
ئالدىنقى ھەپتە نەق ئالتۇن باھاسى كۈچىيىپ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى 1280 دوللارنىڭ يۇقىرىسىغا چىققان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە پەيشەنبە كۈنى ياۋروپا مەركىزى بانكىسى (ECB) نىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئالتۇن باھاسى تەخمىنەن 10 دوللارغا يېقىن تۆۋەنلىدى، ئارقىدىنلا ياۋروپا مەركىزى بانكىسى (ECB) نىڭ بانكا باشلىقى دېلاجى نۇتۇق ئېلان قىلىپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ھاجەتسىز ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەردى؛ بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئالتۇن باھاسى يەنە قايتىدىن 47 دوللارغا يېقىن يۇقىرى ئۆرلەپ، 13 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى.
3-ئاينىڭ 11-كۈنى ياۋروپا بازىرى ۋاقتىدا، نەق ئالتۇن باھاسى يەنە قايتىدىن چوڭ دائىرىدە 8 دوللارغا يېقىن تۆۋەنلەپ، ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى 1263.10 دوللارغا چۈشۈپ قالدى.
ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنىڭ ئالتۇن باھاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە قارىتا، كەي مەبلەغ سېلىش ماكرولۇق (Capital Economics) تاۋار تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلىJulian Jessop مۇنداق دەپ قارىدى، ئالتۇن بازىرىنىڭ بۇ ئىپادىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۆسۈم نىسبىتىدىن سىرت، باشقا ئامىللارنىڭ ئالتۇن بازىرىغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.
Jessop يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئالتۇن بازىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىل ئۆسۈم نىسبىتىلا ئەمەس، دوللارنىڭ ئىپادىسى، خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى ۋە پۇل پاخاللىقى مۆلچەرى قاتارلىق ئامىللارمۇ بار، بولۇپمۇ ئامېرىكا پۇل پاخاللىقىنىڭ قايتىدىن يۇقىرى ئۆرلەش مۆلچەرى.
ئەگەر سىز ئىقتىساد تۈرىدىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىڭىز ياكى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛
ئالاقىلىشىڭ: 0991-8588854 ، 0991-8588824 ، 4000991014

ئەسلى مەنبەنى چېكىپ ئىلكان تورىنى زىيارەت قىلىڭ.
ئەسلى مەنبە :ئىلكان ئىقتىساد تورى









































