سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، :
ئەنچېلوتتىنىڭ بايانلىرى:
سىنا تەنتەربىيەسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مەن بۇ قېتىم قىيىنلىق دەرىجىسى«مېسسنى قانداق مۇداپىئە قىلىش» توغرىسىدىكى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان تېما توغرىسىدا توختالماقچى. بىر مەشقاۋۇل بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېسسى ھەر دائىم مۇسابىقىلەردە ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرغاندا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ «قانداق قىلغاندا مېسسىنى مۇداپىئە قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن سوئالىغا دۇچ كىلىمەن.
مېسسىنى قانداق قىلغاندا مۇداپىئە قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ بىر ھالقىلىق مەسىلە. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان بارسېلونا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىغان كوماندىلارنىڭ ھەممىسى (مەنمۇ يېقىندا پارىژ ۋە خانلىق مادرىد كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولغان ۋاقتىمدا بارسېلونا كوماندىسى بىلەن ئۇچراشقان) بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە سىن لېنتىسىنى كۆرۈپ مېسسىنى توپ مەيدانىدىكى ھەرىكىتىنى چەكلىيەلەيدىغان بىرەر ئامال تېپىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. چۈنكى بىرگە بىر مۇداپىئە قىلغان ئەھۋال ئاستىدا مېسسىنى مۇداپىئە قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
مەن چىقارغان يەكۈن شۇكى، ئەگەر مېسسى %100 ساغلام ئەھۋالدا، ئۇنى توسۇش مۇمكىن ئەمەس. قارشى تەرەپنىڭ مەشقاۋۇلى مەيلى كىم بولسۇن، ئاتالمىش مۇداپىئە تاكتىكىسى قانداق بولسۇن، مېسسىنىڭ تالانتى ئۇنىڭ رەقىبلىرىنى ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە قارىتا ئالدىنئالا ھۆكۈم چىقىرىشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نەتىجە شۇكى: توپ مەيدانىدىكى مېسسىنى كونتىرول قىلغىلى بولمايدۇ.
ئەلۋەتتە، باش مەشقاۋۇل بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن چوقۇم بىر قىسىم مېسسىغا قارىتىلغان تاكتىكا تۈزىمەن، مېنىڭ بۇ يەردە دەۋاتقانلىرىم پەقەت بىر ئېھتىماللىق.
مەخسۇس بىر مۇداپىئەچى بىلەن مېسسىنى مۇداپىئە قىلىش ئىنتايىن قىيىن ئىش. چۈنكى مېسسىنى مۇداپىئە قىلغۇچىغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى.
ئەڭ ياخشى ئامال باشقا ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ مېسسىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەش. بۇ بىر پۈتۈن كوماندىنىڭ تىرىشىپ ئۇنىڭ توپ قوبۇل قىلىشىنى توسۇش، مۇداپىئە رايونلىرى ئارىسىدىكى بوشلۇقلارنى كىچىكلىتىشكە مۇھتاج.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ بولسىمۇ ئوتتۇرا مەيداندىكى ئەزالار سانىنى كۆپەيتىپ بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ئەزالىرىغا بولغان توسقۇنلۇقنى كۈچەيتىش، ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئۇلار ئۆزى ئويلىغاندىكىدەك توپ ئوينىشىغا يول قويماسلىق كېرەك، مېسسنىڭ توپ ئېلىش پۇرسىتى ئازلىسا، ئۇ چوقۇم ئوتتۇرا مەيدانغا قايتىدۇ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەيدانغا قايتىشى ئۇنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ئورۇندىن ئايرىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭلاشقا پۈتۈن كوماندا ئەزالىرى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، خاتالىق سادىر قىلماسلىقى كېرەك. بىراق مېسسى بىر نۇقتىنى ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولدى. ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇ ھەر بىر ئادەمدىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ.
رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى: مېسسى توپ ئېلىپ ماڭغاندا چوقۇم ئارقا بەل ۋە مۇداپىئە سېپىدىكى سول تەرەپ تەرەپكە يانداشقان ئۈچ مۇداپىئەچى چوقۇم ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. بىز ھەممىمىز مېسسىنىڭ يان تەرەپتىن يانتۇ سىزىق شەكلىدە ئوتتۇرا يولغا قىستۇرۇلۇپ كىرىشكە ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. شۇنداق ۋاقىتلاردا ئىككى ئوتتۇرا مۇداپىئەچى چوقۇم ئۆز ئارا بىر-بىرنى قوغدىشى ھەمدە ئۇدۇل تەرەپتىن توسۇشى كېرەك. ئارقا بەل ئەزاسى بولسا بىر تەرەپتىن توپ ئېلىپ ماڭغان مېسسىغا بېسىم چۈشۈرۈشى ۋە توسقۇنلۇق قىلىشى، كۈچىنىڭ بارىچە ئۇنىڭ توپنى ئېلىپ چەكلەنگەن رايون ياي سىزىقى ئەتراپىغا كېلىشىنى توسۇشى كېرەك. چۈنكى نەق شۇ رايوندا مېسسى ئەركىن-ئازادە ھالدا سول پۇتى بىلەن قاپقىغا قارىتىپ توپ تېپەلەيدۇ.
گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ سىز يەنە بىر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كىلىسىز. ئۇ بولسىمۇ توپ مەيدانىدىكى مېسسىدىن باشقا بارسېلونانىڭ ھۇجۇمچى ئەزالىرى. سىز ئۆزىڭىزنىڭ دىققىتىڭىزنى مېسسىغا مەركەزلەشتۈرسىڭىز ئۇ ھالدا مۇداپىئەنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ-دە، زەربە باشقا ھۇجۇمچىلاردىن كېلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا مەن باشتا دەپ ئۆتكەندەك بارسېلونا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىغان ۋاقىتتا پۈتۈن كوماندىنىڭ تىرىشچانلىقى ئەڭ مۇھىم. كوماندىدىكى بارلىق ئەزالار ئۆزىنىڭ دىققىتىنى مۇسابىقىگە مەركەزلەشتۈرەلىشى كېرەك. مېسسنى قانداق توسۇش مەسىلىسىگە كەلسەك سىز پەقەت شۇ كۈنى ئۆزىڭىزنىڭ ئامىتىڭىزنىڭ ئوڭدىن كېلىشىنى تىلەڭ.