يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • خۇاۋېي شىركىتى تۇنجى VR كۆز ئەينىكىنى ئېلان قىلدى
  • جۇڭگو پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ساھىبجامال جياجيا ئىنتېراكتىۋ ماشىنا ئادەم ياساپ چىقتى
  • iOS نەشرىدىكى Gear ئەپ دېتالى بارلىققا كەلدى
  • ئالما شىركىتى كونا iPhone لاردىن 260 مىليون يۈەنلىك ئالتۇن يىغىۋالدى
  • خۇاۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىلەيزۈكى B3 رەسمىي ئېلان قىلىندى، باھاسى 999 يۈەندىن باشلىنىدۇ
  • ئالما سامسۇڭ بىلەن 2.6 مىليارد دوللارلىق OLED ئېكرانى كېلىشىمى ئىمزالىدى
  • شىفىرلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئالما يەنە بىر قېتىم FBI بىلەن تۇتىشىدىغان بولدى
  • ئالما IOS10 سىستېمىسىنىڭ ئۇقۇم لايىھەسىنى ئاشكارىلىدى
  • گۇگۇل Live Case نۇسخىلىق يانفون قوغداش قېپىنى ئېلان قىلدى
  • مىكروسوفىت iOS نۇسخىسىدىكى ۋىنفون كۇنۇپكا تاختىسى چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
  • LG gram 15 نۇسخىلىق تاختا كومپىيۇتېر ئامېرىكىدا بازارغا سېلىندى
  • Surface Phone كېلەر يىلى ئېلان قىلىنىدۇ
  • گوللاندىيە ئۇنىۋېرسىتېتى باكتېرىيىدىن باتارىيە ياساپ چىقتى
  • مىكروسوفىت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى سوتقا ئەرز قىلدى
  • ئامازون پات ئارىدا يېڭى نۇسخىدىكى تاختا كومپىيۇتېرنى ئېلان قىلىدۇ
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    سونىي سېزىمچان ئېكرانغا ئايلىنالايدىغان ئۇقۇم ئۈستىلىنى كۆرگەزمە قىلدى

    مەنبە :digi.163.com       يوللىغۇچى : خالمۇرات بەكرى       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14

         سونىي كەلگۈسى تەجرىبىخانىسى (Future Lab) بولسا چېكىدىن ئاشقان تەسەۋۋۇرلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغان ئورگان بولۇپ، ئامېرىكا تېكساس شىتاتىنىڭ  ئائۇستىندىكى SXSW بايرىمىدا يېڭى پرويېكتورنى كۆرگەزمە قىلدى، بۇ مەھسۇلات ھەرقانداق تەكشىلىكنى ئېكران قىلالايدىغان بولۇپ، «دىئالوگلۇق ئۈستەل» ئۇقۇمى سېنزور ئارقىلىق ھەرىكەتنى ئىز قوغلاپ قاچان ئۈستەلگە جىسىم قويۇلغانلىقىنى سېزىدۇ. بۇ تېخنىكا قارىماققا كەشپىياتچى، تېخنىكا مۇتەخەسسىسى Bastian Broecker بۇندىن بۇرۇن PlayStation كامېراسى ۋە مىكروسوفت Kinect سېنزورى ئارقىلىق ياسىغان AR قەھۋە ئۈستىلىنىڭ ئەمەلىي نۇسخىسىغا ئوخشايدۇ.

         سونىي بۇ دەسلەپكى نۇسخىغا پروگرامما تۈزۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ ئەنگىلىيە چۆچەك يازغۇچىسى لۇيىس كارولنىڭ «ئەيلىسنىڭ سەزگۈرەشتىلىرى» ناملىق چۆچەكنى پەرىقلەندۈرەلەيدۇ. شىركەت ۋەكىلى بۇ كىتابنى ئاچقاندا، كىتابدىن تارتىپ چىقارغان ھەرىكەتلىك سۈرەت ۋە ئەتراپتىكى جىسىملار كۆرۈنىدۇ، مەسىلەن چاي ئىستاكانى ياكى قارتا بولۇپ بۇلارغا نىسبەتەن مەشغۇلات ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇ ئۈستەل يەنە بارماقنى ئىز قوغلاش ئارقىلىق بارماقنىڭ ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرالايدۇ.  

       گەرچە ھازىر بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى ئىنتايىن چەكلىك بولسىمۇ لېكىن بۇ تېخنىكىنىڭ چەكسىز يوشۇرۇن كۈچى بار. سونىينىڭ بۇ مەھسۇلاتىنى مائارىپ ئۈسكىنىسى ئورنىدا قوللانغاندا رومان ياكى دەرسلىكنى دىئالوگلۇق دەرسخانىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

    سونىي كەلگۈسى تەجرىبىخانىسىنى مەھسۇلاتىنىڭ پەقەت دەسلەپكى نۇسخا ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى، بۇ مەھسۇلاتنىڭ قاچان دەرسخانىلارغا كىرىشى ياكى بازارغا چىقىشى ھازىرچە نامەلۇم.






    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز