تېڭشۈن تورى 14-مارت خەۋىرى، :
ئەزەلدىن غەرب دۇنياسىدىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك دەپ قارىلىدىغان ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدا ئاز ئۇچرايدىغان ئۇرۇشۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقۇچىسى ترامپ ئەسلى پىلان بويىچە جۈمە كۈنى چىكاگوغا بېرىپ سايلامغا قاتناشماقچى بولغان بىر مەيدان يىغىلىشىنى تۇيۇقسىز بىكار قىلدى، چۈنكى ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن قارشى تۇرغۇچىلار بۇنىڭ ئالدىدا ئۆز-ئارا تۇتۇشۇپ قالغان بولۇپ، ساقچى دائىرىلىرى توقۇنۇشقا ئارىلىشىپ، نەچچىلىگەن كىشىلەرنى قولغا ئالغاندىن كىيىن، ئاندىن بېسىققان.
گېرمانىيە خەۋەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر بېرىپ «ئامېرىكا جەمئىيىتى ترامپ ئېففېكتىنى سەل چاغلاپ قالدى» دېدى. تاراتقۇلارنىڭ يەنە دېيىشىچە، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق جايلارنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى يېقىندا توختىماستىن ئامېرىكا دىپلوماتىيە ساھەدىكىلىرىگە قاقشاپ «ترامپنىڭ چەتئەللىكلەرنى چەتكە قاقىدىغان كۆز قارشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دېدى.
لېكىن ترامپنىڭ سايلامدا بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئەكسىچە بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، فىرانسىيە ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ سىتاتىستىكا قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ سىياسىي پارتىيە ئىچىدىكى دەسلەپكى سايلام يېرىمدىن ئاشقان بولۇپ، ئىككى پارتىيەنىڭ 30 غا يېقىن شىتاتتا ئۆز ئارا رىقابەتلىشىشى جەريانىدا، دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى ھىلارى 14 شىتاتتا، ترامپ 15 شىتاتتا غەلىبە قىلغان.
جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دا ۋېي يەر شارى ۋاقىت گېزىتىگە: مىنىڭچە، ترامپنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش زۇڭتۇڭ نامزاتىغا ئېرىشىشىدە %70 ئېھتىماللىق بار، دېدى.