سىنا پەن-تېخنىكىسى 14-مارت خەۋىرى، : 11-مارت سەھەردىن باشلاپ Galaxy S7/S7 Edge پۈتۈن دۇنيادىكى 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا زاكاز قوبۇل قىلىشقا باشلىدى، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئارقا-ئارقىدىن خۇشخەۋەرلەر كەلگەندىن كېيىن كورىيە ئۆزىنىڭ بازىرىدىنمۇ خۇشخەۋەر تارقالدى. كورىيە تاراتقۇسى Yonhap Newsنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، Galaxy S7/S7 بازارغا سېلىنىپ تۇنجى كۈنى 60 مىڭ دانە زاكاز قوبۇل قىلغان، ئىككىنچى كۈنى بولسا 40 مىڭ دانە زاكاز قوبۇل قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە Galaxy S7 Edgeنىڭ زاكاز مىقدارى ئومۇمىي زاكاز مىقدارىنىڭ %40ىنى ئىگىلىگەن.
ھازىرقى سېتىلىش سانلىق-مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە Galaxy S7/S7 نىڭ زاكاز قوبۇل قىلىش مىقدارى ئالدىنقى ئەۋلاد Galaxy S6 نىڭكىدىن يۇقىرى بولغان. سامسۇڭ تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئادەتتە شەنبە كۈنى زاكاز قوبۇل قىلىش مىقدارى بىراقلا ئازىيىپ كېتىدىغان بولۇپ، لېكىن بۇ قېتىم شەنبە كۈنىمۇ يەنىلا 40 مىڭ دانە زاكاز قوبۇل قىلىنغان، سامسۇڭ تەرەپ بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.