يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسىدىكى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ رەقىبلىرى بىلەن ئۇچىراشقان نەتىجىلىرى
  • خانلىق مادرىد 19 كىشىلىك تىزىملىكنى ئېلان قىلدى
  • گۇاڭجۇ خېڭدا رەقىبىنى يېڭىپ بىرلەشمىدە بىرىنچى ئورۇنغا چىقتى
  • رونالدونىڭ شەخسىي مۇزېيىدا يەنە بىر «ئەزا» كۆپەيدى
  • شەندوڭ لۇنىڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا رەقىبىنى يەڭدى
  • خانلىق مادرىد: تەلىيىڭلار ياخشى؟ سىلەر ئۆتكەن يىلىمۇ شۇنداق دېگەن!
  • چېلسى VS مانچېستىر شەھىرى مۇسابىقىسىگە نەزەر
  • ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش نەتىجىسى
  • شاڭخەي شاڭگاڭ ساھىبخان مەيداندا گۇاڭجۇ فۇلىنى يەڭدى
  • رونالدو ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدۇ
  • ياۋروپا ئۇزغۇنلىقى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە چەك تارتىش نەتىجىسى
  • گۇما ناھىيەسىدە پۇتبول قىزغىنلىقى ئەۋج ئالدى
  • خانلىق مادرىد بېكى كونتىراۋ يارىلاندى، 3~6 ئايغىچە ئارام ئالىدۇ
  • لىۋېرپول 4:5 ئومۇمىي نەتىجە بىلەن دورتموندنى شاللاپ تۆت كۈچلۈككە كىردى
  • فېرگۇسون مورىنھونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە مەشقاۋۇل بولۇشىغا قوشۇلدى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    ياۋروپا ئالتۇن بوتس مۇكاپاتىنى تالىشىدىغان يەتتە مەرگەن

    مەنبە :sports.163.com       يوللىغۇچى : ئابدۇ قاھار ئوسمان       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14


    ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، : 2015-2016 پەسىللىك ياۋروپادىكى ئاساسلىق بىرلەشمىنىڭ مۇسابقىلىرى پەيدىنپەي ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. فرانسىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى 8 ئايلانما بۇرۇن بىرلەشمە چېمپىيونى بولۇپ بولدى. ئىسپانىيەدىكى بارسېلونا كوماندىسىمۇ چېمپىيونلۇققا يېقىنلاشتى. ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى، گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى ۋە ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسدە قايسى كوماندىنىڭ چېمپىيون بولۇشى تېخى ھازىرچە مۇقىم ئەمەس، بىرلەشمىدىكى رىقابەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ياۋروپا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتى رىقابىتىمۇ بارغانسېرى كەسكىنلەشتى. كىرىستىيانو رونالدو، سۇئارېز، ھىگۇايىن، مېسسى، لېۋاندوۋسىكى، ئۇبۇمىياڭ ۋە جوناس بۇ يەتتە مەرگەنننىڭ قايسىسى ئاخىردا ياۋروپا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىنى ئالىدۇ؟ شىۋىتسىيەلىك داڭلىق ھۇجۇمچى ئىبراھىموۋىچ بۇ پەسىل فرانسىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسدە 27 توپ كىرگۈزدى، بىراق بۇ دارازىنىڭ ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىنى ئېلىشىدا ئاساسەن ئۈمىد يوق، نېمە ئۈچۈن؟ 


    1996-1997 مۇسابىقە پەسىلىدىن كېيىن ياۋروپا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش پەقەت كىرگۈزگەن توپ سانىغا ئاساسەن مۇكاپات بېرىش ئەمەلدىن قالغان. ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يېقىنقى بەش يىللىق رەت-تەرتىپىگە ئاساسەن بىرلەشمىگە نومۇر قۇيۇش ئارقىلىق ئالدىنقى بەش بىرلەشمە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى، گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى، ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى ۋە پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە بېرىلىدىغان نومۇر ئىككى، يەنى بىر توپ كىرگۈزسە ئىككى نومۇر بېرىلىدۇ. فرانسىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى قاتارلىق ئالتىنچىدىن 21-گىچە بولغان بىرلەشمىگە 1.5 نومۇر بېرىلىدۇ. 


    كىرىستىييانو رونالدو بىلەن ئىتالىيەدىكى ناپولى كوماندىسىنىڭ مەرگىنى ھىگۇايىن بىرلەشمىدە ئوخشاشلا 27 توپ كىرگۈزگەن. بۇ ئىككى مەرگەن 54 نومۇرغا ئېرىشىپ ياۋروپا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتى رەت-تەرتىپىدە ھازىر بىرىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. بارسېلونا كوماندىسىدىكى ئۇراگۋايلىق ھۇجۇمچى سۇئارېز 26 توپ كىرگۈزگەن. بېنفىكا كوماندىسىنىڭ مەرگىنى جوناسمۇ ئوخشاشلا بىرلەشمىدە 26 توپ كىرگۈزگەن. سۇئارېز بىلەن جوناس 52 نومۇرغا ئېرىشىپ رەت-تەرتىپتە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. بايرىن مىيۇنخېن كوماندىسىدىكى پولشالىق مەرگەن لېۋاندوۋسىكى 24 توپ كىرگۈزگەن. نومۇرى 48، دورتموند كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى ئوبامىياڭنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى 22، بارسېلونادىكى مېسسى بىلەن ئوخشاش، بۇ ئىككى توپچى 44 نومۇرغا ئېرىشكەن. مانا بۇ يەتتە مەرگەن ياۋروپا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىنى تالىشىدىغان كۈچلۈك رىقابەتچىلەردىن ھېسابلىنىدۇ.


     ئىبراھىموۋىچ بۇ پەسىل بىرلەشمىدە 27 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بىراق ئۇ ئالتۇن بوتىس رىقابىتىگە قاتنىشالمايدۇ. ئىبراھىموۋىچ 2012-يىلى پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبىغا قۇشۇلغاندىن بۇيان قالتىس ئويناۋاتىدۇ، كىرگۈزگەن توپ سانىمۇ ئاز ئەمەس، بىراق نېمىشقا ئۇنىڭ ئىسمى چىقىپ باقمىدى؟ ئىبراھىموۋىچ پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىغا كەلگەن تۆت يىلدا پارىژ ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يېقىنقى بەش يىللىق رەت-تەرتىپىدە ئىزچىل 6-ئورۇنغا تىزىلغان. شۇڭا ئىبراھىموۋىچ بىر توپ كىرگۈزسە 1.5 نومۇر بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ پەسىل كىرگۈزگەن 27 توپى 40.5 نومۇر بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىبراھىموۋىچ ياۋروپا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتى رەت-تەرتىپىدە كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ھىگۇايىنغا يېتىشىپ 54 نومۇرغا ئېرىشمەكچى بۇلىدىكەن، ئۇ چاغدا 36 توپ كىرگۈزىشى كېرەك.


      ئىبراھىموۋىچ يېقىنقى 15 پەسىلدە 13 قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونى بولدى، ئەمما باشتىن-ئاخىر ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسدە چېمپيۇن بولۇپ باقمىدى. ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىدىن باشقا يەنە ياۋروپا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىمۇ ئىبراھىموۋىچقا يېقىن كېلىپ باقمىدى. 2008-2009 مۇسابىقە پەسىلىدە، شۇ چاغدا ئىتالىيەنىڭ خەلقئارا مىلان كوماندىسدا توپ تېپىۋاتقان ئىبراھىموۋىچ بىر پەسىلدە 25 توپ كىرگۈزۈپ ئىتالىيە بىرلەشمە مەرگەنلەر رەت-تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، بىراق شۇ چاغدىكى ياۋروپا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتى ئىسپانىيەنىڭ مادرىد رىقابەت كوماندىسدا توپ تېپىدىغان داڭلىق ھۇجۇمچى دىگو فورلان (32 توپ 64 نومۇر) غا مەنسۇپ بولغان. 2011-2012 مۇسابىقە پەسىلدە ئىبراھىموۋىچ ئا س مىلان كوماندىسدا 28 توپ كىرگۈزۈپ بىرلەشمە مەرگىنى بولغان. شۇ پەسىل بارسېلونا كوماندىسىدىكى قاتىل ھۇجۇمچى مېسسى (50 توپ 100 نومۇر) تارىخىتىكى ئەڭ كۈچلۈك ياۋروپا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بولۇپ قالغان. ئىبراھىموۋىچ شۇ پەسىل كىرىستىيانو رونالدو، ۋان پېرسى ۋە ھۇنتىلاردىن كېيىن بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. 





    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز