ئۆز مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن فوتو خەۋىرى :
2016-يىلى 14-مارت ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار زىياپەت زالىدا سەفىيە شىركىتىنىڭ يىللىق مۇھاكىمە يىغىنى غەلىبىلىك ھالدا ئېچىلدى.
بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى ياش، تالانتلىق رىياسەتچىمىز نازىگۈل تۇرسۇن رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، مۆھتەرەم جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق يەككە تىجارەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم ئارۇپ، ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئوبۇلھەسەن ھاجىم قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار، سەفىيە شىركىتىنىڭ جايلاردىكى ۋاكالەتچىلىرى، قوللىغۇچىلىرى شۇنداقلا نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 400 دىن ئارتۇق مېھمان قەدەم تەشرىپ قىلدى.
ئارقىدىن سەفىيە خەلقئارا سودا-چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئامىنە گايىت خانىم شىركەت كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
يۇلتۇز-قۇندۇز فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى سەفىيە شىركىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە قوللاپ كەلگەنلىكىگە تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق يەككە تىجارەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم ئارۇپ ئەپەندى سۆز قىلدى.
مېھرىبان ئانىلار گۇرۇپپىسىدىن سەفىيە شىركىتىگە لەۋھە سوۋغا قىلىندى.
ئابىدە شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوبۇلھەسەن ھاجىم سۆز قىلدى.
شىنجاڭ مەرىپەت يۇقىرى دەرىجىلىك دېرىكتور تەربىيەلەش بازىسىنىڭ مۇدىرى، مەرىپەت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى مەخمۇتجان ئېلى ئەپەندى سۆز قىلدى.
ئارقىدىنلا ئامىنە خانىم سەفىيە شىركىتىنىڭ جايلاردىكى ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ئىچىدىكى سېتىپ چىقىرىشى ئالاھىدە ياخشى بولغان ۋاكالەتچىلەرنى ۋە ۋاكالەتچى نازارەتچىلىرىنى مۇكاپاتلىدى.
ئارقىدىن گىتتار كۈيچىسى ئەكبەر قەھرىمان ئۆز مۇھەببەت كۈيلىرىنى كۆپچىلىككە سۇندى.
سەفىيە خەلقئارالىق سودا-چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئامىنە گايىت خانىم.
سەفىيە خەلقئارالىق سودا-چەكلىك شىركىتى 2003-يىلى تۇنجى قەدەمدە گىرىم ساھەسىگە قەدەم قويغان، شىركەتتىكى بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى ھەمدە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2011-يىلى 5-ئايدا تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەرنى خام ئەشيا قىلغان، بىر تۈركۈم ساپ بولغان «سەفىيە» ماركىسىدىكى گىرىم بۇيۇملارنى بازارغا سالغان. «سەفىيە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بولسا ھەمكارلاشماق، دوستلاشماق دېگەندەك كەڭ دائىرىدىكى مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى، شۇنداقلا ھەر قايسى جايلاردىكى ۋاكالەتچىلەرنىڭ ئۈزلۈكسسىز ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە 2013-يىلى سەفىيە خەلقئارالىق سودا-چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان. سەفىيە شىركىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك روناق تېپىشىدا، مەھسۇلات سۈپىتى، ساپلىقىنى يۇقىرى قويغانلىقى ئۈچۈن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلدى دېيىشكە بولىدۇ. سەفىيە شىركىتى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا مەسھۇلاتىنىڭ سانى 15 خىلغا يەتتى، سەفىيە شىركىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك شان-شەرەپلەرگە ئېرىشىشىنى پارتىيەنىڭ كارخانىچىلارغا بولغان ياخشى سىياسىتى، ۋاكالەتچىلەرنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرى قارىغىلى بولمايدۇ. سەفىيە شىركىتى مۇشۇ تەرەققىياتنى ئاساسىي نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ، گۈزەللىككە ئىنتىلىۋاتقان خانىم-قىزلارنىڭ يەنىمۇ گۈزەل بولۇشى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىبابەت رېتسىپلىرىدىن پايدىلىنىپ، دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى خام-ئەشيا قىلغان شۇنداقلا پاك دېگەن مەنىگە ئىگە «نەجۋا» ماركىسىدىكى بىر تۈركۈم گىرىم-بۇيۇملىرىنى بازارغا سالدى.
بىز سەفىيە خەلقئارا سودا-چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى يوللىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭرى، ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، شۇنداقلا خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن باسقان شۇ قەدەملىرىدىن گۈللەر ئۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.