يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • خۇاۋېي شىركىتى تۇنجى VR كۆز ئەينىكىنى ئېلان قىلدى
  • جۇڭگو پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ساھىبجامال جياجيا ئىنتېراكتىۋ ماشىنا ئادەم ياساپ چىقتى
  • iOS نەشرىدىكى Gear ئەپ دېتالى بارلىققا كەلدى
  • ئالما شىركىتى كونا iPhone لاردىن 260 مىليون يۈەنلىك ئالتۇن يىغىۋالدى
  • خۇاۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىلەيزۈكى B3 رەسمىي ئېلان قىلىندى، باھاسى 999 يۈەندىن باشلىنىدۇ
  • ئالما سامسۇڭ بىلەن 2.6 مىليارد دوللارلىق OLED ئېكرانى كېلىشىمى ئىمزالىدى
  • شىفىرلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئالما يەنە بىر قېتىم FBI بىلەن تۇتىشىدىغان بولدى
  • ئالما IOS10 سىستېمىسىنىڭ ئۇقۇم لايىھەسىنى ئاشكارىلىدى
  • گۇگۇل Live Case نۇسخىلىق يانفون قوغداش قېپىنى ئېلان قىلدى
  • مىكروسوفىت iOS نۇسخىسىدىكى ۋىنفون كۇنۇپكا تاختىسى چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
  • LG gram 15 نۇسخىلىق تاختا كومپىيۇتېر ئامېرىكىدا بازارغا سېلىندى
  • Surface Phone كېلەر يىلى ئېلان قىلىنىدۇ
  • گوللاندىيە ئۇنىۋېرسىتېتى باكتېرىيىدىن باتارىيە ياساپ چىقتى
  • مىكروسوفىت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى سوتقا ئەرز قىلدى
  • ئامازون پات ئارىدا يېڭى نۇسخىدىكى تاختا كومپىيۇتېرنى ئېلان قىلىدۇ
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    Galaxy S7 نىڭ تەننەرخى ئاران 255 دوللار، قالىدىغان پايدا 400 دوللاردىن ئاشىدۇ

    مەنبە :cnbeta.com       يوللىغۇچى : دىلشات ئابلىز       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14

    بازار تەكشۈرۈش شىركىتى IHS بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد بايراقدار يانفونى Galaxy S7 نىڭ تەننەرخى ئاران 255 دوللار بولۇپ، ھەربىر دانە يانفوندىن قالىدىغان ساپ پايدا 400 دوللاردىن ئاشىدىكەن. IHS نىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، Galaxy S7 نى چۇۋۇغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ تەننەرخىنىڭ ئاران 255 دوللارغا يارايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىككى يىل بۇرۇن بازارغا سېلىنغان Galaxy S5 نىڭ تەننەرخى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى بايقالغان. Galaxy S7 نىڭ ئامېرىكىدىكى پارچە سېتىلىش باھاسى 670 دوللار بولۇپ، بۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەربىر دانە يانفوندىن قالىدىغان پايدا يۇقىرى بولغاندا 415 دوللارغا يېتىدىكەن.

    دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، Galaxy S7 دىكى ئەڭ قىممەت زاپچاس ئۇنىڭغا سەپلەنگەن سنەپدىراگون 820 تىپلىق بىر تەەرپ قىلغۇچ بولۇپ، باھاسى 62 دوللار ئىكەن. ئۇندىن قالسا 12 مىليون پىكسېللىق كامېرا بولۇپ، تەننەرخى 13.8 دوللارغا يارايدىكەن، قۇراشتۇرۇش ھەققى بەش دوللار، قالغان 174.30 دوللار بولسا ئاليۇمىن قېتىشمىسىدىن ياسالغان رامكا، ئەينەك تاختا، Super AMOLED ئېكران ۋە SSD قاتارلىقلارنىڭ تەننەرخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، 255 دوللار يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىش ۋە بازار ئېچىشقا كەتكەن تەننەرخنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. Galaxy S7 ۋە S7 Edge يانفونلىرى ئالدىنقى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى دۇنيادىكى 50 دۆلەت ۋە رايوندا ماس قەدەمدە بازارغا سېلىنغان. كورىيە تاراتقۇلىرى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، Galaxy S7 ۋە S7 Edge  يانفونلىرىنىڭ كورىيەدىكى سېتىلىش مىقدارى ئىككى كۈندىلا 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.




    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز