1896-يىلى قۇرۇلغان شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى 120 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتىۋالىدۇ. بۇ يىلى بەش قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېت، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، تەيۋەن شىنجۇ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى) تۇنجى قېتىم بىرلىكتە 120 يىللىق خاتىرە كۈنىنى ئۆتكۈزمەكچى. يېقىندا شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈندىدار سالونىدا بۇرۇنقى خاتىرە سۈرەتلەرنى تورغا چىقاردى. بۇ سۈرەتلەر 1937-يىلى ئەتراپىدا تارتىلغان بولۇپ، ھازىرقى سۈرەتلەر بىلەن روشەن سېلىشتۇرۇلما قىلىنغانىدى.