يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • پەلەستىندىكى بىر بانكا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن پارتلىتىۋېتىلدى
  • نەچچە مىڭلىغان مۇساپىر سىتسىلىيە ئارىلىغا كىردى
  • ئاسىيادا قايسى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتى ئەڭ كۈچلۈك؟
  • مانخاتتاندا تىك قويۇلغان غايەت زور سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى نامايەن بولدى
  • يۇبىر ئامېرىكا نازارەت تارماقلىرىنى 12 مىليون ئابونتنىڭ ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى
  • چاۋشيەندە كىم سۇڭجو تەۋەللۇت كۈنى خاتىرىلەندى
  • «2015-يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز قىلغانلىق خاتىرىسى»نى ئېلان قىلدى
  • نيويوركتا ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
  • ئېغىرلىقى 250 كىلوگراملىق ئايال ئوپېراتىسيە ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق ئورۇقلىدى
  • ب د ت باش كاتىپى قانداق سايلاپ چىقىلىدۇ؟
  • ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا ئىشلىتىش چەكلەنگەن توققۇز خىل قورال
  • جۇڭگونىڭ ئىنسانلار تۆرەلمە گېنىنى تەھرىرلەش تەتقىقاتى تالاش-تارتىش قوزغىدى
  • فىلىپپىن ئامېرىكىنىڭ يىراق مۇساپىلىق راكېتا قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسىنى سېتىۋالماقچى
  • بېنگالدىكى ھىندى دىنى مۇرتلىرى تۆمۈر ئىلمەكنى بەدىنىدىن ئۆتكۈزۈپ بوشلۇقتا ئۇچتى
  • ياپونىيە مېتېيورولوگىيە نازارىتى:كېيىنكى ھەپتىدە يەنە كۈچلۈك قالدۇق يەر تەۋرىشى مۇمكىن
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرغانلىقىنى ماختىدى

    مەنبە :opinion.china.com.cn       يوللىغۇچى : arken_1228       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14

    جۇڭگو تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمسىى:

    بىر قانچە كۈندىن بۇيان، چەتئەل جامائەتچىلىكى جۇڭگونىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى باشلانغان يىلى ئىسلاھات ئۆتكىلىگە قانداق ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىغا يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلدى. بىر قىسىم مۇتەخەسسىس ئالىملار بەس-بەستە مۇنداق دېدى: ھەر قانداق بىر دۆلەت ئىقتىساددا بۇرۇلۇش ياسىغاندا تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇقىدۇ. ئۇلار جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قىيىنچىلىققا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى، ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قوللانغان تەدبىرى ۋە ئىقتىدارىغا تولۇق ئىشەنچىدە ئىكەنلىكىنى ماختىدى.

    سىنگاپوردا چىقىدىغان بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «13-بەش يىللىق» پىلان پىروگراممىسىدا تېخىمۇ مۇھىم مەسىلىلەر يېتەكچى قىلىنىپ، تەرەققىياتتا يولۇقىدىغان قىيىنچىلىقلار بېكىتىلگەندىن كىيىن، يەنە سىياسىي ۋەزىپىلەر پىلانلىنىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى.


     جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، پېرۇدا چىقىدىغان شەرق ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن مۇھرىرى روسىندو ئاكىت مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھەر قانداق بىر دۆلەت ئىقتىساددا بۇرۇلۇش ياسىغاندا قىيىنچىلىقلارغا يولۇقىدۇ، كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو بىر قېتىم جۇڭگو ياسىمىچلىقىدىن جۇڭگو كەشپىياتىغا بۇرۇلۇش جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ، 13-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسىدا كۆپلىگەن تەدبىرلەر قوللىنىلىپ ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ تەتقىقات ئىلىپ بېرىش ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يېتىشمەسلىكتەك بۇ قىيىن مەسىلىنى يېڭەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

        ئىلگىرى جۇڭگودا كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولغان، جۇڭگو مەسىلىسى بويىچە تەتقىقاتچى فىرانسىيە 8-ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت جۇغراپىيەسى دوكتورى پىئىر پىكار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى قۇرالما ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشدەك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويماقتا، ھەمدە خەلققە بەخت يارىتىشتەك ئۇل ئەسلە، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ ئۆي، ئىجتىمائىي كاپالەت، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق كۆپلىگەن مەزمۇنلارنى نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا كىرگۈزدى. مەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق خىرىسلار ئۇستىدىن غەلىبە قىلىپ، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشىگە ئىشىنىمەن.



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز