بۇ ھەپتە پۇل مۇئامىلە بازىرى زور سىناقنى كۈتۈۋالىدۇ، يەنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى، ياپونىيە مەركىزى بانكىسى، ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسى ۋە شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسى قاتارلىق تۆت چوڭ مەركىزى بانكا پۇل سىياسىتى يىغىنى ئاچىدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت، ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات جەھەتتە، ئامېرىكا تەرەپ 2-ئايلىق پارچە سېتىش ۋە CPI、PPI قاتارلىق پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆي بازىرى، سانائەت مەھسۇلاتى ۋە ئىستىمال ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىدۇ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار نەتىجىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى غەيرى - يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىگە تەڭ كېلەلىشى مۇمكىن.
بۇ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى بېيجىڭ ۋاقتى 02:00 دە، پۇل سىياسىتى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەڭ يېڭى پەسىللىك ئىقتىساد مۆلچەرى ۋە كەلگۈسىدىكى سىياسەت ئەھۋالى ئېلان قىلىنىدۇ. ئارقىدىنلا يەنە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلېن بېيجىڭ ۋاقتى 02:30دا، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ. نۆۋەتتە بازار ئومۇميۈزلۈك ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ ھەپتە ئۆسۈم ئۆستۈرمەيدۇ دەپ مۆلچەرلىدى، لېكىن مەبلەغ سالغۇچىلار يىغىندىن كېيىنكى بايانات ۋە يېلېن ئاچىدىغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى داۋامىدا ئۆسۈم قوشۇش توغرىسىدىكى يىپ ئۇچىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش:
ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.4913يۈەن؛
ئەگەر سىز ئىقتىساد تۈرىدىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىڭىز ياكى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛
ئالاقىلىشىڭ: 0991-8588854 ، 0991-8588824 ، 4000991014
ئەسلى مەنبەنى چېكىپ ئىلكان تورىنى زىيارەت قىلىڭ.
ئەسلى مەنبە :ئىلكان ئىقتىساد تورى