خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش جەمىيىتىدىكى مۇتەخەسىسلەر كورلا شەھىرىدىكى بالىلار باغچىسىنىڭ بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا، خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش جەمىيىتىدىكى مۇتەخەسىسلەر ۋە شاڭخەي خۇادۇڭ پىداگۇكىكا ئۇنۋېرسىتىتى دەسلەپكى مائارىپ ۋە ئالاھىدە مائارىپ ئىنىستىتۇتى دەسلەپكى مائارىپ فاكۇلتىتى پىسخىكا تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مۇدىرى پروفسىسور، جوۋ نىيەنلى خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە كورلا شەھىرىدىكى 14 بالىلار باغچىسى2015-يىلى 3-ئايدىن بۇ يىل 3-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا، خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش جەمىيىتىنىڭ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى بالىلارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بىر يىللىق تۈرىگە قاتنىشىپ، تۈر خىزمىتى ئاخىرلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش جەمىيىتى، مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، كورلا شەھىرىدىكى بۇ 14 بالىلار باغچىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى ئىشلەنگەن ئومۇمىي خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. مۇتەخەسىسلەر تەكشۈرۈش داۋامىدا، كورلا شەھىرىدىكى بالىلار باغچىلىرىغا بېرىپ، ھەرقايسى باغچىلارنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە، مۇھىت، سىنىپلارنىڭ بېزىلىشى، ۋە رايون پائالىيىتىنىڭ يولغا قويۇلىش ئەھۋالى قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولدى. يېڭشەھەر مەركىزى بالىلار باغچىسىنىڭ مەسئۇلى روشەنگۈل تىلىۋالدى ئۆز باغچىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باغچىمىز مۇشۇ تۈرگە قاتناشقان بىر يىلدىن بۇيان، ئىلگىركى باشلانغۇچ تۈسىنى ئالغان ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خوجايىنلىق رولىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدىغان ئويۇن ئىچىدە ئۆگىنىش، ئۆگىنىش ئىچىدە ئويناشتەك ياخشى بولغان كەيپىيات بارلىققا كەلدى. بىز مۇشۇ تۈرگە قاتناشقاندىن بۇيان، ئاتا-ئانىلار تەربىيەلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتتۇق، بۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ باغچا مائارىپىغا بولغان تونۇشى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. مۇتەخەسىسلەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا كورلا شەھەر ئۈزگەن مەركىزى بالىلار باغچىسىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى ئىشلەنگەن ئومۇمىي خىزمەتلىرىگە يۇقۇرى باھا بەردى.
سۈرەتتە: پروفسىسور جوۋ نىيەنلى خانىم، مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن بىرلىكتە يېڭشەھەر ئۈزگەن مەركىزى بالىلار باغچىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماقتا