يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ئېسىل ناخشا - بىزنىڭ غايىمىز
  • دۇنيا خەلقىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگەن «كەيت خانىش كۈلكىسى»
  • TV بازاردىن سوۋغا - «ئانار پىشتى» 1-بۆلۈم 12-قىسىم
  • قىماردىن يىراق تۇرايلى - قانۇن ۋە پۇقرا
  • 80 ياشلىق ئەر-ئايال «قۇياش ئەۋلادى» فىلىمىنى دوراپ توي سۈرەتكە چۈشتى
  • «ئىت تالىۋەتكەن» يىرتىق پادىچىلار ئىشتىنى بارغانسېرى مودا بولۇشقا باشلىدى
  • «تۈندىكى رىۋايەت 5» قايتىپ كەلدى! قان شورىغۇچى ئالۋاستى تەنناز ئايال يەنە ھۇجۇمغا ئۆتتى
  • دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە كۈلدۈرگە چولپىنى چارلىز سىيپىنس چاپلىن
  • تونۇلغان سەنئەتكار، تالانتلىق ناخشىچى - ئابدۇرېھىم ئەخمىدى
  • كورىيەلىك ئارتىس سوڭ جوڭجى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئوبرازى ۋەكىلى بولدى
  • رۇسىيەنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ داڭلىق مودېللىرى
  • تاماشا چەمبىرىكىدىكى كۆرۈمسىز ئاتىلارنىڭ چىرايلىق قىزلىرى
  • كىچىك بالا چولپان ئەرفاننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى
  • ئەرەب ناخشا شاھى ئامىر دىيابنىڭ تەرجىمىھالى
  • شاھرۇھ خاننىڭ فىلىم «KANK» دىكى ئوغلىنىڭ ئەمەلىيەتتە قىز بالا ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    ئوتتۇرا شەرقنى سورايدىغىنى دەل بوللىۋود

    مەنبە :glamsham.com       يوللىغۇچى : kelly       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14


    مىسىرلىق ياش فىلىم ئىشلىگۈچى ھىشام ئابدېل خالېق «باچچان ھېكايسى»نى سۆزلەپ بېرىشنى ياخشى كۆىدۇ، بۇ ھېكايە بوللىۋودنىڭ ئەرەب دۇنياسىدا قانچىلىك قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

    ئەرەب كىنو ساھەسىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان خالېق:«مەن بىر قېتىم جايا باچچاننى قاھىرە شەھرىنى ئايلاندۇرۇشقا ئېلىپ چىققان، ئۇ ۋاقىتتا باچچان ئائىلىسىدىكىلەر بۇ يەردە فىلىم فېستۋالىغا قاتنىشىۋاتاتتى، بىز بىر دۇكانغا كىرىپ ئايلىنىۋاتقاندا، دۇكاندار جايا باچچانىڭ ئۈستى بېشىغا سەپسىلىپ قاراپ كەتتى ھەمدە ئۇنىڭدىن :«خانىم، سىز ھىندىستانلىقمۇ» دەپ سورىدى، جايا ھەئە دەپ جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىن، بۇ كىشى تازا ھىجىيىپ يەنە سورىدى «ئۇنداقتا خانىم سىز ئامىتاب باچچاننى بىلەمسىز؟» جايا خانىم كۈلۈپ كېتىپ:«ئۇ مېنىڭ يولدىشىم» دېدى. بۇ ۋاقىتتا دۇكاندارنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قىلىپ يىقىلىپ چۈشكلى تاس قالدى. ئۇ ھۆرمەتلىك ئامىتاب باچچانىڭ ئايالىنىڭ ئۆزىنىڭ دۇكىنىغا كىرگەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنەلمىدى. ئۇنىڭغا ئۇزۇن ۋاقىت چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئۇ ئاخىرى بۇنىڭغا ئىشىنىپ، جايا باچچانغا تېخىمۇ ھىجاراپ قاراپ : «خانىم، سىزگە چوڭ چوڭ ئېتىبار» دېدى.

    بۇ بوللىۋودنىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى تەسىرىنىڭ بىر مىسالى. ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىن كەلگەن باشقا كىنو خادىملىرىمۇ بوللىۋودنىڭ ئۇلارنىڭ دۆلىتىدىكى ئاممىۋى ئاساسى، تەسىر كۈچى توغرۇلۇق ئېيتىدۇ. 



    مادۇرى دىشىت ماراكەش فىلىم بايرىمىدا 


    ئىراندا ئولتۇراقلاشقان ئافغانىستانلىق رىژىسسور ئاتىق راھىمى:«ھەممەيلەن بوللىۋودنى سۆيىدۇ» دېدى. ئاتىقنىڭ بىر كۈنلەردە ھىندىستاننىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلىرىدىن ئامىتاب باچچان، شاھرۇھ خان ۋە ئامىر خان بىلەن ھەمكارلاشقۇسى بار.

    بۇ ئوتتۇرا شەرق كىنو خادىملىرى ھەر بىر قېتىم ھىندىستان كىنوچىلىقىنى تىلغا ئالغاندا، مادۇبالا، نەرگىس دۇت، رېيكا دېگەندەك ئىسىملارنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.

    ئىرانلىق رېژىسسور تاھمىنې مىلانى :«مەن بوللىۋود فىلىملىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان، سانىل دۇت، شاشى كاپور قاتارلىق كۆپلىگەن ئېسىل ئارتسىلار ۋە فىلىملەرنى ھەرگىز ئۇنتۇيالمايمەن» دېدى.

    1960-يىللارغىچە، مىسىر  قاتارلىق بىرقانچە دۆلەت ئەرەب كىنو ساھەسىنى مونوپۇل قىلىۋالغان، ئۇ ۋاقىتتا مىسىردا ھەر يىلى 100 دىن ئارتۇق ئىشلىنەتتى. لېكىن 1990-يىللىرىغا كەلگەندە  توقۇنۇش ۋە ئۇرۇش مىسىر ھەمدە سۈرىيە، لېۋان، ئالجېرىيە، ماراكەش قاتارلىق چوڭراق كىنو دۆلەتلىرىگە تەسىر قىلدى. ھازىر بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىن مىسىردىن باشقا دۆلەتلەردە يىلىغا ساناقلىقلا كىنو ئىشلىيەلەيدۇ.

    بۇنىڭ بىلەن ھىندىستان كىنوچىلىقى بۇ بوشلۇقنى تولدۇردى. خالېق:«سىز قاھىرەنىڭ كوچىلىرىدا ماڭسىڭىز ماڭدامدا دېگۈدەك ھىندىستان كىنولىرىنىڭ تەشۋىقات سۈرىتى ۋە ئارتىسلىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆرەلەيسىز، بۇنىڭدىن بوللىۋودنىڭ قانچلىك ئالقىشلىنىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز» دېدى.

    بۇنىڭغا تۇنىسلىق رېژىسسور تائىې لوخىچىمۇ قوشۇلىدۇ، «ھىندىستان كىنولىرىنىڭ كىشلەر قەلبىدىكى ئورنى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇلار زادى كۆرۈپ تويمايدۇ» دېدى.

    ھەتتا ئىراندىكى مۆجىزىلىك چوڭ فىلىم جەمەتى ماخمالباف جەمەتىنىڭ ئەزالىرىمۇ ھىندىستان كىنولىرىنىڭ سېھرىي كۈچىگە قايىل بولىدۇ:«بوللىۋود كۆپ خىللىق، رەڭدارلىققا ئىگە. بۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ» دېدى.

    بوللىۋود كىنو فىلىملىرىلا ئەمەس تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىمۇ ئەرەب تېلېۋىزىيە قاناللىرىنى قاپلىغان، بۇنى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىنكاس ئىسپاتلىيالايدۇ.

    ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرىدىغان سوئاد ئەل ھارمودى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ھەرقانداق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئۆتكۈزىۋەتمەيدۇ. لېكىن ئۇنى قىزىقتۇرىدىغىنى ئەرەب كىنو تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئەمەس بەلكى ئەڭ يېڭى بوللىۋود تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى.

    بۇ 26 ياشلىق ئائىلە ئايالى: «مەن ھىندى فىلىملىرىنى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇلاردا كومىدىيە، ھەرىكەت ۋە مۇھەببەت ھەممىسى بار. مەن بەزىدە ئىنگىلىز تىلىدىكى ھەم ئەرەب تىلىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىمۇ كۆرىمەن لېكىن ھىندى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى بەكرەك ياخشى كۆرىمەن. ئەرەب تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىكى ئورۇنلاش ئانچە ياخشى ئەمەس. ھىندىستان فىلىملىرىدە بولسا ئىككى ياشلىق بالىدىن قېرى بوۋايغىچە  ھەممىسى رول ئېلىشنى بىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئەرەب كىنولىرىنىڭ مەزمۇنى ئوخشاش. داۋاملىق ئائىلە ۋە نىكاھنىڭ ئەكىس تەسىرى توغرۇلۇق مەزمۇننىلا ئەكىس ئەتتۈرىدۇ» دېدى.

    ئەل ھارمودى خانىم بىر يالغۇز مىسال ئەمەس. ئوتتۇرا شەرقتىكى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان تاماشىبىنلار بۇ يەردىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنى داڭلىق ھىندىستان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىىنى ئەرەب تىلىدا تەرجىمە قىلىپ ياكى ئۆز تىلىدا ئېلىپ كىرىشىگە تۈرتكە قىلدى.

    ھازىر بۇ رايوندا ئاز دېگەندە 35 تېلېۋىزىيە قانىلى ھىندىستان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئېيتىىلىشىچە مەدەنىيەت جەھەتتىكى يېقىنلىق بوللىۋود تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ بۇ رايوندا بۇنداق ئالقىشلىنىشىنىڭ سەۋەبى ئىكەن.


     دۇبەي خان جەمەتى ئەزالىرىمۇ شاھرۇھ خان مەستانىسى 



    «ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋە ھىندىستاننىڭ ئەزەلدىن سودا، مەدەنىيەت ئالاقىسى بار، ئوتتۇرا شەرقتىكى كىشىلەر ئاللىقاچان ھىندىستان مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشقان. ھوللىۋود فىلىملىرىگە ئوخشىمايدىغىنى ئوتتۇرا شەرق ۋە ھىندىستانلىقلار ئائىلە ۋە ئائىلە ئەخلاقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ.»

    سەئىد ئەل مۇسالام دۇبەيلىك كارخانىچى ۋە تەلۋە بوللىۋود مەستانىسى، ئۇ يۇقىرىقى قاراشقا ناھايىتى قوشۇلىدۇ. «بىزنىڭ بۇيەردە ھەممە يەردە ھىندىستانلىقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، بىزنىڭ ئالاقىمىز شۇنچە يېقىن ھەمدە ئاز دېگەندە 700 يىل بۇرۇن باشلانغان. بىزنىڭ بۇيەردە ئىنگلىزچە كىنولار ئەمەس ھىندىستان كىنولىرى قويۇلىدۇ. مەن مىسىردا ئىشلىنىدىغان ئەرەبچە كىنولارنى ياخشى كۆرمەيمەن، ھەمدە ئۇ ئارتىسلارنىمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. يەنە كېلىپ مىسىرنىڭ كىنولىرى ھىندىستاننىڭكىدە بۇنچە مول ئەمەس.»

    مۇسالام تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرگەندە ھىندى تىلىدا كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ ئۇنىڭ ئايالى بولسا ئەرەبچە ئاۋاز بېرىلگەن نۇسخىسىنى ياخشى كۆرىدۇ. 

    «مېنىڭ ئايالىم ئەرەبچە ئاۋاز بېرىلگەن نۇسخىسىنى كۆرىدۇ، مەن ھىندى تىلىدا كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى ئەرب تىلىدا دىئالوگلاردىكى پۇراق ۋە ئىنتوناتسىيە يوقاپ كېتىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى يېرىمدىن ئارتۇق كىشىلەرمۇ بىزگە ئوخشاش بوللىۋود تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ئامراق. بىزنىڭ بۇ يەردىلا ئەمەس بەھرەيىن، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئوماندىمۇ كىشىلەرمۇ ھىندىستان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.»

     ھىندىستان چولپانلىرى ماراكەش فىلىم بايرىمىدا 






    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز