ئاپتوموبىللارنىڭ قوزغىلىش شەكلى ئادەتتە ئالدى چاقى قوزغىلىدىغان، كەينى چاقى قوزغىلىدىغان ۋە تۆت چاقى قوزغىلىدىغان دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. تۆت چاقى قوزغىلىدىغان ئاپتوموبىللار ئۆز ئىچىدىن يەنە پۈتۈن ۋاقىتلىق تۆت چاقى قوزغىلىدىغان، بۆلۈنمە ۋاقىتلىق تۆت چاقى قوزغىلىدىغان ۋە مۇۋاپىق ۋاقىتتا تۆت چاقى قوزغىلىدىغان دەپ ئايرىلىدۇ. تۆۋەندە بىز ھەر خىل قوزغىتىش شەكلىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.
ئالدى چاقى قوزغىلىدىغان ۋە كەينى چاقى قوزغىلىدىغان ئاپتوموبىللار: ئاپتوموبىلنىڭ پەقەت ئالدى چاقى ياكى كەينى چاقى ھەرىكەت كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، ئاپتوموبىل چاقى ئايلىنىپ، ئاپتوموبىلنى ئالدىغا ياكى ئارقىغا ماڭدۇرىدۇ.
تۆت چاقى قوزغىلىدىغان ئاپتوموبىللار: ئاپتوموبىلنىڭ تۆت چاقىنىڭ ھەممىسى ھەرىكەت كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، ئاپتوموبىل چاقلىرى ھەرىكەتلىنىپ، ئاپتوموبىلنى ئالدىغا ياكى ئارقىغا ماڭدۇرىدۇ.
ئالدى چاقى قوزغىلىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى:
1. ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى بوشلۇقىنى چوڭايتقىلى بولىدۇ: ئالدى چاقى قوزغىلىدىغان ئاپتوموبىللاردا ھەرىكەت ئۇزىتىش ئوقى بولمايدۇ، شۇڭا پايدىلىنىشقا بولىدىغان بوشلۇق نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ.
2. تەننەرخى تۆۋەن، ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ: زاپچاسلىرى ئاز ھەمدە بىر قەدەر توپلاشقان، ھەرىكەت كۈچى بىۋاسىتە ئۇزىتىلىدىغان بولغاچقا، خوراش ئاز بولۇپ، ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ.
3. ئېغىرلىقنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ: ئالدى چاقى قوزغىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ مېخانىكىلىق زاپچاسلىرى نىسبەتەن ئاددىي بولغاچقا، ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ئالدى چاقى قوزغىلىشنىڭ كەمچىلىكى:
1. كونترول قىلىش خۇسۇسىيىتى ناچار: ئاپتوموبىلنىڭ ماتورى ۋە قوزغىتىش سىستېمىسى قاتارلىق ئاساسلىق زاپچاسلار ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى قىسىمىغا جايلاشقان بولغاچقا، ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا قىسىمى نىسبەتەن يېنىك بولۇپ، ئارقا چاق ئاسانلا يەرنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويىدۇ، بولۇپمۇ تېيىلغاق يوللاردا تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.
2. بۇرۇلۇش ئىقتىدارى يېتەرسىز: ئالدى چاق بىرلا ۋاقىتتا بۇرۇلۇش ۋە قوزغىلىش ئىقتىدارىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاچقا، بۇرۇلۇش ئىقتىدارى يېتەرسىز بولىدۇ، بولۇپمۇ يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلانغاندا، بۇرۇلۇشنىڭ يېتەرسىز بولۇشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
3. ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى قىسىمىنىڭ خىزمىتى ئېشىپ كېتىپ، ئاپتوموبىلنىڭ راھەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ: ئالدى چاق بىرلا ۋاقىتتا بۇرۇلۇش ۋە قوزغىلىش ئىقتىدارىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى بېشى نىسبەتەن ئېغىر بولغاچقا، ئالدى چاقنىڭ ئۇپرىشى ئېغىر بولۇپ، سۈرئەتنى تېزلەتكەندە ياكى تورمۇزلىغاندا ئاپتوموبىل ئالدى قىسىمىنىڭ خىزمىتى ئېشىپ كېتىپ، ئاپتوموبىل بېشىنىڭ سىلكىنىشى روشەن بولۇپ، راھەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئارقا چاق قوزغىلىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى:
1. كونترول قىلىش خۇسۇسىيىتى ياخشى: ئارقا چاق سۆرەشكە مەسئۇل بولۇپ، ئالدى چاق مەخسۇس بۇرۇلۇش خىزمىتىنى قىلغاچقا، بۇرۇلغان ۋاقىتتا ئاپتوموبىلنىڭ ئىنكاسى تېخىمۇ چاققان بولىدۇ.
2. ئاپتوموبىلنىڭ قوزغىلىشى تېز، راھەت بولىدۇ: ئاپتوموبىل قوزغالغاندا، سۈرئەتنى تېزلەتكەندە ۋە دۆڭگە ياماشقاندا، ئېغىرلىق مەركىزى ئارقىغا يۆتكىلىپ، ئارقا چاق سۆرەش چاقى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەرنى تۇتۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، قوزغىلىشقا، سۈرئەتنى ئاشۇرۇشقا ۋە دۆڭگە يامىشىشقا پايدىلىق بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ مۇقىملىقى ئېشىپ، تېخىمۇ راھەت بولىدۇ.
3. رېمونت قىلىش ئوڭاي: سۆرەش سىستېمىسى بۇرۇلۇش سىستېمىسى بىلەن ئايرىلغان بولغاچقا، ئاپتوموبىلنى ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش قولايلىق بولىدۇ.
ئارقا چاق قوزغىلىشنىڭ كەمچىلىكى
1. تەننەرخى نىسبەتەن يۇقىرى، بوشلۇقتىن پايدىلىنىش قولايسىز: ئارقا چاقى سۆرەيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ زاپچاسلىرى بىر قەدەر كۆپ، قۇراشتۇرماق تەس بولۇپ، تەننەرخى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ.
2. تارتىش كۈچى ئاجىز، بۇرۇلۇش ھەددىدىن زىيادە: ئارقا چاقى سۆرەيدىغان ئاپتوموبىللار ئايلانمىدىن ئۆتكەندە، سۈرئەتنى ئاستىلاتقان ۋاقىتتىكى ئېغىرلىق مەركىزى ئالدىغا يۆتكىلىپ، ئارقا چاقنىڭ يەرنى تۇتۇشى ئاجىزلاپ، بۇرۇلۇش ھەددىدىن زىيادە بولۇپ كېتىدىغان، يەنى «قۇيرۇقى تېيىلىدىغان» ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
3. ھەرىكەت كۈچىنىڭ خورىشى نىسبەتەن چوڭ: ماتور پەيدا قىلغان ھەرىكەت كۈچى ئۇزىتىش ئوقى ئارقىلىق سۆرىگۈچى چاققا يەتكۈزۈلىدىغان بولغاچقا، ھەرىكەت كۈچىنىڭ خورىشى ئالدى چاق سۆرىگەنگە قارىغاندا چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئارقا چاقى سۆرەيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ماي سەرپىياتى ئالدى چاقى سۆرىگەنگە قارىغاندا يۇقىرىراق بولىدۇ.
پۈتۈن ۋاقىتلىق تۆت چاق قوزغىلىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى:
پۈتۈن ۋاقىتلىق تۆت چاقلىق قوزغىلىش تاشيولدا ئايلانمىدىن ئۆتۈشتىكى ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى ھەرىكەت ئۇزىتىش شەكلى بولۇپ، ئاپتوموبىل يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلانمىدىن ئۆتكەندە ئاپتوموبىلنىڭ ھەر بىر چاقىغا ئەڭ ياخشى سۆرەش كۈچى تەقسىملەنگەن بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل تېخنىكا يۇقىرى كونترول قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە گاز چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى ئاپتوموبىللاردا كۆپ قوللىنىلىدۇ.
پۈتۈن ۋاقىتلىق تۆت چاق قوزغىلىشنىڭ كەمچىلىكى:
پۈتۈن ۋاقىتلىق تۆت چاقلىق قوزغىلىشنىڭ قۇرۇلمىسى نىسبەتەن مۇرەككەپ، تەننەرخى يۇقىرى، ئىگىلەيدىغان بوشلۇقى نىسبەتەن چوڭ، شۇڭا نىسبەتەن تۆۋەن دەرىجىلىك ياكى گەۋدىسى كىچىك ئاپتوموبىللارغا سەپلەشكە ماس كەلمەيدۇ. پۈتۈن ۋاقىتلىق تۆت چاقلىق قوزغىلىش قۇۋۋەت سەرپ قىلىدىغان بولغاچقا، ھەرىكەت ئۇزىتىش ئۈنۈمى ئىككى چاقلىق قوزغىلىشقا قارىغاندا تۆۋەن بولىدۇ. ئىقتىسادچانلىقىنى تەلەپ قىلىدىغان ھەمدە ماتور كۈچى كىچىك بولغان پىكاپلارغا بۇ خىل قوزغىتىش قۇرۇلمىسىنى سەپلەشكە ماس كەلمەيدۇ.
بۆلۈنمە ۋاقىتلىق تۆت چاق قوزغىلىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى:
بۆلۈنمە ۋاقىتلىق تۆت چاق قوزغىلىش تېخنىكىسى ئىنتايىن پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، قۇرۇلمىسىمۇ نىسبەتەن ئاددىي، ئىشەنچلىك، تەننەرخى تۆۋەن. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئىككى چاق قوزغىتىش شەكلىنى قوللانغاندا تېخىمۇ تېجەشلىك، جانلىق بولىدۇ. يول شارائىتى ناچار ئەھۋالدا، تۆت چاغ قوزغىتىش شەكلىنى ئىشلەتكەندە ئاپتوموبىلنىڭ ئۆتۈشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
بۆلۈنمە ۋاقىتلىق تۆت چاق قوزغىلىشنىڭ كەمچىلىكى:
بۆلۈنمە ۋاقىتلىق تۆت چاق قوزغىلىشنىڭ تاشيولدا يۈرگەندە ئەھمىيىتى چوڭ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە شوپۇرلۇق تېخنىكىسىغا بولغان تەلەپمۇ بىر قەدەر يۇقىرى. چۈنكى، بۆلۈنمە ۋاقىتلىق تۆت چاق قوزغىلىش ئۇلانغاندىن كېيىن، قاتتىق ئوق بىلەن ئۇلانغانغا تەڭ بولۇپ، ئىشلەتكەندە ناھايىتى ھوشيار بولۇش كېرەك. تاشيولدا ئايلانمىدىن ئۆتكەندە ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. شېغىللىق، قار-يامغۇرلۇق ۋە مۇزلۇق يوللاردا ئايلانغاندىمۇ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
مۇۋاپىق ۋاقىتتا تۆت چاق قوزغىلىشنڭ ئارتۇقچىلىقى:
مۇۋاپىق ۋاقىتتا تۆت چاق قوزغىلىش پۈتۈن ۋاقىتلىق تۆت چاق قوزغىلىشقا قارىغاندا كۆپ ئاددىي بولۇپ، تەننەرخنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولۇپلا قالماي، ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىشكىمۇ پايدىلىق.
مۇۋاپىق ۋاقىتتا تۆت چاق قوزغىلىشنڭ كەمچىلىكى:
نۆۋەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇۋاپىق ۋاقىتتا تۆت چاق قوزغىلىش ئالدى ئارقا ئوققا ھەرىكەت ئۇزاتقاندا، قۇرۇلمىنىڭ كەمچىلىكى سەۋەبىدىن، %50 تىن ئارتۇق ھەرىكەت كۈچىنى ئارقا ئوققا يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا بىخەتەرلىك جەھەتتىن، پۈتۈن تۆت چاقلىق قوزغىلىشتەك ياخشى ئەمەس.
خۇلاسە:
يۇقىرىدا بىر نەچچە خىل قوزغىتىش شەكلىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. ئەمەلىيەتتە، مۇتلەق ياخشى ياكى مۇتلەق ناچار ئۇقۇمى يوق، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان قوزغىتىش شەكلىنى تاللىساق بولىدۇ.