رىزۋانگۈل مۇئەللىم:
تەتقىقاتچىلارغا ھەر ۋاقىت ئىشىكىمىز ئوچۇق يىپەك يولى تۈگۈنىدە ئېچىلغان كاتتا يىغىن رايونىمىز تەتقىقاتچىلىرىغا تېپىلغۇسىز پۇرسەت تەتقىقات نەتىجىلىرىمىزنىڭ خەلقئارا بازارغا چىقىشىغا يول ئېچىلدى
ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ باش دۇكىنىغا تۈنۈگۈن سەھەردىلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى نوپوزلۇق تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى يىغىلغانىدى، چۈنكى بۈگۈن بۇ يەردە «دۆلەتنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> ئىستىراتېگىيەلىك ئۇلۇغۋار پىلانىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرايلى!» تېمىسىدا، شىركەتنىڭ ياپونىيە، دۇبەيلەردە ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرىدىن كۆپچىلىكنى خەۋەردار قىلىش، يېڭى تۈرلەرنى جاكارلاش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلماقچى ئىدى.
سائەت 9 دا يىغىن باشلاندى. يىغىنغا ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەلگە تۇنۇلغان داڭلىق رىياسەتچىسى ئىسھاق سۇلايمان (مالىك بەكتۇر) رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىن دەسلەپكى قىسقىچە ئاخبارات ئېلان قىلىشتىن كېيىن، مۇخبىرلار سۇئال سوراش، شىركەت رەھبەرلىكى جاۋاب بېرىش شەكلىدە، يېڭىچە تۈس، يېڭىچە مەزمۇندا داۋاملاشتى. ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى بەس – بەستە تۈرلۈك سۇئاللارنى سوراشتى.
رىياسەتچى ئىسھاق سۇلايمان يىغىننىڭ مەقسىتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
- بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسىتى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستىراتېگىيەلىك ئۇلۇغۋار پىلانىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش؛ رايون ئەۋزەللىكىمىزنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە، بايلىق ئەۋزەللىكىگە، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش؛ چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقە، سودا ھەمكارلىقى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايونىمىز ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە تۆھپە قوشۇش؛ رايونىمىز تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەل ساغلاملىقىغا ئائىت تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە مىللىي تېبابەت مەخپىي رېتسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن قىزىپ چىقىپ، مەھسۇلاتلاشتۇرۇش ۋە دۆلەت ئىچى – سىرتىغا يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.
مۇخبىرنىڭ: «نېمە سەۋەبتىن بۇ يىغىننى ئېچىشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟» دېگەن سۇئالىغا، قانۇن پەنلىرى قوش ماگېستىرى، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتور ئاسپىرانتى، شىنجاڭ تەيئەيتەي شىركىتىنىڭ لېدىرى رىزۋانگۈل ئابلېز مۇنداق جاۋاب بەردى :
- شىنجاڭ تەيئەيتەي شىركىتى بۇلتۇر خەلق سارىيىدا يىغىن ئىچىپ، يېشىل شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، باشقا بىر قىسىم شىركەت ۋە تەتقىقاتچىلارمۇ ھەمكارلىشىش ئويىنىڭ بارلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى. شىركەت مۇدىرىيىتى نۇرغۇن ئويلىشىش ۋە مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئېچىپ، رايونىمىز ساغلاملىق ساھەسىدىكى شىركەت ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى، ئەل ئىچى مەخپىي رېتسىپلىرىنى مەھسۇلاتلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا يۈزلەندۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى قارار قىلدى. بۇ ئارقىلىق ئەل ئىچىدە كۆمۈلۈپ قالغان رېتسىپلار يەنىمۇ قېزىپ چىقىلىدۇ، نەتىجىلىرىنى بازارلاشتۇرالمايۋاتقان تەتقىقاتچىلارغا يول ئېچىپ بېرىلىدۇ.
نۆۋەتتە شىركەت بۇ خىزمەتكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى. ئەگەر بۇ جەھەتتە ھەمكارلىشىش ئويى بارلار شىركىتىمىزنىڭ قىزىق لىنىيە تېلېفونى (236 0800 400) ئارقىلىق خادىملىرىمىز بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ. تەتقىقاتچىلارغا ھەر ۋاقىت ئىشىكىمىز ئوچۇق.
مۇخبىرنىڭ «سىلەر مەھسۇلاتىڭلارنىڭ سۈپىتىگە قانداق تەلەپ قويىسىلەر؟ ھەمكارلىق ئوبيېكىتلىرىغا قانداق تەلىپىڭلار بار؟» دېگەن سۇئالىغا، رىزۋانگۈل ئابلېز يەنە مۇنداق دېدى:
-شىركىتىمىز قۇرۇلغاندىن بېرى سۈپەت ۋە ئادىمىيلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلدۇق ھەم بۇنىڭغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىز بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ھەر قانداق شەخس ياكى شىركەت سۈپەت ۋە ئادەمىيلىكىگە ئىزچىل كاپالەتلىك قىلمىسا، مەيلى ئۇ قانچىلىك پايدا يارىتىدىغان تۈر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانماي، شۇ ھامان ھەمكارلىقنى توختىتىمىز.
سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالمىغان، ئادەمىيلىكى دۇرۇس بولمىغان كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتى دۇكانلىرىمىزدا مەيلى قانچىلىك تېز ئوبوروت قىلىنىۋاتقان، بىزگە قانچىلىك پايدا يارىتىۋاتقان بولسۇن، ئۇ خىل مەھسۇلات دەرھال مال پەشتاختىلىرىمىزدىن چۈشۈرۈلىدۇ، دۇكانلىرىمىزدىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى ھەمكارلىققا چاقىرىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىمىزدىمۇ ئەلۋەتتە بۇ مەڭگۈلۈك پىرىنسىپىمىزنى تەكىتلەيمىز. بىز بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغان تەتقىقاتچىلار ۋە مەخپىي رېتسىپى بارلار ياۋروپا بازىرىنى نىشانلىغان بولسا، مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىلىپ، ياپونىيەدە مەخسۇس سۈپەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بازارغا يۈزلەندۈرۈلىدۇ؛ ئوتتۇرا شەرق، ئەرەب ئەللىرى بازىرىنى نىشانلىغان بولسا، مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىلىپ، دۇبەيدە مەخسۇس سۈپەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بازارغا يۈزلەندۈرۈلىدۇ. بىزنىڭ سۈپىتى ئىشەنچىلىك مەھسۇلاتلارنى شىنجاڭ ئىچى، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە خەلقئارا بازارغا يۈزلەندۈرۈشتە تولۇق ئىشەنچىمىز ھەم مەلۇم ئاساسىمىز بار.
مۇخبىرنىڭ: « بىر بەلباغ، بىر يول ئىستىراتېگىيەسىگە ئاۋاز قوشۇش جەھەتتە شىركىتىڭلارنىڭ قانداق ئەۋزەللىكى بار؟» دېگەن سۇئالغا، شىنجاڭ تەيئەيتەي شىركىتىنىڭ دۇبەي خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش دىرېكتورى قەيسەر قۇربان مۇنداق دېدى:
-نۆۋەتتە شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بىر تۇتاش، سىستېمىلىق باشقۇرۇشىدىكى «تەيئەيتەي كوللاگېنلىق پېپتىد مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى» تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىي، بارلىق ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيە، يېزا – قىشلاقلارنى قاپلىدى ھەمدە زەنجىرسىمان دۇكان 400 دىن، خادىمى 2000 دىن ئاشقان چوڭ كارخانىغا ئايلاندى.
شىركەتنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى ئەمەلىي كۈچى زورىيىپلا قالماي، دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزى، ئىناۋىتىمۇ بارغانسېرى ئۆستى ھەم قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىچكى ئۆلكىدىكى داڭلىق شىركەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەرساھە زاتلىرىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، جۇڭخۇا سۇڭ چىڭلىڭ خەلقئارا فوندى جەمئىيىتى شىنجاڭ تەيئەيتەي شىركىتىنى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ۋاكالىتەن ئىش بىجىرىش ئورنى قىلىپ بېكىتتى، لېدىر رىزۋانگۈل ئابلېزنى جەمئىيەتنىڭ كېڭەش ئەزالىقىغا تەيىنلىدى.
شىنجاڭ تەيئەيتەي شىركىتى بېيجىڭ خەيدېرۇن دورىگەرلىك زاۋۇتىنىڭ بىر ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى سېتىۋالدى ھەمدە 2015 – يىلى 1 - ماي بېيجىڭدا بۇ زاۋۇتقا «شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» دېگەن ۋېۋىسكىنى ئاستى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئۆز ماركىسى «كوللاگېنلىق پېپتىد» نى ئەنگە ئالدۇردى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا «دۆلەت پېپتىدى» ماركىسىدىكى كوللاگېنلىق پېپتىدلارنى ئايرىپ ئالدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، شىركەت لېدىرى رىزۋانگۈل ئابلېز دۆلەت پېپتىدى بىيو تېخنىكا (بېيجىڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى بولۇپ، بۇ شىركەت ئىچكىرىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش تورىنى شەكىللەندۈرگەن.
شىركەت يەنە، 2015 – يىلى 25 – ئۆكتەبىر شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر بۆلۈك مۇنەۋۋەر دوكتۇر تەتقىقاتچىلار رەھبەرلىكىدىكى شىنجاڭ يېشىل بىيو پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۇزاق يىللىق ھەمكارلىق ئورناتتى ۋە «تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسى» ماركىسىدىكى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى.
نەتىجىدە شىركەت تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىرگەۋدىلەشكەن كارخانىغا ئايلاندى.
شىركەت ئىزچىل سۈپەت ۋە ئادىمىيلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، دۆلەت ئىچىدە زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلغاندىن باشقا، «دۇنياۋى كارخانا» بولۇش يولىدا بوشاشماي تىرىشتى. شىنجاڭ تەيئەيتەي شىركىتى نۆۋەتتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۇنياۋىي شەھىرى، ئوتتۇرا شەرقتىكى پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولغان دۇبەيدە يېشىل شىركىتىنى قۇردى ھەم «كوللاگېنلىق پېپتىد»، «دۆلەت پېپتىدى»، «ئۇمېكېن»، « تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسى» ماركىسىدىكى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى دۇنيا بازىرىغا يۈزلەندۈرۈش يولىدا ئىزچىل تىرىشماقتا.
ئۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيەدە قۇرۇلغىلى خېلى بولغان H&S شىركىتىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈۋالدى ھەمدە ياپونىيەدىكى بىردىنبىر ھالال يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان ياپونىيە ئۇمېكېن (umeken) پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى، شۇنداقلا ياپونىيەدىمۇ يېشىل شىركىتىنى قۇرۇپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى دەسلەپكى قەدەمدە باشلىدى.
شىركەت يەنە ئامېرىكا نۇر دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خەلقئارا GMP تەستىقىدىن ئۆتكەن، «نۇر» ماركىسىدىكى «ھالال» يۈرۈشلۈك ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگودىكى باش ۋاكالەتچىلىكىنى ئالدى.
بۇنىڭ بىلەن، شىركەتنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىمۇ مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولۇپ، تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى خەلقئارادا بازارلاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.
دېمەك، مەيلى شىنجاڭ ئىچى ياكى ئىچكى ئۆلكىلەردە بولسۇن، ۋە ياكى ياپونىيە، دۇبەي، ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان ئەللەردە بولسۇن، مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولدۇق، شۇڭا بۇ جەھەتتە ئەۋزەللىكىمىز بار ھەم ئىشەنچىمىز تولۇق.
مۇخبىرنىڭ: «شىركىتىڭلارنىڭ ياپونىيە ۋە دۇبەيدىكى تەرەققىيات ئەھۋالى قانداق؟ بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا نىسبەتەن قانداق تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدىڭلار؟» دېگەن سۇئالىغا، شىنجاڭ تەيئەيتەي شىركىتىنىڭ ياپونىيەدىكى تارمىقى ياپونىيە H&S شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابلەت ئابلېز مۇنداق دېدى:
-ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ياپونىيەدە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىگە نىسبەتەن تۈرلۈك سۈپەت ئۆلچىمى ناھايىتى قاتتىق. بۇ يەردىكى سۈپەت ئۆلچىمىدىن ئۆتكەن مەھسۇلات مەيلى ياۋروپا ياكى ئاسىيا ئەللىرىدە بولسۇن، ھەر جەھەتتىن خەلقئارا بازارغا بىمالال كىرەلەيدۇ.
دۇبەي ئوتتۇرا شەرق پۇل مۇئامىلە مەركىزى، ئەڭ تەرەققىي تاپقان شەھىرى. بۇ يەردە سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆلچىمىدىن ئۆتسە، ئوتتۇرا شەرق، ئەرەب ئەللىرىدە مەھسۇلاتىمىزنىڭ بازار تېپىشىدا مەسىلە يوق، شۇڭا بىز ھەر جەھەتتىن ئويلىشىپ، سۈپەت تەكشۈرۈش ئەڭ چىڭ بولغان بۇ ئىككى دۆلەتنى تاللىدۇق.
نۆۋەتتە، ياپونىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان «ئۇمېكېن» ماركىسىدىكى مەھسۇلاتنىڭ دۇبەينىڭ تۈرلۈك سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆلچەملىرىدىن ئۆتتى، ئىلكىمىزدىكى قالغان مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭمۇ بۇ ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە ئىشەنچىمىز كامىل.
ئەلۋەتتە، بىز بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغانلارغىمۇ بۇ تەلەپنى قاتتىق قويىمىز. بىز بۇ جەھەتتىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۈتكۈزۈپ بولدۇق. ھەمكارلاشقۇچىلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
يىغىنغا قاتناشقان ئامىنە بىيو تېخنىكا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنى لېدىرى، رايونىمىزدىكى داڭلىق تەتقىقاتچى ئامىنە خانىم مۇنداق دېدى:
-رىزۋانگۈل مۇئەللىم باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ تەيئەيتەي شىركىتىنىڭ ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەم بۇلارنىڭ ئىزچىل تۇتقان يولى مېنى بەكلا تەسىرلەندۈردى ھەم قايىللىقىمنى قوزغىدى.
مەن بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن شىنجاڭدىكى يول تاپالمايۋاتقان، مەھسۇلاتلىرىنى بازارلاشتۇرالمايۋاتقان تەتقىقاتچىلارغا ياخشى بىر پۇرسەتنى كۆرگەندەك بولدۇم. مەن رىزۋانگۈل مۇئەللىمگە ئىشىنىمەن ھەم ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمەن. ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئۇتۇقلۇق، كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىغا ئىشەنچىم تولۇق.
مانا مۇشۇنداق يىغىنلارنىڭ ئېچىلىشى ۋە كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈشى يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە جايلاشقان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ئەھمىيىتى زور، دەپ قارايمەن.
شىركەت قىزىق لىنىيەسى: 400 0800 236
مۇخبىردىن قوشۇمچە «دۆلەت پېپتىدى» نىڭ ئۇتۇقلىرى:
شىنجاڭ تەيئەيتەي شىركىتى يەنە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئۆز ماركىسى «كوللاگېنلىق پېپتىد» نى ئەنگە ئالدۇردى ھەمدە 2015 – يىلى ئىيۇندا شىنجاڭ دۆلەت پېپتىدى بىيو تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇردى. نۆۋەتتە بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان «دۆلەت پېپتىدى» ماركىسىدىكى كوللاگېنلىق پېپتىدلار مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1 - ئاۋغۇست گىمناستىكا ئەترىتى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مەھسۇلات»، «مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان مەھسۇلات»، «CCTV مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى سودا شەھەرچىسىدىن ئورۇن ئالغان مەھسۇلات» قاتارلىق كاتتا شەرەپلىرىگە نائىل بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مىلان دۇنيا يەرمەنكىسىدە «1000 يىل ئالتۇن مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى ھەم خەلقئارالىق «ھالال» ئېتىراپنامىسى بېرىلدى.