يەر شارى تورى خەۋىرى، :
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 3- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف مۇنداق دېگەن: تېررورلۇق تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» لىۋىيە ۋە يەمەننىڭ ئىچكى توقۇنۇشىدىن پايدىلىنىپ، لىۋىيە ۋە يەمەن رايونىدا ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ.
لاۋروف مۇنداق دېگەن: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قوشۇن يەمەننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سالىھنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان چاغدا، تېررورلۇق تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» لىۋىيە ۋە يەمەندە ئاكتىپلىق بىلەن كېڭىيىپ، بۇ قېتىملىق قارشىلىشىش ھەرىكىتىنىڭ مېۋىسىنى «تارتىپ كەتتى».
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: تېررورلۇق تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» ئافغانىستاندا يىلتىز تارتتى، بۇ ناھايىتى بىر خەتەرلىك بىر ئەھۋال.