14-مارت، 2016–يىللىق 7-نۆۋەتلىك خەينەن ئارىلىنى ئايلىنىش خەلقئارا چوڭ يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرى سەنيا قولتۇقى ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونىدا باشلانغان. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە رۇسىيە، ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە، سىنگاپور، فىرانسىيە، جۇڭگو، جۇڭگو شياڭگاڭ، جۇڭگو تەيۋەن قاتارلىق ئون دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 33 كېمە ئەترىتىدىكى 350 نەپەر كېمە ھەيدەش ماھىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن. ئىئىگىلىنىشىچە، «دېڭىز يەلكەن مۇسابىقىسى» توققۇز كۈن داۋاملىشىدىكەن، سەنيا يېرىم ئارىلى يەلكەنلىك كېمە پورتى ئاساسىي پورت قىلىنىپ، خەيكۇدىكى شيۇيىڭ پورتى ئارقىلىق، ۋەننىڭ شى مېي قولتۇقى خەلقئارا سەيلە كېمىسى پورتىدا توختايدىكەن، مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 800 دېڭىز مىلى كېلىدىكەن.