ئەنگلىيەلىك جېئېن بېررىي بىلەن فىرانسىيە شىۋېيتسارىيە قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولغان برونو بوربىي بولسا ماگنۇم فوتو سۈرەتچىلىكىنىڭ مول تەجرىبىلىك ھەم ھۆرمەتكە سازاۋەر فوتوگرافلىرى. ئۇلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ماگنۇمغا ئەزا بولغان ھەمدە شۇ مەزگىلدە نۇرغۇنلىغان ئۆلمەس ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. جېئېن بېررىي 1960-يىللىرى جەنۇبىي ئافرىقىدا بولۇپ، بۇ دۆلەت شۇ چاغدا دەل ئىرقىي كەمسىتىش ئەڭ ئۇچىغا چىققان چاغلاردا تۇرۇۋاتقان ئىدى، بېرونو بوربىي بولسا شۇ چاغدا «ئىتالىيىكلەر» نامىدىكى بىر قاتار ئېسىل سۈرەتلەرنى تارتقانىدى. سۈرەتتە: 1960-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۈشەنبە، ساقچىلار كەنت ئاھالىلىرىگە قارىتىپ ئوق چىقاردى، كەنت ئاھالىلىرى بولسا ئوقنىڭ باش قىسمىغا تېگىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چاپانلىرىنى دالدا قىلىپ بەدەر قېچىشتى.
جېئېن بېررىي 1952-يىلى ئەنگىلىيىدىن ئايرىلىپ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مۇشەققەتلىك ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ شۇ چاغلاردا جوھاننىسبۇرگدا تۇرغان بولۇپ، فوتوگرافلىق ئاساس بىلىملىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەندىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىلىق فوتوگراف روگېر مارتېن ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، روگېر مارتېن بولسا ئىلگىرى داڭلىق فوتوگراف ئانسار ئادامسنىڭ ياردەمچىسى بولغانىدى. جېئېن 1960-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا بولۇپ، شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بىر مەيدان تىنچلىق نامايىشىنىڭ زوراۋانلىق توقۇنۇشىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنىدى. سۈرەتتە: بىر قارا تەنلىك قىزچاق ئاق تەنلىكلەر ئائىلىسىنىڭ بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقتا، ئەمەلىيەتتە بۇ قىزچاقمۇ ئاۋۇ ئاق تەنلىك كىچىك بالىدىن ھېچقانچىلىك چوڭ ئەمەس ئىدى....
جېئېن بېررىي تارتقان جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىرقىي كەمسىتىشكە ئائىت سۈرەتلەر پەقەت بۇ تېمىدىكى سۈرەتلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، كۆپ قىسمى «ئاق بىلەن قارا: جەنۇبىي ئافرىقا»(1988-يىلى نەشر قىلىنغان، كىرىش سۆزىنى شۇ چاغدىكى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى فرانسوۋا مېترىن يېزىپ بەرگەن) ۋە «ئايرىلىپ تۇرۇش»(1996-يىلى نەشر قىلىنغان، كىرىش سۆز قىسمىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جەنۇبىي ئافرىقىلىق دىنىي داھىي دېسمۇند تۇتۇ يېزىپ بەرگەن) ناملىق ئىككى كىتابتا ئېلان قىلىنغان. سۈرەتتە: جەنۇبىي ئافرىقىلىقلار چوڭ سايلامنىڭ ئالدىدا نېلسون ماندىلانىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە.
جېئېن بېررىينىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدە باشتىن-ئاخىر بىر ئالاھىدىلىك بار، يەنى ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى مەلۇم بىر دەقىقىنى تۇرۇۋېلىپ سۈرەتكە تارتقاندا فوتوگراف ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ئىنتايىن كىچىك ھالەتكە كېلىدۇ. سۈرەتتە: ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئاقسۆكەڭلەر بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشقانلار روللىس-روئىس ئاپتوموبىلىنىڭ يېنىدا پاراڭلىشىپ تۇرماقتا.
جېئېن مۇنداق دېگەن:«فوتوگراف بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىز چوقۇم توغرا بىر ۋاقىتتىكى توغرا ئادەمنىڭ توغرا قىياپىتىنى چىڭ تۇتۇشىڭىز كېرەك، لېكىن بۇ ھەمىشە ئۇنداق ئاسانغا چۈشمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئالدىراشچىلىق ئىچىدە مەلۇم بىر ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە پەيتنى چىڭ تۇتۇۋېلىشىڭىز، ياكى مەلۇم بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ مۆلچەرلەپ شۇ پەيتنىڭ يۈز بېرىشىنى ساقلىشىڭىز كېرەك، سىز ساقلاپ ئۆزىڭىزنىمۇ ئۇنتۇپ ئۆزىڭىز شۇ مەنزىرىنىڭ ئىچىگە تامامەن كىرىپ كەتكەندە ئاندىن ئاپپاراتىڭىزنى كۆتۈرسىڭىز ھېچقانداق نورمالسىزلىقنىمۇ ھېس قىلالمايسىز.» سۈرەتتە: ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ تاق كىيگەنلىك خاتىرە كۈنىدە بىر ياشانغان ئايال ئىتى بىلەن ئىشىك ئالدىدا تۇرماقتا، دېرىزە تەكچىسىگە ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ سۈرىتى ۋە ئەنگلىيە بايرىقى قويۇلغان ئىدى.
سۈرەتتە: كىشىلەر خەۋپسىزلىك قىسمىغا تاش ۋە كۆيدۈرۈش بوتۇلكىلىرىنى ئاتماقتا.
فوتوگراف جېئېن بېررىي
برونو بوربىي ماراكەشتە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئاتىسى شىمالىي ئافرىقىغا ئەۋەتىلگەن فىرانسىيەلىك ئەمەلدار ئىدى. برونو ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك ھاياتىنى ماراكەشتە ئۆتكۈزگەن. ماراكەشتىكى ھاۋا، رەڭ، ئاۋاز، مەنزىرە، سەزگۈ... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ گۆدەك ئېڭىغا تەسىر قىلىپ ئۇنىڭدا فوتوگرافلىققا بولغان قىزىقىشنى قوزغىغانىدى، دەرۋەقە يورۇقلۇق، كۆلەڭگە ۋە رەڭنىڭ مۇكەممەل بىرلىشىشى ئۇنىڭ كېيىنكى ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كوداكنىڭ نىگاتىپىنى ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ماھىر ئىدى. سۈرەتتە: 1963-يىلى، برونو بوربىينىڭ ئىتالىيەنىڭ سىتسىلىيە ئارىلىدا تۇرۇۋاتقان ۋاقتى.
برونو بوربىي ماگنۇمغا يېڭىدىن كىرگەن ۋاقتىدا ماگنۇمنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ھېنرىي كاردىيمۇ ئاق-قارا تارتىلغان سۈرەتلەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى، بۇنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى بولسا ئۇ چاغدىكى ژۇرناللار رەڭلىك سۈرەتلەرنى ئۇنچە ياخشى بېسىپ چىقىرالمايتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ماگنۇمنىڭ كۆپ قىسىم فوتوگرافلىرىمۇ ئاق-قارا سۈرەتلەر بىلەن چەكلىنىپ قالغانىدى. 1966-يىلى برونو Vogue ژۇرنىلىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىرازىلىيەگە باردى، ئۇ بىرازىلىيەدە ھېچقانداق چەكلىمىسىز ھالدا ئىنتايىن نادىر بولغان رەڭلىك سۈرەتلەرنى تارتىۋالدى. سۈرەتتە: ئامازون دەرياسىدا سۇغا چۆمۈلۈۋاتقان بالىلار.
سۈرەتتە: 1968-يىلى پارىژدا يۈز بەرگەن بوران- چاپقۇن، ئوقۇغۇچىلار ساقچىلارغا تاش ئاتماقتا.
دۇنيانى ئايلىنىۋاتقان چاغلىرىدا ئۇ گەرچە ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىق نۇقتا خەۋەرلىرىدىن يىراق تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ لېكىن ھەر قانداق بىر تارىخىي پەيتكە شاھىت بولۇشتىن قۇرۇق قالمىدى. سۈرەتتە: ياپونىيەدىكى نامايىشچىلار چېڭتيەن ئايرودرومىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ۋىيېتنام ئۇرۇشىغا قارشى نامايىش قىلماقتا.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك بولسا ئۇ نۇرغۇن قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى زىيارەت قىلىپ كامېراسى ئارقىلىق ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ قانداق قىلىپ بىر-بىرلەپ ئەنئەنىۋىلىكنى نابۇت قىلغانلىقىنى خاتېرىلىدى. سۈرەتتە: سوۋىت-پولشا ئۇرۇش قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى.
برونو بوربىي 1978-1979-يىللىرى ماگنۇمنىڭ ياۋروپادىكى مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 1992-1995-يىللىرى بولسا ماگنۇمنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ 30 پارچىغا يېقىن سۈرەتلەر توپلىمى نەشر قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەكشۈرۈپ-تەتقىقات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا تارتقان سۈرەتلەر ئىدى. سۈرەتتە: ماراكەشتىكى مولاي ئىسمايىل خان قەبرىسى
برونو بوربىي