يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • فىلىپپىندا 5.1 بال يەر تەۋرىدى
  • 27 يېشىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغان قەززافىي نېمىشقا پادىشاھ ياكى زۇڭتۇڭ بولالمىدى؟
  • پارىژدىكى سودا سارايغا 1600 دانە قەغەز مۈشۈكئېيىق قويۇلۇپ، ھايۋاناتلارنى قوغداش مۇراجىئەت قىلىندى
  • پەلەستىندىكى بىر بانكا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن پارتلىتىۋېتىلدى
  • نەچچە مىڭلىغان مۇساپىر سىتسىلىيە ئارىلىغا كىردى
  • ئاسىيادا قايسى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتى ئەڭ كۈچلۈك؟
  • مانخاتتاندا تىك قويۇلغان غايەت زور سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى نامايەن بولدى
  • يۇبىر ئامېرىكا نازارەت تارماقلىرىنى 12 مىليون ئابونتنىڭ ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى
  • چاۋشيەندە كىم سۇڭجو تەۋەللۇت كۈنى خاتىرىلەندى
  • «2015-يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز قىلغانلىق خاتىرىسى»نى ئېلان قىلدى
  • نيويوركتا ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
  • ئېغىرلىقى 250 كىلوگراملىق ئايال ئوپېراتىسيە ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق ئورۇقلىدى
  • ب د ت باش كاتىپى قانداق سايلاپ چىقىلىدۇ؟
  • ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا ئىشلىتىش چەكلەنگەن توققۇز خىل قورال
  • جۇڭگونىڭ ئىنسانلار تۆرەلمە گېنىنى تەھرىرلەش تەتقىقاتى تالاش-تارتىش قوزغىدى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    تۈركىيە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇرد قوراللىق تەشكىلاتىنى بومباردىمان قىلدى

    مەنبە :news.xinhuanet.com       يوللىغۇچى : abdullajan       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14

        جۇڭگو شىنخۇا تورى 14-مارت خەۋىرى: :

       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 14-مارت ئەنقەرەدىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى، تۈركىيە قوراللىق قىسىم باش شتابى 14-مارت بايانات ئېلان قىلىپ: تۈركىيە شۇ كۈنى ئەتىگەن سەھەردە ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەۋەتىپ ئىراقنىڭ شىمالى قىسمىغا جايلاشقان كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىپ، ئەنقەرە تېررورلۇق ھۇجۇمى ئۈچۈن ئۆچ ئالدى، دېدى، چۈنكى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق تەشكىلاتى ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالغان.

       باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى 10 نەچچە دانە ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەۋەتىپ، ئىراقنىڭ شىمالى قىسمىدىكى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ 18 دانە نىشانىنى  بومباردىمان قىلدى. لېكىن باياناتتا كونكرېت ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى ئاشكارىلانمىغان.

       تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشىچە، ئەنقەرە شەھەر مەركىزى 13-مارت كەچتە ماشىنا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندىمۇ 37 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

       يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەنقەرە ئارقا-ئارقا ئۈچ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەنقەرە پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئەتراپىدا ئىككى قېتىملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېردىكى پارلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ 102 نەپەر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى ۋە 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، تۈركىيە بۇنى رادىكال تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» پىلانلىغان دەپ جاكارلىغان. بۇ يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەنقەرە شەھەر مەركىزىدىكى بىر ھەربىي ئىشلار رايونىدا ماشىنا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 28 نەپەر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە 61 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، تۈركىيە كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى  بار بولغان «كۇرد ئەركىنلىك بۈركۈتى» تەشكىلاتى بۇ ئىشقا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 

       كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى 1979-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات قۇرال كۈچى ئارقىلىق، تۈركىيە، ئىراق، ئىران ۋە سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تۇتىشىدىغان چېگىر رايونىدا كۇردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ چىقماقچى بولغان، بۇ تەشكىلات تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلات دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.ئۆتكەن يىلى 7-ئايدىن بويان، كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى توختىماستىن تۈركىيە ساقچى ئوفىتسېرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى سادىر قىلغان، تۈركىيە ئارمىيەسى بولسا بۇ تەشكىلاتقا قارشى تازىلاش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. 




    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز