يېقىندا، گۇاڭشى چوڭزودا، بىر مىنىبوس بىلەن بىر موتوسىكلىت سوقۇلۇپ كېتىپ، غايەت زور سوقۇلۇش كۈچى تەسىرىدىن موتسىكلىتتىكى تۆت ئادەم ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم تۆت مېتىر يېراقلىققا ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەن. ھادىسىدە موتسىكلىتكە مىنگەن ئىككى ئادەمنىڭ سۆڭىكى سۇنغان، يەنە ئىككى ئادەم يېنىك يارىلانغان. قاتناش ساقچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تۆت ئادەمنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچى ئىكەن، شوپۇرمۇ تېخى ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس ئىكەن. ساقچىلار ھاياتنى قەدىرلەپ، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەرگىز كىنىشكىسىز ھەيدىمەسلىكنى ئەسكەرتكەن !