يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • خۇاۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىلەيزۈكى B3 رەسمىي ئېلان قىلىندى، باھاسى 999 يۈەندىن باشلىنىدۇ
  • ئالما سامسۇڭ بىلەن 2.6 مىليارد دوللارلىق OLED ئېكرانى كېلىشىمى ئىمزالىدى
  • شىفىرلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئالما يەنە بىر قېتىم FBI بىلەن تۇتىشىدىغان بولدى
  • ئالما IOS10 سىستېمىسىنىڭ ئۇقۇم لايىھەسىنى ئاشكارىلىدى
  • گۇگۇل Live Case نۇسخىلىق يانفون قوغداش قېپىنى ئېلان قىلدى
  • مىكروسوفىت iOS نۇسخىسىدىكى ۋىنفون كۇنۇپكا تاختىسى چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
  • LG gram 15 نۇسخىلىق تاختا كومپىيۇتېر ئامېرىكىدا بازارغا سېلىندى
  • Surface Phone كېلەر يىلى ئېلان قىلىنىدۇ
  • گوللاندىيە ئۇنىۋېرسىتېتى باكتېرىيىدىن باتارىيە ياساپ چىقتى
  • مىكروسوفىت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى سوتقا ئەرز قىلدى
  • ئامازون پات ئارىدا يېڭى نۇسخىدىكى تاختا كومپىيۇتېرنى ئېلان قىلىدۇ
  • بۈگۈن نېمە ئۈچۈن ئالما ئەپ دۇكانلىرىنىڭ رەڭگى يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىپ قالدى؟
  • LG شىركىتى پولشادا ماشىنا ئاككۇمۇلياتورى زاۋۇتى قۇرۇشنى پىلانلىدى
  • گېرمانىيە تەقلىدىي تېلېۋىزىيە سىگنالىنى توختاتماقچى
  • تەيجىدىيەننىڭ 1- پەسىللىك پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 تۆۋەنلەپ كەتتى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    كومپىيۇتېرىڭىزدىكى A دېسكا ۋە B دېسكا قەيەرگە كەتتى ؟

    مەنبە :toutiao.com       يوللىغۇچى : خالمۇرات بەكرى       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14

      

       Windows سېستىمىسىدىكى كومپىيۇتېرنى قوزغاتقاندا تۇنجى دېسكا بولسا C  دېسكىسىدىن باشلانغان بولۇپ، A ۋە B دېسكىسى قەيەرگە كەتتى؟

         قاتتىق دېسكا رايون نومۇرى يەنى دېسكا بەلگىسى  مىكروسوفت سېستىما قۇرۇلمىسىدىكى كومپىيۇتېرنىڭ دېسكىسىغا نام بېرىش شەكلى. UNIX ۋە  LINUX سېتىمىسىدا دېسكا بەلگىسى ئۇقۇمى يوق.

         ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 80-يىللارنىڭ بېشىدا IBM كومپىيۇتېرى ئالىي دەرىجىلىك كومپىيۇتېرنىڭ سىمۋولى ئىدى، قاتتىق دېسكىنىڭ باھاسى مىكرو كومپىيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغاچقا بىر قىسىم كارخانىلار قاتتىق دېسكا سەپلەنمىگەن كومپىيۇتېرلارنى بازارغا سالغان ھەمدە ئەرزان باھاسى ئارقىلىق تەدرىجىي ئومۇملاشقانىدى.

         ئۇ دەۋىردە DOS سېستىمىسى ئومۇملاشقان بولۇپ، بولۇپمۇ مىكروسوفت قۇرۇلغان چاغدا سېتىۋالغان  86-DOS ۋە ئۇندىن كېيىنكى  MS-MOS ئالقىشقا ئېرىشكەن. بۇ سېستىمىلار بالدۇرلا سىرتتىن چېتىلىدىغان دېسكىغا دېسكا بەلگىسى تەقسىم قىلغان بولۇپ، تۇنجى دېسكا بەلگىسى A دېسكا ئىدى، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئاساسلىق ساقلاش ئۈسكىنىسى يۇمشاق دېسكىغا قارىتىلاتتى.

         دەسلەپكى يۇمشاق دېسكا 8 دىيۇم چوڭلۇقتا بولۇپ، مىكرو كومپىيۇتېرنىڭ لاھىيلىنىشى ۋە ئومۇملىشىشىغا پايدىسىز ئىدى، MS-DOS سېستىمىسى ئومۇملاشقان مەزگىلدە رەسمىي ھالدا كومپىيۇتېر ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغىنى 5.25 ديۇملىق يۇمشاق دېسكا بولدى.

         مور قانۇنىيىتىگە ئاساسەن 5.25 ديۇملىق يۇمشاق دېسكىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ باھاسىمۇ توختىماستىن تۆۋەنلىدى، يەنە بىر جەھەتتىن سېستىمىنىڭ دېسكىنىڭ سىغىمىغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ ئۆرلىدى، شۇ سەۋەبلىك قوش دېسكا سەپلەش ئۇسۇلىمۇ ئومۇملاشتى A ۋە B دېسكا بەلگىسى يۇمشاق دېسكىغا بېرىلدى. ھەمدە بۇ ئىككىسى ئوخشاشلا 5.25 ديۇملىق دېسكا ئىدى.

         1982-يىلى مىكروسوفت دېسكا مۇلازىمىتى ھەيئەتلىكى 3.5 دىيۇملىق يۇمشاق دېتال ساھە ئۆلچىمىنى يولغا قويدى، 3.5 ديۇملىق يۇمشاق دېتالنىڭ ئارتۇقچىلىقى سىغىمى 5.25 ديۇملىق دېسكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ، ھەجىمى تېخىمۇ كىچىك ئىدى. 3.5 ديۇملىق دېسكىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ قوش دېسكا 5.25 ديۇم ۋە 3.5 ديۇمغا ئۆزگەردى.

         قاتتىق دېسكىنىڭ تەرەققى قىلىش بىلەن باھاسى تۆۋەنلەپ تەدرىجىي مىكرو كومپىيۇتېرنىڭ ئاساسلىق ساقلاش ۋاستىسىگە ئايلاندى.

         ئالدىنقى ئىككى دېسكا بەلگىسى ئىشلىتىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، MS-DOS 5.0 دىن باشلاپ سېستىما مەجبۇرىي ھالدا قاتتىق دېسكىدىكى ئاساسىي رايونغا C دېسكا بەلگىسى تەقسىم قىلغان، Windows بارلىققا كەلگەندىن كېيىنمۇ بۇ ئۇسۇلنى قوللانغان بولۇپ  ئوپتىكىلىق دېسكا، بارماق دېسكا، SD كارتا ۋە يۆتكىلىشچان قاتتىق دېسكا قاتارلىق بارلىق يېڭى دېسكىلارغا D ۋە كېيىنكى دېسكا بەلگىسى تەقسىم قىلىندى.

        21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ئوپتىكىلىق دېسكا، بارماق دېسكا قاتارلىق ساقلىغۇچلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن يۇمشاق دېسكا شاللىنىپ تاشلاندى.

         2007–يىلى 2-ئايدا ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ كومپىيۇتېر پارچە سېتىش دۇكىنى PCWorld يۇمشاق دېسكا ۋە يۇمشاق دېسكا قوزغاتقۇچنى سېتىشنى توختاتتى.

    2010-يىلى 4-ئايدا 1981-يىلى ئەڭ ئاۋال 3.5 دىيۇملىق يۇمشاق دېسكىنى ئىشلەپچىقارغان ۋە %70 بازارنى ئىگىلىگەن ياپونىيە سونىي شىركىتى 2011-يىلى 3- ئايدا يۇمشاق دېسكا ئىشلەپ چىقىرىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

    گەرچە بۇنداق بولسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا بېكىتىلگەن دېسكىغا نام بېرىش قانۇنىيىتى ئۆزگەرمىگەن بولۇپ A ۋە B دېسكا تارىخىي نام بولۇپ قېلىش بىلەن بىرگە C دېسكا Windows كومپىيۇتېرلىرىنىڭ تۇنجى دېسكا رايونىغا ئايلاندى.




    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز