3-ئاينىڭ 14-كۈنى قەھرىمانلار كوماندىسىدىكى داڭلىق چولپان كۇررىنىڭ 28 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى، گەرچە نېيمار بىلەن كۇررى ئوخشاش بولمىغان تەنتەربىيە ساھەسىدىكى چولپانلار بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز ئارا بىر بىرسىنى قوللايدۇ، شۇڭا نېيمار ئالاقە تورىدا كۇررىنىڭ 28 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى. نېيمار ئىككى پارچە رەسىمنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، سول تەرەپتىكى رەسىم كۇررىنىڭ گارغا توپ تاشلاۋاتقان رەسىمى، ئوڭ تەرەپتىكى رەسىم بولسا نېيمارنىڭ پۇتبولنى ۋاسكېتبولغا ئوخشاش تۇتۇپ تۇرغان رەسىم. نېيمار ئۆتكەن يىلى چېچىنى كۇررىنىڭكىگە ئوخشاش ياساتقان. تەكىتلەشكى تېگىشلىكى شۇكى، كۇررى دائىم نېيمارنىڭ سەپدىشى مېسسىنى ماختايدۇ.