يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسىدىكى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ رەقىبلىرى بىلەن ئۇچىراشقان نەتىجىلىرى
  • خانلىق مادرىد 19 كىشىلىك تىزىملىكنى ئېلان قىلدى
  • گۇاڭجۇ خېڭدا رەقىبىنى يېڭىپ بىرلەشمىدە بىرىنچى ئورۇنغا چىقتى
  • رونالدونىڭ شەخسىي مۇزېيىدا يەنە بىر «ئەزا» كۆپەيدى
  • شەندوڭ لۇنىڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا رەقىبىنى يەڭدى
  • خانلىق مادرىد: تەلىيىڭلار ياخشى؟ سىلەر ئۆتكەن يىلىمۇ شۇنداق دېگەن!
  • چېلسى VS مانچېستىر شەھىرى مۇسابىقىسىگە نەزەر
  • ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش نەتىجىسى
  • شاڭخەي شاڭگاڭ ساھىبخان مەيداندا گۇاڭجۇ فۇلىنى يەڭدى
  • رونالدو ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدۇ
  • ياۋروپا ئۇزغۇنلىقى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە چەك تارتىش نەتىجىسى
  • گۇما ناھىيەسىدە پۇتبول قىزغىنلىقى ئەۋج ئالدى
  • خانلىق مادرىد بېكى كونتىراۋ يارىلاندى، 3~6 ئايغىچە ئارام ئالىدۇ
  • لىۋېرپول 4:5 ئومۇمىي نەتىجە بىلەن دورتموندنى شاللاپ تۆت كۈچلۈككە كىردى
  • فېرگۇسون مورىنھونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە مەشقاۋۇل بولۇشىغا قوشۇلدى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    فورگېسىن: قارا تۇلپار كوماندا لەيچېستېر كوماندىسى ئۈچ ئايلانما ئاۋال ئۇزغۇن بولىدۇ

    مەنبە :sports.sohu.com       يوللىغۇچى : umutyar       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14

       بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىدە، لېيچېستېر شەھىرى تەدرىجىي باش كۆتۈرۈپ ئۆزىنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى نامايەن قىلدى، لېيچېستېر شەھىرى  كوماندىسى 29  ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقە جەريانىدا پەيدىن پەي ئالغا بېسىپ بىرلەشمە نومۇر تەرتىپىدە 1-ئورۇنغا ئۆتتى. ئېرىشكەن نومۇرى  2 - ئورۇندا تۇرىدىغان توتتېنھام كوماندىسىدىن 2 نومۇر ( توتتېنھام كوماندىسى 30-ئايلانما مۇسابىقىنى تۈگەتتى ) ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئارسىنال كوماندىسىدىن 8 نومۇر يۇقىرى. لېيچېستېر شەھىرى كوماندىسى ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنلىقىغا ئېرىشەلەمدۇ دېگەن مەسىلە ئاخبارات ۋاسىتىسى ۋە توپ مەستانىلىرى قىزغىن مۇلاھىزە قىلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى . ئەنگلىيەدىكى «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فېرگۇسون مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ  بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنلىقى كىمگە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى توغرىلىق ئۆز كۆز قارىشى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ مۆلچەرىچە «تۈلكە بېرگادىسى» لېيچېستېر شەھىرى كوماندىسى  مۇددەتتىن  ئۈچ ئايلانما بۇرۇن ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى بولىدىكەن، فورگىسېننىڭ پەرىزىچە بىرلەشمىنىڭ ئالدىنقى 4 كۈچلۈك قاتارىغا مانچېستېر شەھىرىدىكى ئىككى كوماندىنىڭ كىرىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن، لېكىن ۋېستخام بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ  ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.

       

    لېيچېستېر شەھىرى كوماندىسى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ناھىيىتى تەستە دەرىجە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالغان كوماندا بولۇپ، ھالبۇكى  بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئۈچۈن تايلاندقا بارغاندا كوماندا ئەزالىرىنىڭ پاھىشە ئويناش سەتچىلىكى يۈز بېرىپ كوماندىنىڭ نام ئابرۇيى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن  كوماندا مەشقاۋۇلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. لېكىن لاكۇنلى مەشقاۋۇل بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، لېيچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ بىرلەشمىدىكى كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا ئۆتتى. ناۋادا 15-مارت ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلسا كوماندىغا نىسبەتەن ئۇزغۇن بولۇشقا ناھايىتى زور پۇرسەت بار، ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى تارىخىدىن قارىغاندا، يەنە 9  ئايلانما مۇسابىقە قالغان ئەھۋالدا، پەقەت 4 كوماندىلا ئۆزىدىن 5 نومۇر يۇقىرى ئورۇندا تۇغان كوماندىنى قوغلاپ ئەڭ ئاخىرى بىرلەشمىنىڭ ئۇزغۇنى بولغان. لېكىن لېيچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك ئىپادىسىدىن قارىغاندا كېيىنكى 9 مەيدان مۇسابىقىدە باشقا كوماندىلارغا پۇرسەت بېرىپ ئۇزغۇنلۇقنى قولدىن بېرىپ قويۇش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى تۆۋەن. بىز تەجرىبىلىك پېشقەدەم مەشقاۋۇلنىڭ پەرىزىنىڭ توغراچىقىپ ئېنگىلاند بىرلەشمىسدە يېڭى بىر ئۇزغۇن كوماندىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تەشنامىز. 




    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز