ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ، سامسۇڭ Galaxy S7/Edge يانفونلىرى كەينى-كەينىدىن دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەت بازىرىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، سېتىلىش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولغان.
كورىيە تاراتقۇلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، سامسۇڭ Galaxy S7/Edge يانفونلىرى بازارغا سېلىنىپ ئىككى كۈن ئىچىدە، كورىيەدىكى سېتىلىش مىقدارى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
بازارغا سېلىنغان تۇنجى كۈنى، يەنى 1-مارت، ئىككى خىل يانفوننىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى تەخمىنەن 60 مىڭ دانە بولغان، 12-مارت 40 مىڭ دانە سېتىلغان. بۇ ئالدىنقى بىر ئەۋلاد بايراقدار يانفون Galaxy S6 نىڭ سېتىلىش سۈرئىتى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، S7 Edge يانفونىنىڭ سېتىلىش مىقدارى %40 نى ئىگەللەيدىكەن.
Galaxy S6/Edge بازارغا سېلىنغان دەسلەپكى مەزگىلدە، S6 Edge نىڭ سېتىلىش مىقدارى %20 نى ئىگەللەپ، ئىكى خىل يانفون ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق كېلىپ چىققان، ئەمما بۇلتۇر S6 Edge بازارغا سېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مال تەمىنلەش مۇقىم بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەن. بۇ يىل سامسۇڭ بۇ ئىشتىن ساۋاق ئالغان بولۇپ، S7 Edge نىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بازاردا S7 Edge نىڭ مال بىلەن تەمىنلىنىشى ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتقان بولۇپ، ئالدىن مۆلچەرلەنگەن سېتىلىش مىقدارىمۇ خىلى يۇقىرى ئىكەن.
Galaxy S7/Edge يانفونلىرىنىڭ كورىيەدىن باشقا دۆلەتلەردىكى سېتىلىش مىقدارى ھەققىدە تېخى ئېنىق ئۇچۇر يوق، ئەمما ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ يانفونلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدا گەپ يوق ئىكەن.