ئامېرىكا «ئىستېمالچىلار دوكلاتى» ژۇرنىلى ئاپتوموبىللارنىڭ ئىقتىدارى، سۈپىتى، ئىستېمالچىلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسى ۋە بىخەتەرلىكى جەھەتلەردىن نومۇر قويۇپ، 2016-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى 10 ئاپتوموبىلنى تاللاپ چىققان بولۇپ، ياپونىيەنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ۋە كورىيەنىڭ ئاپتوموبىللىرى بار. بۇ 10 ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىدە ياپونىيەنىڭ ئاپتوموبىللىرىدىن يەتتىسى بولۇپ، زور ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، بىراق كورىيەنىڭ كىيا سورېنتو ئاپتوموبىلى ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن.
«ئىستېمالچىلار دوكلاتى» ژۇرنىلى ھەر يىلى ئەڭ ياخشى ئاپتوموبىللارنى باھالاپ چىقىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى تۆت جەھەتتىن ئاپتوموبىلنى باھالاپ نومۇر قويۇپ چىقىدۇ.
1. ئىقتىدارى: «ئىستېمالچىلار دوكلاتى» بارلىق ئاساسلىق ئاپتوموبىل تىپلىرىغا قارىتا يولدا سىناش ئېلىپ بېرىپ، مۇناسىپ نومۇر قويىدۇ. ئەڭ ياخشى 10 ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئىچىگە كىرىش ئۈچۈن چوقۇم ئوخشاش تۈردىكى ئاپتوموبىللار ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشىش كېرەك.
2. ئىشەنچلىك دەرىجىسى: «ئىستېمالچىلار دوكلاتى» ئەڭ ياخشى ئاپتوموبىل تىپى ئۈچۈن ئىشەنچلىك دەرىجە ئۆلچىمى بېكىتكەن بولۇپ، 2015-يىلى 740 مىڭ ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاپتوموبىللارنىڭ مۆلچەردىكى ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى باھالاپ چىققان. ئەڭ ياخشى 10 ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئىچىگە كىرىش ئۈچۈن، ئىشەنچلىك دەرىجىسى ئوخشاش دەرىجىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ياكى يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
3. ئىستېمالچىلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسى: «ئىستېمالچىلار دوكلاتى» مۇشتەرى بولغۇچىلارنىڭ رازىمەنلىكىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاپتوموبىل ئىگىلىرىدىن ئوخشاش تۈردىكى ئاپتوموبىلنى يەنە سېتىۋالىدىغان ياكى سېتىۋالمايدىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم 230 مىڭ ئاپتوموبىلنى تەكشۈرگەن.
4. بىخەتەرلىكى: ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگىنى ۋە سۇغۇرتا ئورگانلىرىنىڭ سوقۇلۇشنى ئۆلچەش ۋە ئۆرۈلۈشنى ئۆلچەش تەجرىبىسىدە نەتىجىسى ئەلا بولۇشى كېرەك.
تۆۋەندىكىلەر 2016-يىلى ئەڭ ياخشى بولۇپ باھالانغان 10 ئاپتوموبىل تىپى
1. ئەڭ ياخشى كىچىك ئاپتوموبىل تىپى: خوندا فىت
ئومۇمىي نومۇرى: 67
يولدا سىناش نەتىجىسى: 67
ئىشەنچلىك دەرىجىسى: ئادەتتىكىچە
ماي سەرپىياتى: ھەر يۈز كىلومېتىردا 7.13 لىتىر
يولدا سىنالغان ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى: 19025 دوللار
2. ئەڭ ياخشى ئىخچام ئاپتوموبىل تىپى: سۇبارۇ Impreza
ئومۇمىي نومۇرى: 77-79
يولدا سىناش نەتىجىسى: 76-79
ئىشەنچلىك دەرىجىسى: ئەلا
ماي سەرپىياتى: ھەر يۈز كىلومېتىردا 8.71-9.05 لىتىر
يولدا سىنالغان ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى: 21345-22345 دوللار
3. ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا تىپتىكى ئاپتوموبىل تىپى: تويوتا كەمرىي
ئومۇمىي نومۇرى: 83-84
يولدا سىناش نەتىجىسى: 84-87
ماي سەرپىياتى: ھەر يۈز كىلومېتىردا 6.19-9.05 لىتىر
يولدا سىنالغان ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى: 24089-32603 دوللار
4. ئەڭ ياخشى كىچىك تىپتىكى SUV: سۇبارۇ ئورمان ئادىمى
ئومۇمىي نومۇرى: 83
يولدا سىناش نەتىجىسى: 85
ئىشەنچلىك دەرىجىسى: ياخشى
ماي سەرپىياتى: ھەر يۈز كىلومېتىردا 9.05 لىتىر
يولدا سىنالغان ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى: 27145 دوللار
5. ئەڭ ياخشى ھەشەمەتلىك SUV: لېكساس RX
ئومۇمىي نومۇرى: 78-81
يولدا سىناش نەتىجىسى: 77-80
ماي سەرپىياتى: ھەر يۈز كىلومېتىردا 8.11-10.69 لىتىر
يولدا سىنالغان ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى: 51630-57565 دوللار
6. ئەڭ ياخشى بەيگە ئاپتوموبىلى: مازدا MX-5Miata
ئومۇمىي نومۇرى: 79
يولدا سىناش نەتىجىسى: 80
ماي سەرپىياتى: ھەر يۈز كىلومېتىردا 6.92 لىتىر
يولدا سىنالغان ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى: 29905 دوللار
7. ئەڭ ياخشى چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل: چېۋرولېت Impala
ئومۇمىي نومۇرى: 81
يولدا سىناش نەتىجىسى: 91
ماي سەرپىياتى: ھەر يۈز كىلومېتىردا 10.69 لىتىر
يولدا سىنالغان ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى: 39110 دوللار
8. ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا تىپتىكى SUV: كىيا سورېنتو
ئومۇمىي نومۇرى: 84
يولدا سىناش نەتىجىسى: 84
ماي سەرپىياتى: ھەر يۈز كىلومېتىردا 11.20 لىتىر
يولدا سىنالغان ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى: 37915 دوللار
9. ئەڭ ياخشى پىكارد: فورد F-150
ئومۇمىي نومۇرى: 76-77
يولدا سىناش نەتىجىسى: 78-80
ماي سەرپىياتى: ھەر يۈز كىلومېتىردا 13.82-14.70 لىتىر
يولدا سىنالغان ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى: 45750-46755 دوللار
10. ئەڭ ياخشى MPV: تويوتا Sienna
ئومۇمىي نومۇرى: 78-80
ماي سەرپىياتى: ھەر يۈز كىلومېتىردا 11.76-13.38 لىتىر
يولدا سىنالغان ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى: 35810-38201 دوللار