يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ھارپىسىدا يوقاپ كەتكەن ئەر 24 يىلدىن كېيىن «ياۋايى ئادەم» گە ئايلىنىپ قالدى
  • خېيلۇڭجياڭ شەرقىي شىمال يولۋىسى ئورمان باغچىسىدا ئالتە يولۋاس بالىسى «دۇنياغا كەلدى»
  • خېبېيدا «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خەلقئارالىق شاھمات مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلدى
  • نېلۇپەرلەرنىڭ نورمال ئۆسۈشى ئۈچۈن، شىخۇ كۆلىىگە ئاقارتىش پاراشوكى چېچىلدى
  • گۇيياڭدىكى توك توختىغان مەكتەپتە، ئوقۇغۇچىلار يانفون قول چىرىغىنى ياندۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىدى
  • 67 نەپەر تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەتچىسى دۆلىتىمىزگە يالاپ قايتۇرۇپ كېلىندى
  • شاڭخەيدىكى مەلۇم سودا سارىيى خېرىدارلارغا كىرىش بېلىتى ساتتى
  • دېڭجۇ شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
  • چېگرا ھالقىپ سۈت پاراشوكى سېتىۋېلىشنى تىزىملاش تۈزۈمى چەكلىمىسى ئىككى يىل بوشاشتۇرۇلىدۇ
  • تۈگۈر جىلتىسىنى تاشلىۋەتمەي مۇنداق ئىشلىتىڭ...
  • كۆڭلىدە ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىغان ئىچ كۈيئوغۇل ئايالى قاتارلىق تۆت ئادەمگە پىچاق تىقىۋەتتى
  • نەننىڭدىكى كونا ماشىنا ۋە موتسىكىلىت قەبرىستانلىقىغا نەزەر
  • تۆت خوتۇنلۇق بولغان ئەرگە 1 يىل 10 ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى
  • «3-ئاپرېل» زور تاش تورۇس گۆمۈرۈلۈش ھادىسىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
  • ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لى جى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىندى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    خوتەن گۇمىدا ساختا ھامىلىدار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ بالا ئوغرىلىغان ئايال قولغا ئېلىندى

    مەنبە :news.iyaxin.com       يوللىغۇچى : تىلماچ       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14

    ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: ئۆزىنىڭ تۇغالماسلىقتەك ئەمەلىيەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدىكى بۇ فامىلىلىك كىشىلەرگە ھامىلىدار بوپ قالدىم دەپ يالغان سۆزلەپ ئىزچىل ياستۇقنى بېلىگە تېڭىۋالغان. «ئالدىن مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتى» يېقىنلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ بۇ فامىلىلىك بىر بوۋاقنى ئالداپ ئېلىپ كېتىپ ئۆزى توغقان قىلىپ كۆرسىتىشنى ئويلىغان.

    3-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇخبىرنىڭ گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 3- ئاينىڭ 7- كۈنى 17:34 مىنۇت ئۆتكەندە گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قوماندانلىق مەركىزى ۋۇ فامىلىكنىڭ «تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا 80 كۈن بولغان ئوغلىنى ناھىيەدىكى كونا بازادا بىر «ھامىلىدار ئايال»نىڭ ئالداپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار دارھال نەق مەيدانغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

     گۇما ناھىيە مۇجى يېزىسىدا تۇرۇشلۇق ۋۇ فامىلىلىكنىڭ دېيىشىچە، 7-چېسلا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى 5 كىشى تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا 80 كۈن بولغان ئوغلىنى بازارغا ئاپىرىپ بازا ئايلانغان، بازار ئايلىنىپ يېرىپ كەتكەچكە ۋۇ فامىلىلىك ئائىلىسىدىكىلەردىن 17:25 مىنۇت ئۆتكەندە ئايرىلىپ كېتىپ ئوغلىنى كۆتۈرۈپ كىيىم - كېچەك دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ئارام ئالغان.

    بۇ ۋاقىتتا بىر «ھامىلىدار ئايال» تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېلىپ ۋۇ فامىلىلىك بىلەن ئەھۋاللاشقان، بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ھامىلدار ئايال ۋۇ فامىلىلىككە: مەن ھامىلدار بولغىلى 9 ئاي بولدى، قورسىقىم بىئارام بولۇۋاتىدۇ، سىز ماڭا ياردەملىشىپ ئالدىكى دۇكاندىن كۆرپە ئەكېلىپ بېرەمسىز؟ دەپ 20 يۈەن بەرگەن.

    ۋۇ فامىلىلىك ھامىلىدار ئايالغا قولايسىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئوغلىنى ئۇنىڭغا قاراشقا بېرىپ ئۆزى كۆرپە ئالغىلى كەتكەن، 10 نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ۋۇ فامىلىلىك كۆرپىنى ئەكەلگەندە «ھامىلىدار ئايال» ۋە ئوغلىنىڭ يوقلىغىنى بايقاپ تىزدىن دۇكانلارنى بويلاپ بىردىن - بىردىن ئىزدىگەن، بىراق تاپالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئوغلىنىڭ ئالداپ كېتىلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئويلاپ ساقچىقا مەلۇم قىلغان.

    گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتكەن، 18:40 مىنۇت ئۆتكەندە بىرسى بىر «ھامىلىدار ئايال»نىڭ كىچىك بالىنى كۆتۈرۈپ كونا بازار غول كوچىدىكى دۇكاننىڭ ئالدىدىن تىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. 19:45 مىنۇت ئۆتكەندە ساقچىلار سىنكۆزدىن جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۈچ چاقلىق توكلۇق موتوسىكلىتقا ئولتۇرۇپ خەلق مەيدانى تەرەپكە قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.

    شۇ كۈنى 20:50 ئەتراپىدا تاكسى شوپۇرى: 10 مىنۇت ئىلگىرى ھۆكۈمەت ئولتۇراق رايونى دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىن بىر بالا قۇچاقلىۋالغان «ھامىلىدار» ئايالنى ئاپتوموبىلىمغا ئولتۇرغۇزۇپ بىر شەخسى ئامبۇلاتورىيەگە ئاپىرىپ قويدۇم، تېخى بايىلا ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاچقا بۇ ئايالنىڭ ناھايىتى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدىم، دېگەن.

    ساقچىلار دەرھال بۇ ئامبۇلاتورىيەگە بېرىپ ئېنىقلاپ 21:05 ئۆتكەندە ئامبولاتورىيەدىن جىنايەت گۇماندارى ۋۇ فامىلىكنى تۇتقان ھەمدە ۋۇ فامىلىلىكنىڭ ئوغلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلدۇرىۋالغان.

     ئىگىلىنىشچە، بۇ فامىلىلىك بۇ يىل 25 ياش، گۇمىلىق ئىكەن. بۇ فامىلىك توي قىلغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە ئۆزىنىڭ تۇغالمايدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئەمەلىيەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ھامىلىدار بولۇپ قالدىم يالغان سۆزلىگەن. ئۇ «ھامىلىدار بولۇپ» 2-، 3 - ئېيىدىن باشلاپلا ياستۇقنى بېلىگە تېڭىپ ھامىلىدارلىق ساختا قىياپىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇ ساقچىلارغا: مەن «ھامىلىدار» بولۇپ قالغاندىن كېيىن يولدىشىم قورسىقىمنى تۇتۇپ باقاي دېگەندە مەن بالىغا پايدىسىز دەپ رەت قىلدىم، ئەتراپتىكى قوشنىلار، دوستلار دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشنى دېگەندە مەن ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئارقىغا سۆرۈدۈم، دېگەن.

    ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە: بۇ فامىلىكنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى راسىتنلا ھامىلار دەپ قارىغان

    بۇ فامىلىلىك، «ئالدىن مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت مەزگىلىم»نىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ بىر بوۋاقنى ئالداپ ئېلىپ قېچىپ ئۆزۈم توغقان قىلىپ كۆرسىتىشنى ئويلىدىم، دېگەن. ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ فامىلىلىك نەچچە قېتىم كىشىلەر زىچ توپلاشقان جايلارغا بېرىپ نىشان ئىزدىگەن، 3 -  ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بۇ فامىلىلىك كونا بازاردىن نىشان ئىزدەۋاتقاندا ۋۇ فامىلىلىكنىڭ بالا كۆتۈرۈۋالغانلىقىنى بايقىغان، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ۋۇ فامىلىكنى كۆرپە ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇغان، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغۇل بالىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى دېگەن. بۇ فامىلىلىك ناھىيە بازىرىدىن ئايرىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا شەھەردىن چىقىدىغان بارلىق يولنىڭ ھەممىسىدە ساقچىلارنىڭ تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى بايقىغاچقا ئامبۇلاتورىيەدىن بىرسىگە يۇشۇرنىۋېلىپ تەكشۈرۈش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن بالىنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىشنى ئويلىغان.

    نۆۋەتتە بۇ فامىلىلىك بالىلارنى ئالداپ قېچىش جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتىدۇ.  



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز