۋچى ئۇنى كولۇمبىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كۇكۇتادىكى بىر پاھىشەخانىغا سېتىۋەتكەن. بەختىگە يارىشا ئۇ كېيىن بۇ يەردىن قېچىپ قۇتۇلغان.
15 ياش ۋاقىتلىرىدا، ئۇ كولۇمبىيەدە ئائىلە خىزمەتچىسى بولغان. 20 نەچچە ياشقا كىرگەندە ھېلىقى ئائىلىنىڭ ئىگىسى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئۇنى ئېلىپ ئەنگىلىيەگە كەلگەن، بۇ يەردە ئۇ ئۆزىنىڭ «ئاق ئاتلىق شاھزادىسى» يوھان چوپمان بىلەن تونۇشۇپ قالغان ھەمدە توي قىلىپ تېزلا ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولغان. ئەنە شۇندىلا مارىلىنانىڭ بەختلىك ھاياتى باشلانغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، مايمۇنلارنىڭ كىچىك بالىلارنى ئۆز گۇرۇپپىسىغا قوشۇش ۋە ئۇلارنى «بېقىپ چوڭ قىلىشى»غا ئائىت مىساللار خېلىلا كۆپ ئىكەن. 1991-يىلى بايقالغان ئۇگاندالىق «مايمۇن بالا» سىپايا ئۈچ-تۆت ياش ۋاقىتلىرىدا ئورمانلىقتا سەرسان بولۇپ يۈرگىنىدە، ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق مايمۇنلارنىڭ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان بولۇپ، ئۇنى ئويناتقان، يېمەكلىك بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا دەرەخكە يامىشىشنى ئۆگەتكەن، ئۇلار ناھايىتى ئىجىل ياشىغان.