سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، :
سىز مېسسى بىلەن تۇرمۇشىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ ياشاشنى خالامسىز؟ بۇ مەسىلە باشقىلارغا ھاماقەتلىكتەك ۋە كۈلكىلىك تويۇلىدۇ. بىراق بەش قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بارسېلونادا نۇرغۇن چېمپىيونلۇقلارغا ئېرىشكەن مېسسى دېگەن بۇ نامنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان ئۇۋالچىلىقلار ۋە ئەيىبلەشلەر يۈكلەنگەن. شۇڭىلاشقا مېسسى بولماق ئەزەلدىن ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس.
1-مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنىڭ سەۋەبى-مېسسىنىڭ توپ مەيدانىدا سەيلە قىلغانلىقىدا
مەيلى بارسېلونا كوماندىسىدا بولسۇن ۋە ياكى ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن. كوماندا ئۇتتۇرۇپلا قويسا مېسسى تەبىئىي ھالدا باشقىلارنىڭ ئەيىبلەش نىشانى بولۇپ قالدى. تاراتقۇلار ۋە پۇتبول مەستانىلىرى مېسسنى پۇتبول مەيدانىدا پۈتۈن كۈچىنى چىقارمايدۇ، ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئورنىدا جىم تۇرۇۋالىدۇ، توپ تالاشمايدۇ. ئاكتىپلىق بىلەن توپ قوبۇل قىلمايدۇ، كۈرەش قىلىش روھى ۋە غەلىبىگە ئىنتىلىش روھى يوق، دەپ ئەيىبلەيدۇ.
بۇنداق ئەيىبلەشلەرنى مىسالغا ئالساق، ئارگېنتىنا كوماندىسى ئامېرىكا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چىلى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن مېسسى يەنە بىر قېتىم تاراتقۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى، «مېسسى ھالقىلىق ۋاقىتتا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالمىدى»، «مېسسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يوقاپ كەتتى»، «ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مەيدانىدىكى مېسسى ئەزەلدىن دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى ئەمەس». ئارگېنتىنا تاراتقۇلىرى ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ «مېسسنى دۆلەت كوماندىسىنىڭ باشلىقلىقىدىن قالدۇرۇش كېرەك» دەپ جار سېلىشتى.
بىراق مېسسى ھەرگىزمۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. گەرچە شۇ مۇسابىقىدە چىلى كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەچىسى مېدېر ئۇنىڭ قورسىقىغا قاتتىق تېپىۋەتكەن بولسىمۇ، گەرچە نۇقتا توپ جېڭىدە مېسسى بىرىنچى بولۇپ مەيدانغا چىقىپ نۇقتا توپنى ئۇرغان بولسىمۇ، يەنىلا بارلىق سەۋەنلىك ئۇنىڭغا يۈكلىنىپ قالدى.
نۇرغۇنلىغان تاراتقۇلار ۋە پۇتبول مەستانىلىرى نەتىجىنى مۇھىم مۇھىم ئورۇندا قويىدۇ. نەچچە كۈن بۇرۇنقى ئارسېنال كوماندىسى بىلەن بارسېلونا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە مېسسنىڭ مۇسابىقىدە يۈگۈرگەن ئومۇمىي مۇساپىسى پەقەت قاپقىچىنىڭ يۈگۈرگەن مۇساپىسىدىنلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ، بىراق مېسسى ئۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئىككى توپ ئۇرۇپ كوماندىنىڭ غەلىبىسىگە ئاساس سالدى. «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېىزىتى» مۇسابىقىدىن كېيىن «مەيداندا سەيلە قىلىش تالانت ئىگىسىنىڭ ئىمتىيازى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ،مېسسىنى قاتتىق ماختىدى. بۇنى مېسسى بۇرۇن ئۇچرىغان ئەيىبلەش سادالىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئادەمنى يا يىغلاشنى يا كۈلۈشنى بىلمەيدىغان
ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
2-مېسسى پۇتبول شاھى بولۇشقا لايىق ئەمەس، ئۇنىڭ پېلى ۋە مارادونا بىلەن بولغان پەرقى بەك چوڭ
2014-يىلى يازدا ماراكانا پۇتبول مەيدانىدا بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 122-مىنۇتىدا مېسسى شىۋېنستايگىر تەرىپىدىن پۇتلىۋېتىلدى. ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى بولغان ئىختىيارىي توپنى مېسسى ئۇرالمىدى.
«مېسسى مەڭگۈ مارادونا ۋە پېلىغا يىتەلمەيدۇ» بۇ نۇرغۇن پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ مېسسىغا بەرگەن باھاسى. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي. چۈنكى مېسسى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ باقمىغان. ھەتتا مەڭگۈ ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى مېسسىنىڭ پۇتبول پادىشاھى دېگەن نامغا لايىق ياكى ئەمەسلىكىنى مۇلاھىزە قىلىشقا ئامراق. ئۇلار مېسسنىڭ مارادونا ۋە پېلىغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرىدۇ، مېسسىنى يولباشچى بولۇشقا لايىق ئەمەس، مېسسىنىڭ قەھرى يوق، دەپ قارىشىدۇ.
بىراق مېسسى ئەزەلدىن ئۆزىنى «يېڭى مارادونا» دەپ قاراپ باققان ئەمەس. مېسسىمۇ ئۆزىنىڭ كىمدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى دەپ باقمىدى، بىراق نېمە ئۈچۈن ھەمىشە ئەيىبلەشكە ئۇچرايدىغىنى مېسسى؟ كىشىلەر ھەمىشە ئۇنى ئەيىبلەش ئۈچۈن قۇسۇر ئىزدىشىدۇ. مېسسى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاشكارىلاپ: «ئۇلار پۇتبول مەيدانىدا نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا مېنىڭ ناھايىتى ئاچچىقىم كېلىدۇ، بىز سەككىز كۈچلۈكتە ياكى تۆت كۈچلۈكتە ئۇتتۇرۇپ قويمىدۇق» دېگەن.
3-مېسسى كوللېكتىپچانلىقنى ئاساس قىلغان پۇتبولچى، ئۇ نېمە ئۈچۈن ئېنگلاند بىرلەشمىسىگە بېرىپ ئۆزىنى ئېسپاتلىمايدۇ؟
بۇ ھېچقانداق چۈشەنگىلى بولمايدىغان يەكۈن، ھەتتا فېرگۇسونمۇ بۇنىڭدىن خالىي ئەمەس. مېسسى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بولدى. بىراق ئۇ رونالدوغا ئوخشاش پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى، ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى قاتارلىق بىرلەشمىلەردە قالپاق ئويۇنى ئوينىدى. بىراق مېسسى بۇلارنى قىلالمىدى. شۇڭىلاشقا بىز مېسسىنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پۇتبولچى دەپ قارىساق بولمايدۇ.
مېسسىنى قارىلايدىغانلار نەزىرىدە مېسسى باشتىن ئاخىر بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇلار ئەگەر رونالدىنھو، شاۋى، ئىنىستا، سۇئارېز، نېيمار بولمىسا مېسسى بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەمدۇ؟ ئەگەر مېسىسى راستتىنلا كۈچلۈك بولسا، ئۇ نېمىشقا ئېنگلاند بىرلەشمىسىگە بېرىپ ئۆزىنى ئىسپاتلىمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قارىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. ھەتتا فېرگۇسوننىڭ ئۆزىمۇ ئىسپانىيەگە كېلىپ باقمىدى.
4-مېسسى باج ئوغرىلايدۇ، ئاجىز، خوتۇن كىشىدەك مىجەزى بار، ۋەتىنىنى سۆيمەيدۇ.
مېسسى ھەر قېتىم توپ مەستانىلىرى ئۈچۈن ئېسىل بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىغاندا، ئىنكاس رايونىدا ھەمىشە مېسسىغا زەربە بېرىدىغان ئىنكاسلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. لېكىن ئۇلار ھەرگىزمۇ پۇتبول مەيدانىدىكى مېسسىغا باھا بەرمەيدۇ. ئۇلار ئۈزلۈكسىز ھالدا سىزگە مېسسىنىڭ نومۇسسىز باج ئوغرىسى ئىكەنلىكىنى، مېسسنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە ھورمۇن ئۇرۇپ ئاندىن مۇشۇنچىلىك ئۆسكەنلىكىنى، مېسسىنىڭ خوتۇن كىشىدەك مىجەزى بارلىقىنى دېيىشىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن كىشىلەر يەنە مېسسىنىڭ دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشىدۇ. گەرچە بۇ ئىشلارنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئادەمىيلىك نۇقتىسىغا ئېلىۋېلىپ مېسسىغا ھاقارەت قىلىدۇ. لېكىن كۆپ ھاللاردا مېسسى بۇ ئەيىبلەشلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ.
5-مېسسى ھەتتا نۇقتا توپنىمۇ ئۇرالمايدۇ
بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە مېسسىنىڭ نۇقتا توپى قارغىشقا كەتكەندەك بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مېسسىنى ئەيىبلەش سادالىرىنىڭ تۈرى كۆپەيدى. ئۇلار نۇقتا توپنىمۇ ئۇرالمىغان پۇتبولچى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى بولۇشقا لايىقمۇ دەپ قاراشتى.
مېسسى نۇقتا توپنى سۇئارىز ياكى نېيمارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەندە، ئۇلار دەرھال ئەيىبلەش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ «مېسسى نۇقتا توپ تېپىشكە جۈرئەت قىلالماي باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ مەسئۇلىيەتتىن قاچتى»، «ئالتۇن كەش جېڭىدە سۇئارىزنىڭ رونالدونى مەغلۇب قىلىشى ئۈچۈن نۇقتا توپنى ئۆتۈندى، مېسسى ھېچقانداق ۋاستە تاللىمايدىكەن دېيىشتى».
مېسسىنىڭ ئۆزىگە قويۇۋالغان تەلىپى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇ ھازىرغا قەدەر بۈگۈنكى ئۆزىنى مەغلۇب قىلالمايۋاتىدۇ. مېسسىنى ياقتۇرمايدىغانلارغا نىسبەتەن، مېسسى مەڭگۈ ياخشى قىلالمايدۇ.