يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ئالتۇن باھاسى
  • 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى بېنزىن ۋە دىزېل باھاسى
  • جۇڭگودا بايلارنىڭ نامراتلىشىپ، نامراتلارنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر
  • 2016-04-15 كۈندىكى ئالتۇن سودا تەھلىلى
  • 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
  • 2016-يىللىق شىنجاڭنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يەرلىك زايومى تارقىتىلدى
  • بازار دىققەت نۇقتىسى يەكشەنبە كۈنىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر يىغىنىدا بولدى
  • 2016-04-15 كۈندىكى كۈمۈش سودا تەھلىلى
  • ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى ماددىي ئالتۇن بازىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى بىكار قىلدۇ
  • ئىلكان ئىقتىساد كالىندارى «4-ئاينىڭ 15-كۈنى»
  • خەلقئارالىق ئورگانلار جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئۈمىد بىلەن قارىماقتا
  • ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتى توسالغۇغا ئۇچرىدى
  • كۈمۈشمۇ ئالتۇننىڭ تۆۋەنلەش ھالىتىدىن قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز
  • دوللار كۆرسەتكۈچى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى
  • چەت ئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ 3-ئايدىكى ئېكىسپورتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا قانداق قارايدۇ؟
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    نېفىت باھاسى داۋاملىق ئۆسەمدۇ؟

    مەنبە :ئىلكان ئىقتىساد تورى       يوللىغۇچى : ئىلكان       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14

    دۈشەنبە ياۋرۇپا بازىرىدا، خەلقئارا نېفىت باھاسى تۆۋەنلىدى، دۇنيا تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش ۋە ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى نېفىت باھاسىغا بېسىم پەيدا قىلغان، لېكىن مەھسۇلاتنىڭ تۆۋەنلەش ئەھۋالى نېفىت باھاسىغا بىر قىسىم تىرەشلىك بىلەن تەمىنلىدى. نۇرغۇن تەھلىلچىلەر نېفىت باھاسىنىڭ تەدرىجىي جانلىندىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. 


    مورگان سىتەنلى Morgan Stanley) ( نىڭ ئېيتىشىچە، نېفىت باھاسى تۆۋەن ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى، لېكىن مەزكۇر بانكا يەنە ئاگاھلاندۈرۈش بېرىپ، ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتىنىڭ پەسىيىشى ۋە يۇقىرى مەھسۇلات مىقدارى نېفىت باھاسىنىڭ چوڭ دائىرىدە ئۆسۈشىگە توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن دەپ ئېيتقان. 


    مورگان سىتەنلىنىڭ ئېيتىشىچە" ھازىرى نېفىت باھاسى ئاللىقاچان تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسىتىپ بولغاندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن بۇ يىلنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىدا ئاجىز ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن، 2017- يىلدىن باشلاپ قايتا ئۆسۈشكە باشلايدۇ." دەپ ئېيتقان. 


    مورگان سىتەنلى يەنە كۆرسەتمە بېرىپ، تۆۋەن نېفىت باھاسى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈمىد قىلغىنىدەك ئېقتىساد ئېشىشقا نىسبەتەن تۈرتكىلىك رول ئوينىيالمىدى دەپ كۆرسەتتى. 


    خەلقئارا ئېنىرگىيە باش مەھكىمىسى (IEA) نىڭ جۈمە كۈنى ئېيتىشىچە، نېفىت باھاسى ئېھتىمال تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسىتىپ بولغان بۇلۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئامېرىكا ۋە باشقا (OPEC) غا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەشكە باشلىغان، ئىراننىڭ نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش ئەھۋالى ئانچە كەسكىن بولمىغان. 


    نېفىت مۇلازىمەت شىركىتى Baker Hughes جۈمە كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسى سانى بۇ ھەپتە ئۇدا 12 ھەپتە كېمەيگەن بولۇپ، 6 كېمىيىپ 386 گىچە بولغان، بۇ 2009- يىل 12- ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالىتى ھېسابلىنىدۇ. 


    دۈشەنبە مورگان سىتەنلى ئىپادە بىلدۈرۈاپ، " تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى فوند ۋە زاپاس مىقدارى" ئامېرىكا نېفىت باھاسىنى چەكلەپ قويدى، بۇ سودىگەرلەرنىڭ قەرەللىك مالنى سېتىش ئارقىلىپ كەلگۈسىدىكى ئىشلەپچىقىرش ۋە زاپاس مىقدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرماقچى بولغان، بۇ نېفىت باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. 


    ئۇلارنىڭ تولۇقلاپ ئېيتىشىچە، " دوللار داۋاملىق تۆۋەنلىگەن تەقدىردىمۇ، كېيىنكى بازاردا نېفىت باھاسى 45 دوللاردىن ھالقىپ ئۆتۈشى تەسكە توختايدۇ." دەپ كۆرسەتتى. 


    بېيجىڭ ۋاقتى15:34 دە ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.62 تۆۋەنلەپ، 40.14 دوللار/باك بولدى؛ ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.96 تۆۋەنلەپ، 38.13 دوللار/باك بولدى. 

    ئەگەر سىز ئىقتىساد تۈرىدىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىڭىز  ياكى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛

    ئالاقىلىشىڭ:  0991-8588854  ، 0991-8588824  ، 4000991014 

    ئەسلى مەنبەنى چېكىپ ئىلكان تورىنى زىيارەت قىلىڭ.

    ئەسلى مەنبە :ئىلكان ئىقتىساد تورى




    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز